• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • كۇرسانتلارنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچى جازالاندى

    مەنبە : ئىنتىرنېت تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-28 12:58:25
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تۈنۈگۈن مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خېفىي شەھەرلىك ترانسپورت باشقۇرۇش ئورنى پۈتۈن شەھەردىكى 21 شوپۇرلۇق مەكتىپىدىكى كۇرسانتلارغا تېلېفون قىلىپ سۆھبەتلەشكەندە مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ مونىڭ كۇرسانت بەرگەن ئىككى مېكىياننى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا ۋاڭ مو بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ بىر يىل خىزمەتتىن توختىتىپ قويۇلغان.
    ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ خېفىي شەھەرلىك ترانسپورت باشقۇرۇش ئورنى پۈتۈن شەھەر تەۋەلىكىدىن شوپۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن كۇرسانتلارغا تېلېفون قىلىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئاساسلىقى شوپۇرلۇق مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىكەن. تۈنۈگۈن خېفىي شەھەرلىك ترانسپورت باشقۇرۇش ئورنى 2-ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ خۇلاسىسىنى چىقارغان. سۆھبەتكە جەمئىي 1081 كۇرسانت قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 816 نەپەر كۇرسانت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ناھايىتى رازى ئىكەن. 258 نەپەر كۇرسانت ئاساسىي جەھەتتىن رازى بولۇپ، 7 نەپەر كۇرسانت رازى ئەمەس ئىكەن.
    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ مو ئىلگىرى مەلۇم كۇرسانتنىڭ ئىككى مېكىيىنى قوبۇل قىلغان. شۇڭا بەلگىلىمە بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ ئىشەنچ باھالاش نەتىجىسىنى لاياقەتسىز باھالاپ، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان IC كارتىسى تاقىۋېتىلگەن ۋە بىر يىل ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن.
    خېفىي شەھەرلىك ترانسپورت باشقۇرۇش ئورنى شوپۇر تەربىيىلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چىن مياۋ شياڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھەر ئايدا بىر قېتىم شوپۇرلۇق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن كۇرسانتلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئاساسەن شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ قايىل قىلىش دەرىجىسى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پوزىتسىيىسى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلۈپ شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئەۋج ئالغان ‹‹ نەپ يەتكۈزسە توسالغۇلاردىن خالىي قىلىش›› قىلمىشىنى توسىدىكەن.
    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى مائارىپ - ئىمتىھان