دىۋوپو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسىدىن بىرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، 2-ئىيۇن سائەت 20 دە، شىمالىي شەھەر رايونىدىكى غول لىنىيە ئۈرۈمچى-ئوتۇنكوزا تاشيولىدىن مېھمان كۈتۈش يولىغىچە بولغان يولدا رەسمىي قاتناش باشلاندى.TdZئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
ئۈرۈمچى-ئوتۇنكوزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى ئۈچ كىلومېتىر بولۇپ، شىمالىي شەھەر غول لىنىيەسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن، بۇ يولدا سەككىز ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا قاتنىيالايدىكەن.TdZئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
شىمالىي شەھەر رايونىدىكى غول لىنىيە 2006-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، باشلىنىش نۇقتىسى شىمالىي ۋوگزال تاشيولىدا، ئاخىرقى نۇقتا چىداۋان يولىدا ئىكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 16.6 كىلومېتىر بولۇپ، ھازىر 12 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە قاتناش باشلانغان.TdZئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى-ئوتۇنكوزا تاشيولىدىن مېھمان كۈتۈش يولىغىچە بولغان كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلار تاماملانغان.TdZئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
TdZئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
TdZئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى