ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە جەھەتتىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قەدىمكى يادىكارلىقلىرى ئەڭ كۆپ ساقلانغان برىتانىيە مۇزېيى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىنىڭ بلومبۇرى رايونىدا بولۇپ ، ھەر يىلى بۇ مۇزېيدىكى قەدىمكى يادىكارلىقلارنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدىغان ساياھەتچى 7 مىليونغا يېتىدۇ . مۇزېيغا قويۇلغان تاش ئويمىلار كىشىنى مەھلىيا قىلسا، سىرلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كىشىنىڭ تېخىمۇ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. تارىختىكى ھەر قايسى دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرى ھېچ يەردە بۇ مۇزېيدىكىدەك كۆپ توپلانمىغان ھەم ئەينەن، تولۇق ساقلانمىغان .
قەدىمكى يادىكارلىقلارنى توپلاش، ساقلاش بىلەن داڭق چىقارغان ئەنگلىيەلىك دوختۇر، تەبىئەتشۇناس مانىس سىلون ئۆزى يىغىپ ساقلىغان 30 مىڭغا يېقىن قىممەتلىك يادىكارلىقنى 1753 – يىلى ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ، دۆلەتتىن مەخسۇس مۇزېي سېلىپ، بۇ يادىكارلىقلارنى ئەبەدىي ساقلاشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، مەبلەغ توپلاپ كۆرگەزمە زالى ياساش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن 17 – ئەسىردە برىتانىيە مۇزېيى بىنا قىلىنغان. كېيىن ئەنگلىيەنىڭ روناق تېپىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا مىقياسىدا مىسىر، مىسوپوتامىيە، گىرېتسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو قاتارلىق ئەللەرنىڭ قەدىمكى دەۋرلەرگە ئائىت مىراسلىرى، مەشھۇر گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى، كىتابلار ۋە باشقا ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مەدەنىيەت، تارىخىي ماتېرىيال بايلىقى كەڭ دائىرىدە توپلىنىپ مۇزېيىغا قويۇلغان. دۇنيا مەدەنىيىنىڭ جەۋھەرلىرى، دەپ قارالغان مىراسلار، يادىكارلىقلار بۇ مۇزېيغا يىغىلغان.
ھازىر بۇ مۇزېي مەزمۇن جەھەتتە سەككىز چوڭ بۆلۈمگە ئايرىلدى. بۇ بۆلۈملەردە پۇل ۋە مېداللار، مىسىر قەدىمكى يادىكارلىقلىرى، گىرېتسىيە ۋە رىم قەدىمىي يادىكارلىقلىرى، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلارنىڭ يادىكارلىقلىرى، ئەنگلىيەنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى ۋە رىملىقلار ھۆكۈم سۈرگەن زامانلاردىكى يادىكارلىقلىرى، غەربىي ئاسىيا قەدىمكى يادىكارلىقلىرى، تۈرلۈك رەسىملەر بار. بېلەتسىز ئېچىلىدىغان بۇ مۇزېيغا 21 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر، قايسى دۆلەتكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ. مۇزېيدا قەھۋەخانا، قىرائەتخانا، نۇتۇق زالى بار. ھازىر بۇ مۇزېيدا نەشرىياتچىلىق، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئاتكرىتكا تارقىتىش، دوكلات ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئاممىغا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ناماياندىسى بولغان قەدىمكى يادىكارلىقلار تونۇشتۇرۇلماقتا.
ئەنگىلىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى باش لاگېرى
ئەنگىلىيەلىك ‹‹ئەڭ ئۇزۇن تىللىق ئەر››
مانا بۇ نەمۇنىلىك ئەر !
ھايات مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر
ئادەمنىڭ ئۆلۈش جەريانى
بىز شىنجاڭدىن كەلدۇق!
ئافغانىستاندىكى تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى - نىلوفەر
دۇنيانىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرى توپلانغان جاي بىرىتانىيە مۇزېيى
ئويۇنچۇق ماشىنا ھەيدەپ سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتكەن ئىككى ياشلىق قىزغا جەرىمانە قويۇلدى
قىممەت باھالىق تېلېفون نومۇرى
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
ئەنگىلىيە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› نىڭ تەننەرخى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەچكە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
قورقۇنچلۇق يۈز رەڭلىك سىزمىلىرى
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت تاماكا بارلىققا كەلدى
ئەنگىلىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى باش لاگېرى
ئەنگىلىيەلىك ‹‹ئەڭ ئۇزۇن تىللىق ئەر››
گېرمانىيەدە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگىلىيەلىك بوۋاي 1.8 مېتىرلىق چوڭ قاپاق يېتىشتۈردى
جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا چاچ ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بايرىمى
ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا...