
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە ، ياپونىيە Showa قەغەزچىلىك شىركىتى يېقىندا ‹‹Juunihitoe›› دېيىلىدىغان بىر خىل ھەشەمەتلىك 12 رەڭلىك سۇغۇرما قەغەزنى ئىشلەپچىقارغان .
12 خىل رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ سۇغۇرما قەغەز يۇمشاق ، نەپس ، رەڭلىرى ئوچۇق ، قول سېزىمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، ھەر كۇرۇپكىسىنىڭ باھاسى 60 ياۋرو (تەخمىنەن 510 يۈەن) ئىكەن ، ھەر بىر ۋاراق قەغەز قولياغلىق تۆت يۈەندىن توختايدىكەن ، پۇلدارلار ۋە داڭدارلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن ئىكەن . بۇ قەغەزگە قويۇلغان ‹‹12 شەن ›› دېگەن ئىسىم ياپونىيەدىكى بىر ئەنئەنىۋى سۆز بولۇپ ، ياپونىيە خان جەمەتى ئاياللىرى مۇراسىملارغا قاتناشقاندا كىيىدىغان ئەڭ مۇنتىزىم بىر خىل 12 قاتلىق كىمونو (ياپونچە كىيىم) نى كۆرسىتىدىكەن ، بۇنداق ئىسىم قەغەزنىڭ ھەشەمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان . بۇ 12 خىل رەڭنىڭ ئىسمى بىردەك تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان ، شۇنداقلا ياپون تىلى سۆزلۈكىدە ئۇچرايدىكەن ، ھال رەڭ، ئوچۇق قىزىل ، ماندارىن قىزىل ، توق سېرىق ، يېشىل قاتارلىق رەڭلەر بار ئىكەن .



‹‹ بەش يۇلتۇزلۇق ›› ئايروپىلان
ھاراق ئۈچۈن ياسالغان 3D لىق مۇز ھەيكەل
ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ كىچىك پۇتبول مەستانىسى
يۇيمىسىمۇ بولىدىغان تەخسە
ھورۇنلار كارۋىتى
نۇر چاچالايدىغان ئۆسۈملۈك
ئەڭ قىممەت ۋېلىسپىت
ئاۋسترالىيەدىكى 93 ياشلىق موماي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى
ھىندىستاندا ‹‹3-خىل جىنس›› ئېتىراپ قىلىندى
جەنۇبىي قۇتۇپتىكى غايەت زور مۇزلۇق پارچىلىنىپ كەتتى
خوشخەۋەر:ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
ئەنگىلىيە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› نىڭ تەننەرخى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەچكە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
قورقۇنچلۇق يۈز رەڭلىك سىزمىلىرى
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت تاماكا بارلىققا كەلدى
ئەنگىلىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى باش لاگېرى
ئەنگىلىيەلىك ‹‹ئەڭ ئۇزۇن تىللىق ئەر››
گېرمانىيەدە ‹‹مۇردىلار نامايىشى›› ئۆتكۈزۈلدى
ئەنگىلىيەلىك بوۋاي 1.8 مېتىرلىق چوڭ قاپاق يېتىشتۈردى
جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا چاچ ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بايرىمى
ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا...