ئاساسلىق سەۋەبلىرى پاكىز بولمىغان ئىچ كىيىم ۋە بويۇملار، سۈپەتسىز تازىلىق قەغەزلىرى قاتارلىقلاردۇر.
كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ياللۇغنىڭ %80~%90 ىنى كاندىدا ئالىبكانس زەمبۇرۇغى( ئاق تەسۋىسىمان باكتېرىيە 白色念珠菌) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە باشقا تۈردىكى تەسۋىسىمان باكتېرىيە ۋە شارسىمان كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار بار. شۇ سەۋەبتىن كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى ئادەتتە يەنە تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى ياكى تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كاندىدا ئالىبكانس زەمبۇرۇغىنىڭ شەكلى تۇخۇمسىمان بولۇپ، سىپورا ھاسىل قىلىپ ھۈجەيرە بىخلىنىپ، ئۇزىراپ يالغان زەمبۇرۇغ يىپچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، يالغان زەمبۇرۇغ يىپچىسى بىلەن سىپورا بىرلىشىپ ئاچىماق ياكى زەنجىرسىمان ھالەتكە كېلىدۇ. تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ ئادەتتە چىرىتكۈچى پارازىت زەمبۇرۇغ بولۇپ، نورمال ئادەم تېنىنىڭ تېرە، شىللىق پەردە، ھەزىم يوللىرى باشقا ئەزالاردا، كۆپىنچە جىنسىي يولدا پارازىت ياشايدۇ. ئاق خۇن كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ھامىلىدار بولمىغان خانىم-قىزلارنىڭ %10 ى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ 30% ىنىڭ تېنىدە بۇخىل باكتېرىيە پارازىت ياشاپ، جىنسىي يولدا گىلىكوگېننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، كىسلاتالىقى ئۆرلىگەندە ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەن ئەھۋال ئاستىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ. سىپىكتېرلىق ئانتىبىئوتىك ۋە بۆرەك ئۈستى بەز پوستلاق ماددا ھورمونى بەدەندىكى باكتېرىيىلەر توپىنىڭ نورمالسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقۇملىنىشقا بولغا قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكتىن، ئۇلانى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىمۇ، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇندىن باشقا، ۋىتامىن كەملىك (ئاساسلىقى ۋىتامىن B)، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە خوراش خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ كاندىدا ئالىبكانس زەمبۇرۇغىنىڭ كۆپىيىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يولدا گىلىكوگېننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، كىسلاتالىقى ئۆرلىگەندىن سىرت، بۆرەكنىڭ قەنت بوسۇغىسى تۆۋەنلەپ ، ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قەنت سىيىش كۆرۈلگەنلىكتىن، سۈيدۈك تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى كاندىدا ئالىبكانس زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆسۈش ۋە كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.