سىنگاپور خەۋەرلەر تورى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى، جۇڭگودا قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئوغۇللارغا قارىغاندا ياخشى، جۇڭگولۇق قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى قىزلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋاللاردىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان، بۇ ئەھۋال كېيىنچە جۇڭگو جەمئىيىتىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
16 ياشلىق ۋۇجىفەن بولسا شاڭخەي 8-ئوتتۇرا مەكتىپى ئوغۇللار سىنىپىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەن. جۇڭگو مەكتەپلىرىدە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلىغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىشىچە، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر ساقلانغاندىن كېيىن، ۋۇجىفەنمۇ دائىم بۇ خىل نورمال بولمىغان ھالەتكە يۈزلىنىشكە باشلىغان.
2006-يىلدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %65 قىز ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. 2010-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا 330 مىڭ ئادەم كۆپ بولغان، بۇ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەتقىقاتچىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئادەمنى ناھايىتى ئەندىشىگە سالىدىكەن. ئۇ : «نۇرغۇنلىغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە ماس كەلگۈدەك ھەمراھ تاپلالماي قېلىۋاتىدۇ. بۇ دەل قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى» دەپ كۆرسەتكەن.
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بۇنى جۇڭگونىڭ يادلاش بىلەن مائارىپ تەربىيىسىگە ئاڭلىقلىق بىلەن بويسۇنۇشنى ئاساس قىلىش تۈزۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان، ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل تۈزۈم ئاستىدا قىزلار ئۆزنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرالايدىكەن. باشقا ئادەملەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال جۇڭگودىكى ئەرلىك ئىجتىمائىي ھوقۇقىنىڭ ئاجىزلاپ بېرىشىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىكەن. گەرچە نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈمى كۆرۈنۈش جەھەتتە قىزلارغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ سىياسى ساھەسى ۋە سودا ساھەسىدىكى باشلىقلارنىڭ قىزلىرى بولسا تېخىمۇ ئەتىۋارلىنىپ بىر تېپىلغۇسىز گۆھەرگە ئايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەتتىكى ئاياللار كەمسىتىش تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ كىرىمى ئەرلەرگە قارىغاندا %10 تۆۋەن بولغان. بۇ ئاساسلىق قىزلارنى مەكتەپتە تىرىشىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولالايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چوڭ ئەمگەك قوشۇنىغا قېتىلىش پۇرسىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.