
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 11-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى Customvine شىركىتى بوتۇلكا شەكلىدىكى ‹‹مۆجىزە ماشىنا›› ناملىق ھاراق ياساش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان. بۇ ماشىنا سۇ بىلەن ئالاھىدە خام ئەشيانى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ، ئالىي سورتلۇق ھاراق ئىشلەپچىقىرالايدىكەن.fPNئاقيول تور بىكىتى
‹‹مۆجىزە ماشىنا›› ئۈزۈم قويۇلدۇرۇش سۇيۇقلىقى، ئېچىتقۇ ۋە باشقا تەركىبلەر ئارقىلىق ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ئوخشىمىغان تەركىبلەردىن ھەر خىل تەمدىكى ھاراقلارنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن. ھازىر بۇ شىركەت بۇ خىل ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئالتە خىل تەمدىكى ھاراقنى ياساپ چىققان. كېيىنكى ئۈچ ئايدا يەنە بەشتىن ئون خىلغىچە يېڭى تەملىك ھاراق ياساپ چىقىرىلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ خىل ھاراق ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسىنىڭ ئەسلى تىپى تەتقىق قىلىپ چىقىرىلغان بولۇپ، يىل ئاخىرىغىچە بازارغا سېلىنىدىكەن.fPNئاقيول تور بىكىتى