
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ياپونىيەلىكلەر كارۋاتتا تۇرۇپلا تاماق يېگىلى، تورغا چىققىلى ۋە نەرسە-كېرەك ساقلىغىلى بولىدىغان ‹‹ھورۇنلار كارۋىتى››نى كەشىپ قىلغان . بۇ ھورۇنلار كارۋىتىدا كىشىلەر ھاجەت قىلىشتىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋىتىغا كومپيۇتېر ئۈستىلى سەپلەنگەن بولۇپ ، كومپىيوتېر ئۈستىلىنىڭ نەرسە-كېرەك ساقلاش تارتمىسىدا يېمەكلىك ، كىتاب-ژۇرنال ، قەغەز قاتارلىق ھەر خىل بۇيۇملارنى ساقلىغىلى بولىدىكەن . بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋىتىنىڭ يېنىدا يەنە كىر يۇيۇش ماشنىسى ۋە ئەخلەت تۇڭىمۇ بار ئىكەن . نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، كىشىلەر نەچچە ھەپتىگىچە بۇ كارۋاتتىن چۈشمەيمۇ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن .Kvgئاقيول تور بىكىتى