تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، گوللاندىيەلىك كىيىم لايىھەلىگۈچى دەئەن روسسوگارد ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بىر كۆينەك لايىھەلىگەن . كۆينەككە ئىشلىتىلگەن مىكروتىپلىق سەزگۈر دېتالى كۆينەك كىيگۈچىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە يۈرەك سېلىشىنى سېزەلەيدىغان بولۇپ ، كىيگۈچىنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلەشكەنسېرى، كۆينەك سۈزۈكلىشىپ كېتىدىكەن . ئەگەردە كىيگۈچىنىڭ كەيپىياتىدا جىددىيلىشىش ياكى ھاياجانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنسە ، كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ئېلېكترون مېتال بۇنى سېزىۋىلىپ كىيىم ئۆزلىكىدىن چىڭلىشىپ ، كىيگۈچىنى تېخىمۇ تەنناز كۆرسىتىدىكەن .

تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى