تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 10-مارت خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ياپونىيە فۇجىموتو سۇزوكى بىناكارلىق ئورنى نىكولاس بىناكارلىق ئورنى ۋە OXO بىناكارلىق ئورنى بىلەن بىرلىكتە 21-ئەسىردىكى تەسەۋۋۇرغا ئەڭ باي دەرەخسىمان مۇنار بىنا ‹‹ئاق دەرەخ›› نى لايىھەلىگەن.
بۇ مۇنارسىمان بىنا فىرانسىيە مونبىليېر شەھىرى ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، جەمئىي 17 قەۋەت ئىكەن. كۆپ ئىقتىدارلىق بۇ بىنادا ئولتۇراق رايونى، خىزمەت رايونى، رەسىم كارىدورى، تاماقخانا ۋە مەيخانىلار بار. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرۇدىغىنى شۇكى، بۇ بىنا دەرەخ شەكلىدە بولۇپ، ئاق رەڭدە سىرلانغان. يىراقتىن قارىغاندا بۇ بىنا خۇددى ئاسمانغا تۇتۇشىدىغان ئاق دەرەخكە ئوخشايدۇ. بۇ ‹‹دەرەخ›› نىڭ ئۈستىدە تۇرغاندا، مونبىليېر شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىدىن تولۇق ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.
تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى