ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن ھالدا 2مىڭ 500 ئىستودېنت كەنت ئەمەلدارى قوبۇل قىلىدىكەن، تىزىملىتىش خىزمىتى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدىكەن.
بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىش ئوبيېكىتلىرى ئاساسلىقى 30 ياشتىن تۆۋەن، يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرۇس شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ۋە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇغان شىنجاڭلىق مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەر؛ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىستودېنتلار دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە يېزىقىنى بىلىشى، خەنزۇ ئىستودېنتلار ئىشقا چىقىشتىن ئاۋالقى تەربىيىلەشتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەككەن. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر بىردەك تەكلىپ قىلىنمايدىكەن، ئوخشاش شارائىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغان كومپارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلار كادىرلىرى، قوش تىل بىلىدىغان، يېزا ئىگىلىك كەسپىنى ئوقۇغان، يۇرتىغا قايتقان، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتلەرگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئىستودېنتلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتلەرگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن خەنزۇ ئىستودېنتلار ئالدىن تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
تەكلەپ قىلىنغان ئىستودېنت كەنت ئەمەلدارلىرى قاراماي شەھىرىدىن باشقا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى جۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
ناۋادا ئىستودېنت كەنت ئەمەلدارلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ قالسا، ئۇلار نۇرغۇن ئېتىبار بىرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2008-يىلى ئاپتونوم رايون ئىستودېنت كەنت ئەمەلدارلىرى خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە 8مىڭ ئىستودېنت كەنت ئەمەلدارى كەڭ يېزىلاردا جانلانغان.
تەرجىمان:مامۇت ئابلىز