تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق تەرتىپى: توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە مەيدان ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، يېزىقچە ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، تەڭشەش، ئېلان قىلىش، خىزمەتكە چۈشۈشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش ۋە يېڭى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ تىزىملىتىش قاتارلىق 11 ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 2013-يىلى 21-مايدىن 30-مايغىچە.
بۇ قېتىملىق تىزىملىتىش نىزامنامىسى، خىزمەت ئورۇن جەدىۋىلى ۋە ئىمتىھان چۈشەندۈرۈلۈشى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار شىنجاڭ مائارىپ تورى ( http://www.xjedu.gov.cn ) ۋە شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى ( http://www.xjrs.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنىدىغان مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا ئالاھىدە ئىش ئورۇنلۇق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنلا ئىشتاتلىق قىلىنىدىكەن.
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
