قانداق قىلغاندا كۆز خالتىسىنى يوقىتىش بولسا قىزلار ئۈچۈن بىر مەسىلە بۇلۇپ قالدى، ئۇلار ھازىر نىمە ئۈچۈن كۆز خلتىسى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ، قانداق قىلشغاندا كۆز خاتىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ دىگەنلەرنى بىلىشكە ئالدىراۋاتىدۇ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلارغا دېققەت قىلىڭ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولماسلىق كېرەك.
ئاسان كۆز خاتىسى چىقىدىغان ئادەملەر ھەرىكەتنى كۆپ قىلشى كېرەك، يۈز قىسىمى ، كۆز قىسىمىنى ئۇۋىلاش، بۇ شۇ قىسىمدىكى رايۇنلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ، ھەددىدىن زىيادە تۇزلۇق ياكى ئاچچىق يىمەكلىكنى يىيىشتىن ساقلىنىش، ئاتامتىن بۇرۇن تەمى بەك كۈچلۈك يىمەكلىكنى كۆپ يىمەسلىك كېرەك، سۇنى بەك كۆپ ئىچىپ كەتمەسلىك كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدىغان ، كۆز خاتىسى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار.
تەرخەمەكنى كۆز ئەتراپىغا چاپلاش.
تەرخەمەكنىڭ ھۆسۈن تۈزەش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ، يۈز ۋە كۆز قىسىمىغا تەرخەمەكنى چاپلاپ بەرسە ، كۆزخالتىسىنى يوقىتىدۇ. بىراق تەرخەمەك چاپلىغان تېرە ئاسانلا كۈن نۇرىغا چېلىقسا بولمايدۇ ، ئۇنداق بولمىغاندا ، كۆز خالتىسىنى يوقاتقان بىلەن داغ چۈشۈش نىسپىتى يۇقىرى بۇلىشى مۇمكىن.
كۆز مەلھىمى بەك مايلىق بۇلۇپ كەتمىسۇن.
بەك مايلىق كۆز مەلھىمىنى تېرە ئاسان سۈمۈرۈپ بۇلالمايدۇ، بەك مايلىق بۇلۇپ كەتكەندە كۆز ئەتراپىدا يىغىلىپ قېلىپ كۆز خالتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيىدۇ، كۆز مەلھىمىنى ئەڭ ياخشىسى سالقىن كەلگىنىنى تاللىغان ياخشى.
كۆز قىسىمىنى ئۇۋۇلاش.
كۆز قىسىمىنى ئۇۋۇلاش بولسا كۆز ئەتراپىدىكى قان ئ.ايلىنىشنى ياخشىلاپلا قالماستىن، ياللۇغ خارەكتىرلىك توغرا بولغان ئۇسسۇلنى قوللىنىپ ئۇۋۇلاش ئېلىپ بېرىش، كۆزنىڭ ھەممە قىسىمىنى ئاستا - ئاستا ئۇۋۇلاش،
ماينى تارتىش ئوپراستىيىسى قىلدۇرۇش.
كۆز خالتىسى بولسا ككز ئەتراپىغا مايلار يىغىلىپ قالغاچقا ئاندىن شەكىللىنىدۇ، بۇ بولسا بەدەن سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئېرسىيەت بۇلۇش نىسپىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەگەر كۆز خالتىسى شەكىللىنىشى راستىنلا ئېغىر بولسا ، ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆز ئەتراپىدىكى ماينى سۈمۈرۈش ئوپراستىيىسى قىلدۇرغان ياخشى.