
ئامېرىكا كالىفورنىيەدىكى 61 ياشلىق ئەر نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ناھايىتى چوڭ تىپتىكى بىر ساياھەت ئاپتوموبىلى ياساپ، 4 ياشلىق قىزىنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كۈچەيتىلگەن بالونى بار بولۇپ، 45 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇقتا ماڭالايدىكەن، ئىچىگە ئىشخانا، مۇنچا، ياتاق ئۆي سەپلەنگەن . ئاپتوموبىلغا 22 كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئەتراپىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانمۇ سەپلەنگەن ئىكەن.

ht4ئاقيول تور بىكىتى
