
شىنجاڭ تورى ئۇچۇرى، 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 20 دىن كۆپرەك ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچىدىكى بەلگىلەنگەن 7 دوختۇرخانىدا 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 9:30دا، بىر تۇتاش ھالدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى تەكشۈرۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ترانسئامىنازا تەكشۈرۈشى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ترانسئامىنازا تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىنورمال چىققان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا قايتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ترانسئامىنازا كۆرسەتكۈچ قىممىتى بەلگىلەنگەن قىممەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر Bتىپلىق ئاپپاراتتا قايتا تەكشۈرۈلىدۇ. ئەگەر جىگەر قىسمىدا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بايقالغانلار، يەنى جىگەر قىسمىدا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بار بولغانلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولۇپ چىقىدۇ، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوختۇرخانىلار بولسا شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسى، شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى، شەھەرلىك بەش ئەزا (كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك قاتارلىق)مەخسۇس دوختۇرخانىسى، شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 5-تارماق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسى، مىدۇڭ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىقلار.
ئوقۇغۇچىلار5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتراپىدا مەكتەپلەرگە بېرىپ قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىگە توشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى شۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئۆز ۋاقتىدا ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشى كېرەك.
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
