WERئاقيول تور بىكىتى
ئافغانىستان خېلماند ئۆلكىسىگە جايلاشقان باس لاگېرى ئەنگىلىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرغان چەت ئەلدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىشلار لاگېرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ لاگېردىكى ئەسكەرلەر قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋە قۇم-بوراننىڭ تەھتىدىدە ياشىماقتا . بىراق ، بۇ يەردە يەپ تۈگەتكۈسىز بەرەڭگە قەلەمچىسى بار . بۇ يەردىكى ئەسكەرلەر ھەر ھەپتىدە 7.5 توننا بەرەڭگە قەلەمچىسى يەيدۇ . ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› 10-سېنتەبىر لاگېر توغرىسىدىكى بىر گۇرۇپپا سۈرەتنى ئېلان قىلىپ ، بۇ لاگېرنىڭ ‹‹سىرلىق پەردىسى››نى ئېچىپ تاشلىغان .WERئاقيول تور بىكىتى
بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەت ئەنگىلىيە ئىمپېرىيەسى ئۇرۇش مۇزېي (IWM) دا كۆرگەزمە قىلىنغان ‹‹ ئۇرۇش ھېكايىسى : ئافغانىستان ئالدىنقى سەپ تەمىناتى ›› تېمىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . سۈرەتلەردە باس لاگېرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ℃ 50 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئەسلىھەلەرنى ، قورال -ياراغ ۋە ئوق -دورا ھەمدە ئارقا سەپ ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەشنىڭ مۇرەككەپلىكى نامايان قىلىنغان . WERئاقيول تور بىكىتى
خەۋەر قىلىنىشىچە ، 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ، IWM نىڭ خىزمەتچىلىرى ئافغانىستانغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، سۈرەتكە تارتىش ، زىيارەت خاتىرىسى ھەمدە سىن ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ماتېرىيال توپلاپ ، بۇ لاگېردىكى ئارقا سەپ خادىملىرىنىڭ تومۇز ئىسسىققا قارىماي ، قالاق ئەسلىھەلەر ھەمدە تارىخى توقۇنۇش قاتارلىق قىيىن شارائىتتا ، لاگېردىكى كەسپىي ئەسلىھەلەر ھەمدە ئەسكەرلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كېرەكلىك نەرسىلەرگە قانداق كاپالەتلىك قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .WERئاقيول تور بىكىتى
WERئاقيول تور بىكىتى
WERئاقيول تور بىكىتى
WERئاقيول تور بىكىتى
WERئاقيول تور بىكىتى
WERئاقيول تور بىكىتى
WERئاقيول تور بىكىتى
WERئاقيول تور بىكىتى