گال-يۇتقۇنچاقتىكى ئىللەتلەر ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار


ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سىزنىڭ بۇ80خالتا مەسلەھەت بىرىش تۇربىتىنى بۇگۇن كۇرۇپ سىزدىن مەسلەھەت سۇراي دەپ ئۇلتۇرۇپتىمەن .
ئۆتكەن يىلى يازدا ئۆيدە ئاپام ھۇرنان سالغان ئىدى،مەن لازا،ئاچېقسۇ،دىسە جان بىرمەن شۇڭامەن لازا ،ئاچچىقسۇغا ھۇرناننى تۈگۈرۈپ يىگەنتىم .
ئەتسى ئاۋازىم پۇتۇپ گېلىم ئىششىپ كەتتى،كىچىك تىلىممۇ،ئىككى ئاچماق بۇلۇپ قاپتۇ،ئۇزاق ئۆتمەي دوختۇرغاكۇرۇندۇم ،دوختۇر ئاسما ئوكۇل ئىسىپلا بولدى قىلدى،........
مانا ھازىر تىلىم تېخىچە ئىككى ئاچماق ھالەتتە ،بۇرۇن يەتتە ياش ۋاختىمدا بىرشۇنداق بۇپ قىلىپ ساقايغانتىم،
ھازىرگىلىم ئاغىرمايدۇ.بىرنەرسە باردەكمۇ سىزىم يوق..شۇ ئانچە - مۇنچە بەلغەم تۇرۇپ قالىدۇ ،گېلىمنى ئىككىنى قىرىپ قۇيسام جىمىم قالدۇ،
ھازىرئاۋازىم سەل غاراڭ - غۇرۇڭ. باشقىلار گىپىمنى تەستە چۈشىندۇ،سۇزلىشىم بەك تىز بەزى ۋاقىتلاردا بەزى ئاددى سۇزلەرنىمۇ دىيەلمەي كىكەچلەپ كىتمەن،
ئاسان زۇكام بۇلمەن زۇكام بۇلساملا گىلىم ئىشۋالدۇ،
سىز دىن سۇرايدىغنىم يەرلىك رىستىپلاربارمۇ؟ياكى 1_دۇختۇرخانغا بىرىپ گىلىمنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ كىچىك تىلىمنى بىر قىلدۇرايمۇ؟
باشقا كىشلەرنىڭ تىلى بىرتال كۇنۇس شەكىلىدە بۇلدىكەن مىنىڭمۇ شۇ...لىكىن سىرتىمغا ھاھ ..ھاھ ..قىلسام ئىككى ئاچماق ئايرىلىپ تۇردۇ،سەل تۇرسا يەنەبىركىدۇ،
مەن ئۇقۇغۇچى دەڭە مەندە دۇختۇرخانغا بارغۇدەك كۇپ پۇل نەدە دەيسىز ھۆكۇمەت ياردەم بىلەن ئۇقتىۋاتقان بۇلغاچقىلا ئۇرۇمچىدە تۇرۋاتمەن ،سىز دىن ئۆتۇنۇشۇم ماڭابىر ئىغىر كۇرمەي تەپسىلى چۇشنىشلىك جاۋاپ بىرەمسىز ،

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بادامسىمان بەز چوڭىيىۋېلىشقا قارىتا ئېغىرراق بولغاندا ئوپراتسىيە قىلىپ قىرىۋېتىش ئىلىپ بىرىشى مومكىن.
ئوپراتسىيە قىلماي ئاددىي ئۇسۇلدا داۋالاش ئۈچۈن بىر نەچچە خىل چارىنى كۆرسىتەي. شىپاسى بولغاي!
1. يۇمشاق سوقۇلغان زەنجىۋېل تالقىنىدىن كۈندە بىر-ئىككى قېتىم، ھەر قېتمدا بىر چىمدىمنى بىر قوشۇق ھەسەل بىلەن قايناقسۇدا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى تاماققا سېپىپ يەپ بەرسە بولىدۇ.
سوغۇق يەلنى تارقىتىپ ئىششىق ياندۇردۇ. قاننى جانلاندۇرۇپ تولا زۇكامداشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاشقازاننى قىززىتىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
2. قىزىل قولتۇق پاقا، قۇلىيلىن، ئاق يەر يىلىنى، زەرچىۋە، زەنجىۋېل، ئارپا بەدىيان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۇمشاق سوقتۇرۇپ كۈندە يىرىم قوشۇقتىن ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بىرىلىدۇ.
يەل تارقىتىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. قان تازىلايدۇ.
3. ئاۋازنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ بولۇشىغا - بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۆتكەن ھۆكۈمالارنىڭ بىر رېتسىپى بار ئىكەن، سىناپ باققايلا!
ناۋاتتىن 3 گىرام، پىستە مېغىزى 9 گىرام، ئاقلانغان بادام مېغىزى 9 گىرام ، سېرىق ماي 9 گىرام ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ شۈمۈپ بەرسە بۇنىڭ بىلەن ئاۋاز ساپلىشىدۇ.
4. گال ئىششىپ، ئاغرىپ ، بىر نەرسە يۇتماق تەس بولغاندا :
مامرانچىنى 10 گىرام
ئوتتۇرھال چوڭلۇقتىكى ئاقيەر يىلاندىن بىر تال
قىزىل قولتۇق پاقا بىرتال
قۇلىيلىن بىر تال
دورىلارنى چالا سوقۇپ چوڭراق بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ شورپا تاييارلايمىز. ئاندىن سائىتىگە بىر قېتىمدىن گال-يۇتقۇنچاقنى غار-غار قىلىپ بىرىمىز. بىرەر يۇتۇم ئىچىپ سالساقمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. (بىر-ئىككى قېتىم ئىشلەتكەندىن كىيىنلا كۆرىنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. ئىنشائاللا )
5. ئەگەر قىزتما قوشۇلۇپ كەلسە :
كاكىنەچ، بىنەپشە، زۇپا، ئەنجۈر قېقى ،چىلان، ئەينۇلا، ئوسما يېلتىزى قاتارلىقلاردىن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ياكى كاشكاپ دەملەپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

پەرھىزلەر: ئاچچىق-چۈچۈك، سوغۇق، يەللىك يېمەك-ئىچمەكلەر.
___________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: گال، يۇتقۇنچاق، زەنجىۋېل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماYadikar29[2012-06-21 11:36 PM | del]
‏ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ،بىر زات ئەپەندىم.  مەن خوتەن ۋىلايەت كېرىيە  ناھىيەسىدىن بۇ تور بەتكە ئەزا بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن مەمنۇنمەن . مەن سىلدىن بىر قانچە مەسىلە توغرېسدا مەسلىھەت سورېماقچىتىم ، مالالكورمەي مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا ،مەنبۇيىل 24ياشقاكىردىم تېخى توي قىلمىدىم ،مەن بىريىل بۇرۇن   شەيتاننىڭ ئازدۇرىشى بىلەن شەھۋانى ھەۋەسكە بىرىلىپ ئانانىزىمغا يەنى«قولدا راھەتلەن دۈرۈشكە»ئادەتلىنىپ قېلىپ 4-5قېتىمدەك بۇ ئش بىلەن شۇغۇنلانغاندىن كىيىن مەندە سۈيدۈك تامچىلاش ئالامەتلىرى كورۈلگەنلىكىنى سەزگەندىن كىيىن ئۇىش تىن تۇلۇق قولۈزگەن ىدىم ،لىكىن مەندىكى سۈيدۈك تامچىلاش كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ قالغاچقا دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتۈم ،دوختۇر مىنى مەزىبېزى ياللۇغى دەپ دىئاگۇنۇس قويدى ،دۇختۇرنىڭ شۇۋاختىدا ئېيتىشىچە كىسىلىم ئانچە ئېغىر ئەمەسكەنتۇق دۇختۇر مىنى بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشنى ئېيتقان چاغدا شاراىتىم تۈپەيلى داۋالىنالمىغان ئىدىم ،كىيىن ئارىدىن 7-8ئاي ئوتۈپ كەتتى .ھازىر بۇ ئىشلاغا بىريىل بولۇپقالدى .ھازىر كۈندىنكۈنگە ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ھىسقىپ قالدىم ،بۇلۇپمۇ ناماز ئۇقۇشتا بەك قىنىلىپ قالدىم ،ھەرقېتىم ناماز ۋاختىدا ئىككى ئۈچقېتىم قايتا قايتا تەھارەت ئېلىشىمغا توغراكىلىدۇ ،يەنە بىرنەچچە كۈن بولدى ئىچكىيىمىمگە قارىسام بىرخىل ئاق داغلا يۇقۇپ قاپتۇ ئۆزۈممۇ بەزىدە خۇددى بىرنەرسە چىكەتكەندەك ھىسقىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم بۇ ئالامتلەردىن سەل ئەنسىرەپ خىيالىمغا مۇشۇ ئش كىرىۋېلىپ بەك چۈشكۈن لىشىپ كەتتىم ،بۇلۇپمۇ تەھارەت ئىشىدا بەك قىنىلىپ كەتتىم ،يېقىندا رادىيۇدا بىردورىنىڭ ئىلانىنى ئاڭلىغان ئىدىم ئىسمىنى(بېن ساۋ شيەن ۋاڭ)دىگەندەك قىلغان ،كىچىك بىرقېپى 250يۈئەن ئىكەن ،شۇدورىنى ئېلىپ يەپ باقايمۇ ياكى باشقىچە ياخشىراق داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ«دورابولسىمۇ مەيلى»مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز«ئللاھ»سىزدىن رازى بولسۇن ماڭابىر يااردەم قىلىڭ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.