كىشىلەر ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە بولغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۇزاق مۇددەت تاقاپ يۈرگەندە ياكى زىننەت بۇيۇملىرىنى نامۇۋاپىق تاقىغاندا، تېرە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ساپ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە ئۈنچە – مەرۋايىتتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ تۇراقلىقلىقى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنرەك بولىدۇ. ناچار سۈپەتلىك مېتال ياسالمىلار، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ تېرە يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق بولىدۇ.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بەزى زىننەت بۇيۇملىرى تەركىبىدە پولونىي، كوبالىت، رادى قاتارلىق رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلار بار ئىكەن؛ بەزى تەبىئىي ياقۇت زىننەت بۇيۇملىرى تەركىبىدىمۇ رادىيوئاكتىپ ماددىلار بار ئىكەن؛ بەزى ئاسانلا ئاكتىپلاشتۇرغىلى بولىدىغان تاش ماتېرىياللىرى رادىياتسىيەلەنگەندىن كېيىن، چىرايلىق پارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭتەركىبىدىمۇ رادىيوئاكتىپ ماددىلار بولىدىكەن. تېرە رادىيوئاكتىپلىق ماددىلار بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشقاندا، ئادەم رادىيوئاكتىپلىق زىننەت بۇيۇملىرى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. يەنى، چارچاش، ئىچى ئېلىشىش، بېشى ئاغرىش، تېرەقىچىشىش، قان، نېرۋاسىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا تېرە راكى، سۈت بېزى راكى، ئۆپكە راكى قاتارلىق يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، مۈتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ئىلگىرى مەلۇم ماتېرىيالدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغاندا زىيادە سەزگۈرلۈك ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنى يەنە تاقىماسلىق كېرەك. ئالتۇن، گۆھەر، ياقۇت قاتارلىقلارنى سېتىۋالغاندا، نوپۇزلۇق سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك دېگەن بۇيۇملارنى تاللاش لازىم.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ زىيىنى
پاكارلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيمەسلىكى لازىم
قىزىل كىيىم تېرىنى ئاسرايدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
كالتە يوپكا كىيىپ ئاپتوبۇستا ئولتۇرغاندا تېرە ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن
تاماكىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ «ئۆتكۈر خەنجەر»
يانفوننى بوينىغا ئېسىش خانىم-قىزلارغا پايدىسىز
تۆۋەن بەللىك ئىشتان كىيگەندە...
ئاياللار ۋە چاچ پاسونى
يېڭى تۈزۈلگەن « موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى »
تېلېۋىزورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۇسۇللىرى
سېرىقئاش بىلەن لەڭپۇڭدا ئۇزۇقلۇق بارمۇ ؟
قىزىل كىيىم تېرىنى ئاسرايدۇ
پاكارلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى كىيمەسلىكى لازىم
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ زىيىنى
كالتە يوپكا كىيىپ ئاپتوبۇستا ئولتۇرغاندا تېرە ياللۇغىغا ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
تۆۋەن بەللىك ئىشتان كىيگەندە...
يانفوننى بوينىغا ئېسىش خانىم-قىزلارغا پايدىسىز
