
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۋېتسىيەلىك لايىھىلىگۈچى يۇيمىسىمۇ بولىدىغان تەخسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان . بۇ خىل تەخسىنىڭ سىرتقى يۈزى بىر خىل يېڭى تېخنىكا بىلەن ياسالغان بولۇپ ، ماي ۋە سۇغا كۈچلۈك قارشىلىق كۈچى بار ئىكەن . شۇڭا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ، سۇغا سالسا تاماقنىڭ قالدۇقلىرى پاكپاكىز چىقىپ كېتىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل تەخسە يېڭى سېلليۇلوزا ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ ، لايىھىلىگۈچى سېلليۇلوزا قەغەز بوتقىسىنى قىزىتىپ ، قېلىپقا سالغاندىن كېيىن ، تەخسە ياكى قاچىنىڭ شەكلىگە كەلتۈرىدىكەن . بۇ خىل ماتېرىيال سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن ، فارفۇردەكلا قاتتىق ھەم يېنىك بولۇپ كېتىدىكەن