• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان مەيدانىدا ئوغرىلىق قىلىپ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغان يىگىت

    مەنبە : ئىنتىرنېت تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-28 12:58:25
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    چۇڭچىڭ شەھىرى شيا پىڭبا تەپتىش مەھكىمىسىدىكى تەپتىش ئەمەلدارى  ياڭ لياۋ چىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان مەيدانىدا ئوغرىلىق قىلغان 17 ياشلىق يىگىتنىڭ دادىسى بىلەن  تېلېفوندا ئالاقىلەشكەندە دادىسى بۇ يىگىتنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    شياۋ پىڭ بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن بولۇپ يەتتە ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ دادىسى بىلەن بىرگە تۇرغان. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ مەلۇم بىر  ktv غا بىرىپ خىزمەت ئىزدىمەكچى بولۇپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقان. بۇ جەرياندا يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى لي ئەپەندى ئاق رەڭلىك ئالما ماركىلىق يانفونىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ ماتېرىيال ئالغىلى چىقىپ كەتكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا شياۋ پىڭ نىيىتىنى بۇزۇپ ئۈستەل ئۈستىدىكى ئالما ماركىلىق يانفوننى ئوغرىلىۋېلىپ 800 يۈەنگە سېتىۋەتكەن.
    لي ئەپەندى ماتېرىيالنى ئىلىپ قايتىپ كىرگەندە ئۈستەل ئۈستىدىكى قول يانفوننىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقىنى بايقىغان. ئارقىدىن ئۇ ئىمتىھان مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرغان كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى تەكشۈرۈپ  شياۋ پىڭنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار شياۋ پىڭنى قولغا ئالغان. تۈنۈگۈن تەپتىش ئەمەلدارى ياڭ لياۋ چىڭنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 270 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار دېلوسى سادىر قىلىپ ئۇلارنى سوراق قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ سوراق مەيدانىدا بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بىراق شياۋ پىڭنىڭ دادىسى تەپتىش ئەمەلدارى ئۇرغان تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندا شياۋ پىڭ ئىسىملىك يىگىتنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان.  شۇڭا تەپتىش ئەمەلدارلىرى بۇ دېلونى نورمال بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالغان. ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى مائارىپ - ئىمتىھان