ئامېرىكا «ئىلىم – پەن» گېزىتىدە، ئۆينى مەينەت ۋە قالايمىقان تۇتۇدىغان شۇنداقلا مۇقىم خىزمىتى بولمىغان ئاياللارنىڭ روھىي بېسىمىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى، بۇ ، ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى.
تەتقىقاتچىلار 1449 نەپەر ئايالنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ، ئۆينى مەينەت ۋە قالايمىقان تۇتىدىغان، ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار خانىم – قىزلارنىڭ سەمرىش نىسبىتىنىڭ 48 بولىدىغانلىقىنى، بۇ، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئومۇمىي سېمىزلىك نىسبىتىدىن 16 يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئېرى ئۆيدە دائىم تۇرالمايدىغان، ئىقتىسادىي كىرىمى مۇقىم بولمىغان بولۇپمۇ، مەينەت، قالايمىقان ئۆيدە تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان ئاياللارنىڭ روھىي بېسىمىنىڭ ئېغىر، تۇرمۇشىنىڭ رەتسىز بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
تەتقىقاتچىلار يەنە، پاكىز مۇھىت ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاياللارنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە، كەيپىياتىنى ياخشىلىشىغا؛ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، سېمىزلىك نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.