
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-28
- كۆرۈلۈشى:
- 901 قىتىم
ئەپ ئىسمى: روھلان تورى
ئەپ تۈرى: ئالاقە ئەپلىرى
تەۋسىيە دەرىجىسى: 0
يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28
ئەپ ھەققىدە: بۇ قېتىملىق روﻫلان مۇنبىرى ئاندىرويىد (Android) يانفۇن تېرمىنالى 1.2 نۇسخىسىدا تۈزىتىلگەن ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:1. ئەپ قوزغىلىش كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئىككى دانە قارا چېكىت يوقىتىلدى .(كىچىككىنە خاتالىققىمۇ يول قويمىدۇق )2. ئىلگىرىكى ئەپ قوزغالغاندا يانفۇننىڭ پۈتۈن ئىكرانىنى ئېگەللەپ، ئۈستىدىكى سائەت، سىگنال بەلگىسى، باتارىيە توك قالدۇقى،... قاتارلىقلارمۇ كۆرۈنمەيدىغان ئەﻫۋاللار تۈزىتىلىپ، باشقا يانفۇن ئەپلىرىگە ئوخشاش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.3. ئۇيغۇرچە ئىسىمدا تىزىملاتقانلارنىڭ يانفۇن نۇسخىسىدا ئىسىم يېزىپ كىرەلمەسلىك مەسىلىسى ﻫەل قىلىنىپ، تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.4. تېما، ئىنكاس يوللىغاندا ئۇيغۇرچە ۋە ULY ئوتتۇرسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا مەزمۇن رامكىسىنى بىر قېتىم تاللاشتىن ئىبارەت ئاۋارىچىلىق تۈزىتىلىپ، ئۆز ئارا ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ بىۋاستە يازغىلى بولىدىغان ﻫالەتكە كەلتۈرۈلدى.5. يانفۇندا چۈشۈرۈش ئادرىسى قاتارلىق تور ئادرىسلىرىنى قوشقاندا ئۇلانماي ئادەتتىكىدەك چىقىۋالىدىغان، كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ بىر قېتىم تەﻫرىرلىۋەتمىسە ئۇلانما ئىشلىمەيدىغان ئەﻫۋال تۈزىتىلپ، يانفۇندىمۇ بىۋاستە ئۇلانما قوشقىلى بولىدىغان، يوللىغان ئادرىس ئۆزلىكىدىن كۈچكە ئېگە بولىدىغان قىلىندى.6. يانفۇندا يوللىنىدىغان تېما ، ئىنكاس چەكلىمىسى ئىلگىرىكى 1000 ﻫەرىپتىن 3000 ﻫەرىپكە كۆتۈرۈلدى، يانفۇندىمۇ كۆپ مەزمۇننى يوللاش ئەمەلگە ئاشتى.7. سۇئال بەلگىسى تەتۈر كۆرۈنىدىغان مەسىلە ﻫەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلدى.