• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەنگىلىيەلىك بوۋاي 1.8 مېتىرلىق چوڭ قاپاق يېتىشتۈردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-05-10 15:48:07
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ZGjئاقيول تور بىكىتى

     ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 4-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە كامبرىج ۋىلايىتىدىكى 72 ياشلىق Luca Anotonio Puopolo بوۋاي ئۆز ئۆيىنىڭ كۆكتاتلىقىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.83 مېتىر كېلىدىغان سەي قاپىقى ئۆستۈرگەن . بوۋاي بىر قىسىم ئەينەك ئۆيلىرىنى چېقىۋېتىپ ، سەي قاپىقىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن.
      بوۋاينىڭ دېيىشىچە ، قاپاق تېخى تۈپىدىن ئايرىلمىغان بولۇپ ، يەنە ئۆسىدىكەن . ئۇنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ئۆسۈشى بۇ يىل يازدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ پايدىسىدىن ئىكەن . سەي قاپىقى ئۇرۇقىنى تېرىغاندىن كېيىن ، بوۋاي ئۇنى سۇغۇرۇپلا قويغان، بىراق بەزىدە بۇ قاپاق بىر ئاخشامدىلا 0.15 مېتىر ئۆسكەن. بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن.
      بوۋاي قاپاقلىرىنىڭ 2.44 مېتىرغىچە ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن ، چۈنكى ئۇنىڭ قاپىقى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشقا ئازلا قاپتۇ، ھازىرقى ‹‹ئەڭ ئۇزۇن قاپاق›› دۇنيا رېكورتى 2005-يىلى كانادالىق Gurdial Singh Kanwal ياراتقان 2.39 مېتىرلىق رېكورت ئىكەن.

    ZGjئاقيول تور بىكىتى

    ZGjئاقيول تور بىكىتى

    ZGjئاقيول تور بىكىتى

    ZGjئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز