بىر خاككىر ئىمتىھان تورىغا كىرىپ 300دىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىپ، 170مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشكەن.يىقىندا، قانۇنسىز ھالدا كومپىيۇتىر ئۇچۇر سېستىمىسىغا كىرگەن ئۈچ جىنايەت گۇماندارى نەننىڭ شەھىرى چىڭشيۇ رايۇنلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى.
2012-يىل 9-ئايدا، گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش شېركىتىدە ئىشلەيدىغان شياۋ چېن دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇلۇشچى كەسپىي ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. ئىمما نەتىجىسى لاياقەتسىز بولۇپ چىقىدۇ. شياۋ چېن ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەندە بىر ناتۇنۇش نۇمۇردىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇچۇردا، پەقەت 58مىڭ يۈەن بەرسىلا توردىكى نەتىجىسىنى لاياقەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويىدىغانلىقى، نەتىجە ئۆزگەرگەندىن كىيىن پۇل تاپشۇرسا بولىدىغانلىقى ئېيتىلغانىدى.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە، قارشى تەرەپ ئۇچۇر يوللاپ نەتىجىنى ئۆزگەرتىپ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئىككى بانكا ھىسابات نۇمۇرىنىمۇ يوللاپ، نەتىجىنى جەزملەشتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، پۇلنى سېلىشنى ئېيتىدۇ. شياۋچېن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي تورغا چىقىپ تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ. ھەقىقەتەن نەتىجىنىڭ ئەسلىدىكى 133 نومۇردىن 354 نۇمۇرغا يۇقىرىلاپ قالغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن، دەرھال تور بانكىسى ئارقىلىق 58مىڭ يۈەننى قارشى تەرەپكە يوللاپ بېرىدۇ.
بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرمۇ ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مۇشۇ ئىمتىھان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە نەتىجە باشقۇرغۇچىسى لو ئەپەندىم ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى سېزىپ دەرھال تېخنىك خادىملار بىلەن تورنى بەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرىدۇ ۋە 20 مىڭغا يىقىن ئىمتىھان بەرگۈچى ئارىسىدىكى 300 دىن كۆپرەك ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بايقايدۇ. 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 16 بىلەن لو ئەپەندىم نەتىجىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ شۇ كۈنى كەچ سائەت 22 دە نەتىجىلەر يەنە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ تور بىكەت ھۇجۇمغا ئۇچراپ، تور بەتنى ئاچقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇ چاغدا لو ئەپەندىم ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.
ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشىدۇ. ئۈچەيلەننىڭ ئارىسىدىكى خاككىرلىققا مەسئۇل بولغان لوڭ فامىلىلىك بىر كەسپىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تور شېركىتىدە ئىشقا چۈشۈپتۇ، تور تېخنىكىسىغا پىششىق ئىكەن. 2010-يىلى شېركەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ خاككىرلىق قىلىشنى باشلاپتۇ. ئۇ ئادەتتە مەخسۇس ھەرقايسى ئىمتىھان تور بىكەتلىرىگە كىرىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تەربىيلەش مەركەزلىرىگە سېتىپ بېرىدىكەن.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى سېتىشتىن جىق پۇل تاپقىلى بولمىغاچقا، لۇڭ فامىلىلىك چوڭراق ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە ئىككى دوستى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىدىغان، ئىككى دوستى بولسا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان بولۇپ كېلىشكەن.ئەمما قولغا ئېلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلار پەقەت ئۈچ ئىمتىھان بەرگۈچىدىن 174مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشكەن.
تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لۇڭ فامىلىلىك قانۇنسىز ھالدا ئىمتىھان تور بىكىتىگە كىرىپ نەتىجىسى لاياقەتسىز چىققانلارنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ قىلمىشى كومپىيۇتىر سانلىق مەلۇماتغا قانۇنسىز ئېرىشىش ۋە كومپىيۇتىر ئۇچۇر سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ، قالغان ئىككىسى پايدا ئۈچۈن لۇڭ فامىلىلىك بىلەن بىرلىشىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ جىنايەت سادىر قىلغان دەپ بېكىتكەن.