جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى يۈك بارغانچە ئېغىرلاشتى، ئۇلار ئەمدى پەقەتلا ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ، پەرزەنت تەربىيلەپلا قالماستىن، بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىدىن سىرت، جەمىئىيەتتە يەنە مۇھىم ئورۇنلارغا مۇھىم ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما بۇ يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشى بىلەن بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىپ نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلارنى كېلىپ چىقتى. بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا جەمئىيىتىمىزدە ھەرخىل قوشۇمچە كەسىپلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ روناق تېپىشقا باشلىدى. مەسىلەن تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان قىرىق ئانا، يەسلى يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلار، چۈشتە ئائىلىسىگە قايتىشتا قىينىلىپ قالىدىغان بالىلارنى چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئائىلىۋى كىچىك ئاشخانىلار ۋە ھاكازالار. بۇلار گەرچە نۇرغۇن كىشىلەرگە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مەلۇم بىر قېلىپقا چۈشۈپ مۇنتىزىم ھالەتكە كەلمىگەنىدى.
بۇنداق ئەھۋاللارنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئانا بولغاندىن كېيىن بېشىدىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، نۇرگۈل قۇربان خانىم ئۈرۈمچىدە مەخسۇس تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئىلمىي ھالدا كۈتىدىغان، يەسلى يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاھىدە پەرۋىشگاھ ئۈرۈمچى ۋىلدان سودا چەكلىك شىركىتى ۋىلدان ئانا-بالىلار پەرۋىشگاھىنى قۇرۇپ چىقتى.
كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىز بولغان پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئېچىلغان ۋىلدان ئانا-بالىلار پەرۋىشگاھىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2013-يىلى 9-سىنتەبر ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جەمئىيىتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق زاتلار ۋە ئاتاقلىق چولپانلىرىمىز، شۇنداقلا ھەرقايسى تاراتقۇلىرىمىز مەسئۇللىرى قاتناشتى. بۇ پەرۋىشگاھنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1300 كۋادرات مېتر بولۇپ، مۇھىتى ئازادە، پاكىز، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، داۋالىنىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل ئائىلە مۇلازىمەت ئورنى. بۇ پەرۋىشگاھ 0 ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسى.
كۆپچىلىككە مەلۇم، بىر ئايال ئانا بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. يېڭى ئانا بولغان بالىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش، قانداق تەربىيلەش، قانداق ئوزۇقلاندۇرۇش دىگەندەك تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەرقانداق ياش ئانىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە تۇغۇتلۇق ئايالنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ياخشى كۈتۈش ئىزچىل مۇھىم ئىش دەپ قارىلىپ كەلگەن، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ياخشى كۈتۈش پەقەت پەقەت بىر خىل ئەنئەنە ياكى قائىدە يوسۇن بولۇپلا قالماستىن يەنە تىببىي جەھەتتە مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان كۆز قاراش. ئەمما تەجرىبىلىك چوڭلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا نۇرغۇن ياش ئانىلىرىمىز يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى ياخشى باقالمايلا قالماستىن، ياخشى كۈتىنەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار خېلى كۆپىيىپ قالدى. بۇ پەرۋىشگاھنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرگۈل خانىم بۇ پەرۋىشگاھ ئارقىلىق ياش ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى.
بۇ پەرۋىشگاھنىڭ مۇھىتى ئازادە، خىزمەتچى خادىملىرى تاللانغان. تىببىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ كىچىك بالىلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، سالامەتلىك ئەھۋاللىرىغا مەسلىھەت بېرىلىدۇ. بۇلارنى ئاش-تامىقىغا مەسئۇل خادىملار بولسا ئاشخانا، رېستۇرانلارنىڭ ئاشپەزلىرىدەك ھەر خىل تائاملارنى چىقىرىدىغان ئۇستام بولماستىن، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە 0 ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ماس كېلىدىغان، ئائىلىلەردە كۆپرەك ئېتىلىدىغان يۇمشاق، سىڭىشلىك، يەرلىك ئەنئەنىۋى تائاملارنى ئېتىشكە ماھىر ئۇستاملار تەكلىپ قىلىنغان. بالىلار پىداگوكىگىسى مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلارنى ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، سېسترالىق مەكتەپلىرىنىڭ پەرۋىش كەسىپلىرىدە ئوقۇغان قىزلارنى ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى پەرۋىش قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا يەنە تەجرىبىلىك پىسخولوگلارنى، مىللىي شىپاخانىنىڭ تەجرىبىلىك دوختۇرلىرىنى تەكلىپ قىلغان. بۇلارنى تەكلىپ قىلىشقا ئاۋۋال ساغلاملىقى تەكشۈرۈلۈپ ساغلاملىق كېنىشكىنى ئېلىپ، ئەخلاق، چىراي-تۇرقى جايىدا، پاكىز، سەمىمىي، كۆيۈمچان، بالىلارغا ھەقىقىي، چىن يۈرىگىدىن كۆيىنىدىغان، مەسئۇلىيەتچان خادىملار تەكلىپ قىلىنغان.
پەرۋىشگاھنىڭ مۇھىتى ئازادە، كۆركەم، كەڭرى، ئالاھىدە بىزەلگەن بولۇپ، ھەقىقىي ئائىلىنىڭ مېھرىنى ھېس قىلالايسىز. بۇنداق پەرۋىشگاھنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغ بىر ئىش، ۋىلدان ئانا-بالىلارنى ئەڭ ئالىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تۇغۇتلۇق ئانىلارنىڭ قىرىقى ئىچىنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە، بوۋاقلارنىڭ ساغلام، بۇدرۇق چوڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ پەرۋىشگاھنىڭ قۇرۇلۇشى جەمئىيىتىمىزدىكى ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇنتىزىملىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ، بۇ پەرۋىشگاھنىڭ ياش ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، كۈتۈش، تەبىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدىغان ۋە ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان باشلامچى شىركەتلەردىن بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.