نەشە خۇمارىنى تۈگۈتۈش ھەققىدە مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم



ئەسسالامۇئەلەيكۈم :ھۆرمەتلىك برزات ھەكىم ،مەن بۇيىل19ياش ،مەن نەشە ۋە ئۆزۇمدە كۆرىلىۋاتقان بەزى ئالامەتلەر توغۇرھەم قانداق قىلغاندا نەشىنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم . چۈشىنىكسىز بوپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۇم دە كۆرەلگەن،كۆرلىۋاتقان ئالامەتلەرنى ئايرىپ يازدىم
يېقىندىن بۇيان چوڭ تەرەت قىلىشقا ئولتۇرسام ھەرقانچە كۈچىسەممۇ مەقەت ئېغىزى ھىملىشىۋېلىپ،ئىنتايىن مەجبۇرى ھالدا ئاز-ئاز دىن سۇيۇق ھالەتتە كىلىدىغان ، ئىچىم قېتىپ كەلسىمۇ ناھايتى تەستە بەك ئاز .لىكىن كۆپ قېتىم كىلىدۇ ،كىچىللىرى بەك تولا(چوڭ-كىچىك) ھاجەتكە چىقىمەن.
يەنە كىچىك تەرەتتىن كىيىن يەنە باردەك ھېس قىلىدىغان،ئۇزۇن (كومپىيوتېرئالدىداياكى موتسىكىلىت)ئولتۇرسام چاتئارلىقىم.مەقەت ئەتراپى ئاغرىغاندىن باشقا يەنە كۆكرەك ئەتراپىم (ئىچكى قىسىم)بىئارام بولۇپ بېشىمنىڭ كەينى تەرەپ،بويۇن ئەتراپىم ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ .بىلىمدە بىرنەرسە بادەك ھېسقىلىمەن ، ئۇزۇن ئۆرە تۇرسام بەك تالىدۇ .
ئۆزۈم بىر ئوتتۇراتېخنىكوم ئوقىغۇچىسى ، مەن يۇرتتىكى ۋاختىمدا باللار بىلەن سۇغاچۇشكىلى بارغاندا ئانچەمۇنچە ئانانېزىم قىلاتتۇق ،مەن تاكى ھازىر غاقەدەرھەپتىدە 5~6قېتىم قىلىمەن،
يەنە كېپ مەن نەشىگە ئۈگىنىپ قالغىلى2يىل بولدى ،نەچچە قېتىم تاشلاش قارارىغا كېلىپ ئۇزۇن بولغاندا 2كۈن چىدىيالىدىم ، ئىشتاھايىم تۇتۇلۇپ نەشە ئىستىمال قىلمىسام تاماق يىيەلمەيىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتىم، ئاخشىمى ئۇخلىمايمەن،تاڭ ئاتقاندا ئاندىن ئۇخلايمەن، شۇسەۋب تىن بەك تولا قالايمىقان خىيال قىلىدىغان ، تولا چۆچىيدىغان بوپقالدىم.
ھۆرمەتلىك برزات ھەكىم : مەن تېخى 19ياش لىكىن مەن دە يۇقارقىدەك بىرقاتارئالامەتلەركۆرىلىۋاتىدۇ .
كۈنلىرىم شۇ نەشە بىلەنلا ئۆتۈپ كىتىپ بارىدۇ ، مېنڭ گەرچە تىبابەتتىن خەۋرىم بولمىسىمۇ مەن بۇلارنىڭ بەزىللىرىنى شۇ نەشىنىڭ زىينى مىكىن دەيمەن .
نەشىنڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق يامان تەسىرى بار؟نەشىنڭ ھەۋىسىدىن قانداق قىلغاندا قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ يۇقارقى ئالامەتلەر ئارىسىدا نەشىنىڭ ئاسارىتى بارمىدۇ؟ دوراياكى بىرەرخىل داۋالاش ئارقىلىق نەشە تاشلاش مەخسىتىگە يەتكىلى بولامدۇ؟ بولسا مەندەك بىر ئازغان ئۇيغۇر بالىسىغا يول كۆرسەتسىلە ، مۇشۇ ئازاپلاردىن تېزراق قۇتۇلسام.
رەخمەت، اللا تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن!

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سىزگە تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بىرەي:
1.ئالدىدا ئېيتقان ئەھۋاللارغا قارىتا مۇنتىزىمراق دوختۇرخانىنىڭ ئۈچەي-مەقەت كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەپسىلىي بىر تەكشۈرتۈپ باقسىلا!
2.نەشە خۇمارىنى تۈگۈتۈشتە بىرەر دورا رېتسىپى ياكى چارىسىنى ئېيتىش بىلەن ئۇنىڭ زەھىرىنى تۈگۈتۈش ، تاشلاش مومكىنچىلىكى بەكلا تۆۋەن. بۇنى داۋالاشتا چوقۇم بىرەر مۇنتىزىم ئورۇن ، داۋالاش لاھىيسى بولىشى كېرەك. چۈنكى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلاردا ئىرادە كۈچى تولىمۇ ئاجىزلاپ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان يالغانچى، مەككار ، ھورۇن قاتارلىق پاسسىپ پىسخىك ئاجىزلىقلار يۈز بىرىدۇ. شۇڭا مۇنتىزىم داۋالىنىش بىلەن بىرگە دوستلىرى ، تۇققانلىرى كۆڭۈل بۆلىشى ، نەشىگە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلار نەشە چىكىدىغان ئۈلپەتداشلاردىن يىراق يۈرۈشى كېرەك!
رايونىمىزدا زەھەر خۇمارىنى تاشلاتقۇزىدىغان مۇنتىزىمراق بىرەر داۋالاش ئورنىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. لىكىن توردا « يارىپ ئامبولاتوريىسى» دەيدىغان ، مەخسۇس نەشە، چۇمادو قاتارلىقلارغا خۇمار بولۇپ قالغانلارنى داۋالايدىغان بىر ئورۇننىڭ ئىلانىنى كۆرگەن ئىدىم. توردىن شۇنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىلا!
3.يۇقۇردىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە ئانانىزىم ھەم نېشىكەشلىك قالدۇرغان روھىي ھەم جىسماني ئاسارەتلەرگە قارىتا تەجىربىلىك تېۋىپ-ھېكىملارنىڭ مەسلەھىتىنى ئالغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن مۇناسىپلىرىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىلە بولىدۇ!!!
_________ بىرزات






يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: نەشە، ئانانىزىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماalikat[2011-02-21 03:01 AM | del]
سالام تورداشلدر تۇنجى قېتىم بۇ تور بەتكە  كىرىپ  ياخشى مەزمۇنلانى  كورۇپ سويۇندۇم ھەم  تىزىملاتتىم
اللاھ  ھەممىمىزگە مەدەت  بەرسۇن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.