تۇغماسلىق (ئوقرە)
تۇغماسلىق-تۇغۇت ىيېشىدىكى ئەر-ئاياللار بىرگە ئۆتىۋىتىپ2يىلغىچەھامىلدار بولماسلىق تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
توي قىلىغاندىنتارتىپ2يىلىغىچە تۇغمىسا بىرلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ.ئىلگىرى ھامىلداربولۇپ2يىلغىچە ھامىلدار بولمىسا ئىككىلەمچى تۇغماسلىق دىيلىدۇ.
تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى:
بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ ئەر تەرەپتىن،ئايال تەرەپتىن ۋە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.
ئايال تەرەپتكى سەۋەپلەر:
⑴ئومۇمى بەدەن ياكى بالياتقۇ مىزاجىنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز بۇزۇلۇشلىرى قان،سەپرا،سەۋدا،بەلغەم خىلىتلىرنىڭ ياكى ئىسقلىق سوغۇقلۇق،ھوللىۈك،قۇرۇقلۇقلاردىن بىرەرسىنىڭ زىيادە غالىپ بولۇشى.
⑵ تۇخۇمنىڭ چىقىرلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش:
①مەركەز خاراكتىرلك ئامىللار:دۆڭچە مىڭە ئاستى قىسمى ھىپوپىز تۇخۇمدان ئوقى خىزمىتىقالايمقانلىشىش،ھېيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
②ئومۇمى بەدەنلىك كىسەللىكلەر:ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،زىيادە سېمىزلىك،قالقانسىمان بەز خىزمىتىى كۈچىيىپ كىتىش ياكى ئازىيىپ كىتىشمۇ تۇخۇمدان خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىددۇ.
③ تۇخۇمداندىكىئامىللار : تۇغما ئالدى تۇخۇمدان خىزمىتى تولۇق بولماسلىق،تۇخۇمدان خىزمىتى بالدۇرچىكىنىش،تۇخۇم ئۆسمىسى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان،تۇخۇمدان ياللۇغى،بالياتۇ ئىچكىپەردىسنىك غەيرى ئورۇنلىشىشدىن بولىدۇ.
⑶ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ئامىللار:
تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ياللۇغى،تۇخۇم نەيچىسى سىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى چاپلىشىپ قېلىش بۇندىن باشقا تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى غەيرى شەكىلدە بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ.
⑷بالياتقۇدىكى ئامىللار :
بالياتقۇتەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق،بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە سىلى، بالياتقۇ ئىچكى پەرىدە مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى،بالياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
ئەرلەردىكى سەۋەپلەر:
⑴ مەنىنىڭ يىتىلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش .
⑵ مەنىنىڭ يەتكۈزۈلىشى توسقۇنلىققا ئۇچراش.
⑶ جىنسى مۇناسىۋەتكە تەسر يەتكۈزىدىغان ئامىللار .
⑷ پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك ئامىللار .
ئەر- ئايال ئىككى تەرەپتىكى سەۋەپلەر:
⑴ ئەر-ئايالدا جىنسى تۇرمۇش بىلىمى كەمچىل بولۇش،جىنسى تۇرمۇشنىڭ بەك كۆپ ياكى بەك شالاڭ بولۇپ قېلىشى ياكى تۇخۇم چىقىرىش ۋاختىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىش،ھېيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسۋەت قىلىشس سەۋەبىدىن ياللۇغ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
⑵ئىككى تەرەپنىڭ نېرۋا جىدديلكى:نېرۋا جىددىيلىك سەۋەبىدىن ئادەم بەدىندىكى بىئولوگىيلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نېرۋا جىددىيلىكى سەۋەبىدىن جىمانىڭ مەغلۇپ بولۇشى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑶ ئىممۇنىت ئامىلى: ئەرلەرنىڭ بەدىندە تەبىئى ئىممۇنىتلىق راكسىيە بوزۇلۇپ ئۇرۇقنىڭ ھەركتىنى تۇرمۇزلاش بىلەن ھامىلدار بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ .
ئايال تەرەپنى تەكشۇرۈش :
⑴ كېسەل تارىخنى سوراش.
⑵ ئاياللار بولىمىدە تەكشۇرۇش :
ئىككىلەمچى جىنسى بەلگۈلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى،كۆپيىش سېستىمىسنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئەھۋالى،ياللۇغلىنش،غەيرىلىشىش ۋە ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ بار يوقلۇقىنى،ئۆپكە سىلىنىڭ بار يوقلۇقىنى ،قالقانسىمان بەز ئىقتىدارنىڭ يۇقۇرلاپ كىتىش ياكى تۆۋەنلەش ئەھۋالى،بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ئەھۋالى،ھېپوپېز تىنىدىكى كىسەللىكلەر تەكشۈرلىدۇ.
⑶ قوشۇمچە تەكشۈرۈش :① تۇخۇمدان خىزمىتىنى تەكشۈرۈش.
② تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىگە ھۋا ياكى سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇپ تەكشۈرۇش .
③ جىنسى تۇرمۇشتىن كىيىن مەنى سۇيۇقلۇقى بىلەن بالياتقۇ بوينى شىللىق سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش سىنىغى ئىشلىنىدۇ.
④زۆرۈر تېپىلغاندابالياتقۇ ئەينىكى ۋە قورساق بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈپ بالياتقۇ،تۇخۇمنەيچىسى،تۇخۇمداننىڭ چاپلىشىشى ياكى كىسەللىك ئۆزگىرشنىڭ بار-يوقلۇقى بىۋاستەتەكشۈرلىدۇ.
داۋالاش:
ئادەتتىكىچە داۋالاش: ئۇزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش،پۇتۇن
بەدەن خاراكتىرلىك سوزۇلما كىسەللىكلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش،روھى جەھەتتىكى غەم-قايغۇنى تۈگىتىش،بىمارغا جىنسى تۇرمۇش ھەققىدىكى تۇرمۇش بىلملىرنى تەشۋىق قىلىش،تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى ئالدىن مولچەرلەپ جىنسى تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.
كىسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش:
ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن بولسا مۇۋاپىق تەدبر قوللىنىش يەنى تەڭشەش لاازىم.ئىسسىقتىن بۇزۇلغاندا ئومۇمى ئالامەتلىرى بىلەن بىللە ھېيىز قارامتۇل ۋە قويۇق كىلىدۇ.دوۋسۇندا تۈك كوپبەدىنى ئۇرۇق بولىدۇ.بۇنىڭغا قارىتابىنەپشە،نىلوپەر،خەشخەش،ئالماسۇيى،ئاق-سەندەل،
لىموندىن تەركىپ تاپقان شەربەت بىرىلىدۇ.بالياتقۇ مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۆردەك يېغىي ياكى توخۇيېغى،بىنەپشە يېغى بىلەن قوشۇپ يۇيۇپ تازىلاپ ھورلانغان يۇڭدا پىلتە ياساپ جىنسى يولغا سېلنىدۇ.
سوغۇقتىن بولغاندا ھېيىز ئاز ۋە ئۇزۇن مۇددەتتكىچە كىلىدۇ،رەڭگى سۇيۇق ۋە ئاقۇش بولىدۇ،دوۋسۇندا تۇكشالاڭشىپ كىتىدۇ.بۇنىڭغا قارىتا ئىزغىر،ئۇستىقۇددۇس،پەتەرئاسالىيۇن،مەستىكى،پىلپىل،قۇندۇزقەھرى،جاۋشىر،ئۇد بىلسان،قۇستە شىرىن، تاغ پىننىسى ،ئوشەق، ئىگىر، سەكبوزەج ھەربىرى8مىسقالدىن،سەلىخە،ئاقمۇچ،قارامۇچ،سورۇنجانمىسىرى،جوئدە،ئۇستىقۇددۇس،دۇفۇ،ئككىلمىلىكھەر بىرى7مىسقالدىن
قەدىرمانە،ئەفىيۇن،ھەربىرى5مىسقالدىن،رومبادىيان،ئاسارۇن ھەر بىرى3مىسقالدىن،ئاقاقىيا4مىسقال،سەقەنقۇر1مىسقال،غارىقۇن4.5مىسقال،سوزاپ2مىسقال،نارجىل،سەمىغى ئەرەبى5مىسقال،ھەسەلkg1لاردىن مەجۇنتەييارلاپ بىرىلىدۇ.
قۇرۇقلۇقتىن بولغانلىرىدا ھېيىز بوغۇلۇش،قەۋزىيەتلىك،جىنسى يول تاملىرى دائىم قۇرۇقبۇلۇش،بەدىنى ئۇرۇق بۇلۇش كۇرۇلىدۇ،بۇنىڭغا دائىم سۇت ئېچىپ بىرىپ،شەربىتىنىلۇپەر،شەربىتى بىنەپشە بىرىلىدۇ.نىلۇپەر،بىنەپشە،ھول قاپاق، توخۇ،ئۆردەكياغلىرىدىن دوۋسۇن جىنسى ئەزا ۋە ساغرىغا سۈركەپ بېرىلسە بولىدۇ.
ھۆللۈكتىن بۇزۇلغانلىرىدا ئومۇمى بەدەندىكى ھۆللۈك ئالامەتلىرىدىن باشقا بالاياتقۇنىڭتۇتقۇچى (ماسىكە) قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتكەچكە ئاق خۇن كۆپىيىدۇ،جىنسى يول دائىمنەملىشىپ تۇرىدۇ. شاھمەنزەل،ئەنزىرۇت،سوماق،ئود ھىندى،زەپە،مۇرمەككىلەر تەڭمىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئالاشتۇرۇپ پۇچۇلانغان قوي يۇڭى بىلەنجىنسى يولىغا قويۇلىدۇ.
ماددىلىق مىزاج بۇزۇلىشتىن بولسا ئۇمۇم بەدەننى تازىلاش كىرەك .
قان خىلىتىنىڭ ئالامىتى بولسا ئاياق تەرەپكە ھېجامەت قويۇش كىرەك ھەمدە نوقۇئى تەمرى ھىندى بېرىش لازىم. بەلغەمدىن بولسا قەي قىلدۇرۇشھەمدە ھەببى ئايارەج،ئايارەنجى پەيقىيابېرلىدۇ.
سەۋدادىن بولسا مەتبۇخى ئەفتىمۇن بېرلىدۇ.
سەپرادىن بولسا مەتبۇخى تەمرى ھىندى بېرلىدۇ
تۇغماسلىق زىيادە سېمىزلىكتىن بولسا ئۇرۇقلىتىش تەدبىرلىرنى قوللىنىش لازىم،ئتتىرفىل سەغىر،جاۋارىشكومۇنى،داۋائى لوك بېرىلىدۇ.ھېيىز توختاپ قېلىشتىن بولسا ھېيىز ماڭدۇرۇش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.
بالياتقۇ سوۋۇپكەتكەن بولسا بالياتقۇنى قىززىتىش ئۇچۇن ئوتلۇق ھىجامەت قويۇش ئىسسىق پەرىزجە،ھەمەلچەقىلش ،ياغلاش لازىم .
ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ يىڭى شىپاسى - ئۇرۇق ئەلا
ئالاقىلىشىڭ گە كىرىپ بىۋاستە ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسىڭىز ياكى مەسلەھەت سوراش قا كىرىپ سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .
ئەھكام ساغلاملىق سالونىنى قوشۇۋېلىڭ .
پۇل سىلىش ئۇچۇرى :
تۆۋەندىكى بانكا ھىساۋات ئۇچۇرىغا ئاساسەن ، ئۆزىڭىزگە قولايلىق بولغان بانكا ئارقىلىق پۇل ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ . بانكىدىن تېلېفۇنغا ئۇچۇر ئەۋەتىدىغان بۇلۇپ ، پۇل ئەۋەتىدىغانلارنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ بولغاچقا ، سىز پۇل ئەۋەتىپ بۇلۇپلا تېلېفۇن قىلۋىتىڭ .
سودا-سانائەت بانكىسى : 工商银行
6222023015001282917
يېزا ئىگىلىك بانكىسى :农业银行
6228483700088508710
يېزا ئامانەت قەرىز كوپىراتىۋى : 农村银行
6210082028714922
قۇرۇلۇش بانكىسى : 建设银行
6214674670000453692
木塔力甫。艾山 ___ ھېساۋات ئىسمى : مۇتەللىپ ھەسەن