• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • دىيارىمىزغا بۇ يىل 7760نەپەر مەمۇر قۇبۇل قىلىنىدىكەن

    مەنبە : ئىنتىرنېت تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-28 12:58:13
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى بىرلىكتە تۈنۈگۈن يەنى باھار9-كۈنى ئاچقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2013 – يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاسىت، ناھىيە، يېزا ئورگانلىرى، ئاپتونوم رايون بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان سىستېمىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا 7760 مەمۇر قوبۇل قىلىنىدىكەن.

    بۇ يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تور ئارقىلىق تىزىملىتىدىغانلار 20 – مايدىن27 – مايغىچە تىزىملاتسا بولىدىكەن. نەق مەيداندا تىزىملىتىدىغانلار 19 – مايدىن 26 – مايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ <<شەرق شامىلى>> يولىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى كادىر تەربىيەلەش مەركىزى ۋە يېكەنكۆلدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلار بازىرىدا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. 7 – ئاينىڭ 6 –، 7 – كۈنلىرى يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە قايتا سالاھىيەت تەكشۈرۈلۈپ، 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە يۈز تۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاياغلىشىدىكەن.

    ئېگىلىنىشچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تەييارلىق قىلىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ‹‹ئىمتىھان تېزىسى›› ۋە ‹‹سىياسەتلەر يەشمىسى ئوقۇشلۇقى››نى تەييارلىغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار يېقىندا بىر تۇتاش تارقىتىلىدىكەن. بۇ يىل مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىدىغانلار ئىمتىھان تەپسىلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.com.cn/)، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان ئېلىش مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn/)، شىنجاڭ كوئېنلۇن تورىدىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن. 

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى مائارىپ - ئىمتىھان