ئەفرۇز ھەممىباب مەلھىمى

تەجىربىلىك مومىلىرىمىز ئائىللەردە ئىسسىقلىق دورا-دەرمەكلەر ۋە قوي، تۆگە مايلىرى، تۇخۇم سېرىقى دېگەنلەردىن ئىسسىقلىق مەلھەم تەييارلاپ سوغۇق مىجەز نەۋرە، بالا-چاقىلىرىنى شىپالىق قوللىرى بىلەن مايلاپ ئاپتاپقا قاقلاپ سوغۇقتىن تېنى ئاجىز، بەل -پۇتى تالىدىغان، كېچىلىرى سېيىپ ياتىدىغان، پېيى تارتىشىدىغان ئەھۋاللارنى داۋالاپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى ئىسسىقلىق، قۇۋۋەتلىك غىزالىنىش، بەلباغ باغلاپ بەل-بۆرەكنى ئىسسىق ساقلايدىغان، مەزمۇت ئۆتۈكلەر بىلەن قەھرىتان قىشنى چىقىرىدىغان يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇققا توڭلاتقۇدا مۇزلاتقان يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىستىمال ئادىتىمىزگە ئايلىنىشى پەي-مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، كەيپىياتنى سۇسلىتىپ سوغۇقتىن بولغان ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ بۇ خىل ئىسسىقلىق مەلھەملەرگە بولغان ئىھتىياجىمىز كۈندىن – كۈنگە ئىشىپ بارماقتا.
[align=center]2010-07-08_223331-0.jpg[/align]
ئەفرۇز ھەممىباب مەلھىمى ئالىي دەرىجىلىك زەيتۇن مېيى، قەلەمپۇر مېيى، سىيادان، كۈنجۈت، قۇيرۇق ماي، يەرلىك توخۇ تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلاردىن تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات بولۇپ رېماتىزىم، بەل – پۇت ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇقى، نىقرەس، بەل-بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۆسۈپ قالغانلار، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، پەي-بوغۇملاردا بولىدىغان تېز ۋە ئاستا خاراكتىرلىك ھەر خىل زەخمىلەر، ئاق كېسەل بىمارلىرىغا ماس كىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە سوغۇق ئەڭگىزى ئاشقان، پۇت-قولى ئىسسىمايدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان، كېچىل بالىلاردىكى سوغۇق ئەڭگىزدىن بولغان كېچىسى سىيىپ يېتىش قاتارلىقلارغا ماس كىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى: مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ سېرتتىن يەرلىك ئورۇنغا ياكى پۈتۈن بەدەنگە سۈركىلىدۇ. مايلىنىپ بولۇپ يەڭگىل ئۇۋلاپ قۇياش نۇرىغا قاقلىنىش ياكى فىزىكىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىرىلسە ئۈنۈمى تېز ۋە كۆرىنەرلىك بولىدۇ.
مەلھەمنى ئىشلىتىپ تېرىگە سىڭدۈرۈلگەندىن كىيىن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان غەيرى پۇراق پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك بۇ مەھسۇلات ۋە ئورالمىسى ئىنتايىن سۈپەتلىك تەييارلانغان بولۇپ ئىشلىتىشكە قولايلىق ھەم سوۋغاتلىق قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
پارچە سېتىش باھاسى: بىر قۇتىسى 30 يۈئەن/ 45گىرام.
قەشقەردىكى توپ ۋە پارچە ساتقۇچى: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت دورا-دەرمەك دۇكىنى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
0998-2820877
13565662787

[align=center]2010-07-08_223331-1.jpg[/align]


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      مەن

      مەندە بويۇن ئۇمرۇتقىسى ئۇسۇپ قاپتۇ دىگىلى 2 يىل بولدى مەن بۇ دۇرىنى ئىشلەتسەم ماس كىلەرمۇ؟

    • #2
      gewala

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم!مەن بۇيىل 25ياش. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ئىش ئورنۇمدا يىقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ قولۇمنىڭ يان بىلەك سۆڭىكى ئاخىرقى ئۇچى ( 桡骨远端骨折)دەز كەتكەن دەپ دىئاگىنوز قويۇلۇپ گىپىسلانغان بىر ئايدىن كىيىن قايتا تەكشۈرتسەم سۆڭەك تۇتىپتىكەن !ئۆيدە 3ئاي دەم ئېلىپ ئىشقا چىققان!لىكىن تا ھازىرغىچە بەش بارماقنى كەينىگە ئەگسەم بېغىش قىسمى ئاغرىيدۇ.بىر نەرسە كۆتۈرسەممۇ بېغىش ئاغرىيدۇ.بېغىشىمنى ئەگمەي ئۇدۇل تارتسام ئاغرىمايدۇ،ئالدى كەينىگە ئەگسەمگە ئاغرىيدۇ!ئۆتكەن ھەپتە دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا رېنتىگىنگە سالسام سۆڭەكتە مەسلە يوقكەن!دوختۇر后遗症كىسەل ئاسىرىتى دەيمىزغۇ ھە! دەيدۇ!بىر نەرسە كۆتۈرمە،سوغۇق ئۆتكۈزمە. كۈندە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ غاز مېيىدا مايلاپ بەر دەيدۇ!ئەينى چاغدا قولۇم سۆڭەك دەز كىتىشتىن ھەپتە بۇرۇن ئىش ئورنۇمدا بىر نەرسە تارتىمەن دەپ، نەق ئاشۇ بېغىش قىسىم پەينى ئاغرىتىۋالغان، ئاشۇ چاغدىمۇ قولۇمنى ئالدى كەينى قىلسام بېغىش ئاغرىيتى، ھەپتە ئۆتۈپلا قولۇم سۆڭەك دەز كىتىپ بىر ئاي گىپىس ئىچىدە تۇردى، شۇ چاغقىچە ئاغرىغان پەي ئەسلىگە كەلگەندۇ دەپ ئويلىغان ، ھازىر بىلەلمەيۋاتقىنىم بېغىشىمنىڭ ئاغرىشى سۆڭەكنىڭ ئىشىمىدۇ ياكى شۇچاغدىكى پەينىڭ ئاغرىشى ،سۆڭەكنىڭ دەز كىتىشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنمىدۇ؟بىر نەرسە كۆتۈرمەي ئۆيدە دەم ئېلىشىم مۈمكىن ئەمەس،ئىش ئورنۇمدا شۇ بىر نەرسە كۆتۈردىغان ئىش بەك جىق! ھىلىمۇ ئوڭ قولۇمنى ئاياپ
      ھەممە ئىشنى سول قولۇمدا قىلىمەن! بولسا ئۇيغۇر تىبابىتىدە مۇشۇ خىل ئەھۋالغا ماس كىلىدىغان بىرەر چارە تەدبىر بارمىدۇ؟ئەفرۇز ماس كىلەرمۇ؟ بولسا بىرەر ياخشى ئامال بولسا قىپ باقسام ئاللا شىپالىق بېرىپ قولۇم ئەسلىگە كەپقالسا سىزدىن تولىمۇ مىننەتتار بولغان بولاتتىم! خىزمىتىم سەل جاپالىق ،جىسمانى ئەمگەك!قولۇمنى دىسەم خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ دەم ئالغۇم بار،لىكىن ئېمتىھان بېرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن تاللنىپ ئېرىشكەن خىزمەت ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ……

    • #3
      GVZALTURMUX

      ئەسسەلامۇئەلەيكۇم مۇ ھەممەت تۇرسۇن كا سالامەت تۇرغانلا ماڭا چ چ نۇمۇرلىرىنى دەپ بەسىلىكەن ياكى مىنى چ چ لىرىغا قۇشۇۋالسىلىكەن مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 673844601 ئاللا رەخمەت قىلسۇن جاۋاب لىرىنى ساقلايمەن ئاللاغا ئامانەت

    • #4
      dag

      مەن داغ چۇغۇرۇش مەھسۇلاتى تۇغۇرلۇق مەسلىھەت سۇرىماقچى ئىدىم .چ چ نۇمۇرلىرىنى تاپالمىدىم

    • #5
      azap1234

      ظةسسالامذ ظةلةيكذم ،بئرزات قصرئندئشم ،جئددئ سذاظلئم بار ظئدئ

    • #6
      azap1234

      ئەسسەلامۇئەلەيكۇم مۇ ھەممەت تۇرسۇن كا سالامەت تۇرغانلا ماڭا چ چ نۇمۇرلىرىنى دەپ بەسىلىكەن ،بةك جئددئ سذظالئم بار ظئدئ

    • #7
      aynureziz

      mangmu qq numurlirikirak idi bolmisamini koxwalsilmuboldu 2452662104

    • #8
      yacinjan

      [u]minig bilim ahriwatkili 3ay boldi [/u]

    • #9
      asmanur

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ! مەن ئۆزەم كۇچادىن بولىمەن . ئەفرۇز ھەممىباب مەلھىمدىن سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم، شۇڭا كۇچادىمۇ سېتىش نۇقتىسى بارمىدۇ شۇنى سوراي دىگەن ئىدىم.

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...