باشلان تورى 4-ئاي 26-كۈنى خەۋىرى :
لياۋياڭ بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (خېدوڭ مەكتەپ رايۇنى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تەييارچۆپ يىيىشىنى چەكلىگەن. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار مۇخبىرغا بىر نەپەر ئوقۇغۇچى تەييارچۆپ يىگەنلىكى ئۈچۈن بىر ھەپتە دەرسكە قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
يىقىندا بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ۋاڭ فامىلىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە باشلىقىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاشخانىنىڭ تامىقىنى ياقتۇرمايدىكەن، تەييارچۆپ يىيىشىگىمۇ يول قۇيۇلمايدىكەن، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال بايقىلىپ قالسا « خاتىرىلەپ قۇيۇش» جازاسى بېرىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىدا تەييارچۆپ يىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ ئاچقۇچىنى كۆپەيتىۋىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدىكى تەييارچۆپ ۋە يانتېلىفونلارنى يىغىۋالغان.
ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ ئاستىدا مۇخبىر بىر ياتاق باشقۇرغۇچىدىن ئەھۋال ئىگەللىگەندە، ياتاق باشقۇرغۇچى ھەقىقەتەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ياتاق تەكشۈرۈپ ياتاقتىكى تەييارچۆپلەرنى يىغىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى ئاختۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئىش توغرىلىق مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
مۇخبىر مەكتەپ سىياسىي-تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى دياۋ داپېڭنى زىيارەت قىلغان. دياۋ داپېڭ ياتاق تازىلىقىنى تەكشۈرگەن چاغدا ئىككى ياتاقتىن تەييارچۆپ ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانتېلىفونىنى يىغىۋالغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.
دياۋ داپېڭنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييار چۆپىنى يىغىۋىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىككى بولۇپ، بىرىنچىسى، ياتاقتا تەييارچۆپ يىيىش كوللىكتىپ تازىلىققا تەسىر تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، تەييارچۆپنىڭ پۇرىقى ھەممە يەرنى بىر ئالىدىكەن، بولۇپمۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا تەييارچۆپ يەپ بولغاندىن كېيىن ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلايدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن تەييارچۆپ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەن. مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار تاماق تاللايدىكەن، تەييارچۆپتىن باشقىنى يىمەيدىكەن، شۇڭا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ بۇ قارارنى چىقارغان ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا بۇ بەلگىلىمە توغرىلىق ئۇقتۇرۇش قىلغان.
دياۋ داپېڭ يەنە مەكتەپتە تەييارچۆپ يىگەن ئوقۇغۇچىنى بىر ھەپتە دەرسكە قاتناشتۇرمىغانلىقى توغرىلىق چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئۇ ئوقۇغۇچى «مەكتەپتە تەييارچۆپ يىيىش چەكلىنىدۇ» دىگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئائىلە باشلىقىنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن قايتۇرۇلغاندا، بىرھەپتىدىن كىيىن ئاندىن دەرسكە كەلگەن ئىكەن. لياۋياڭ بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېپىق تۈزۈمدىكى ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇغۇچىلار جۈمە كۈنى قويۇۋىتىلىپ، دۈشەنبە كۈنى يىغىۋىلىنىدىكەن. «دەرستىن توختىتىلغان» شياۋيوڭمۇ جۈمە كۈنى ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەنىكەن. مەكتەپنىڭ مەقسىدى ئۇنى قورقۇتۇپ قويۇش بولۇپ، جازا بېرىش ياكى دەرستىن توختىتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەپتۇ. يىغىۋىلىنغا يانتېلىفونلارمۇ تەييارچۆپ بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ ئامبىرىدا ساقلىنىۋىتىپتۇ.