دادام مىجەزى سەپرا بولىشىغا قارىماي  ئىسسىقلىق دورا-دەرمان تەڭشىتىپ ئاچچىق دەملەپ ئىچەتتى. قارا چاي دېگەننىمۇ <<ئاتنىڭ قېنىدەك قېپ-قىزىل >> قېنىق دەملەپ ئىچمىسە ئۇنىمايتتى. بەزىدە ئۆيدە ئىسسىقلىق دورا چاي تۈگەپ قالغان بولسا قايناق سۇغا قارامۇچ دەملەپ ناۋات سىلىپ ئىچكىننى كۆرەتتۇق.
ئەتراپتىكىلەرنىڭ پات-پات دادامغا بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ ئىسسىقلىق دورا چايلارنىڭ جىگەرگە، كۆزگە يامان تەسىرى بولىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا بەزىدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ‹‹سوغۇق ئىش›› قىلىدىغان ياكى سوغۇقجان كىشىلەرگە ئىسسىقلىق دورا چاي زىيان قىلمايدۇ، مەندەك گەجخاچى ئادەمگە

" /> چايخۇمارلىق ھەققىدە ئەمەلىي پاراڭ - 80 خالتا بلوگى

چايخۇمارلىق ھەققىدە ئەمەلىي پاراڭ


دادام مىجەزى سەپرا بولىشىغا قارىماي  ئىسسىقلىق دورا-دەرمان تەڭشىتىپ ئاچچىق دەملەپ ئىچەتتى. قارا چاي دېگەننىمۇ <<ئاتنىڭ قېنىدەك قېپ-قىزىل >> قېنىق دەملەپ ئىچمىسە ئۇنىمايتتى. بەزىدە ئۆيدە ئىسسىقلىق دورا چاي تۈگەپ قالغان بولسا قايناق سۇغا قارامۇچ دەملەپ ناۋات سىلىپ ئىچكىننى كۆرەتتۇق.
ئەتراپتىكىلەرنىڭ پات-پات دادامغا بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ ئىسسىقلىق دورا چايلارنىڭ جىگەرگە، كۆزگە يامان تەسىرى بولىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا بەزىدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ‹‹سوغۇق ئىش›› قىلىدىغان ياكى سوغۇقجان كىشىلەرگە ئىسسىقلىق دورا چاي زىيان قىلمايدۇ، مەندەك گەجخاچى ئادەمگە ھەر قانچە ئىسسىقلىق دورىدا چاي دەملەپ ئىچىشكەن، كۈندە نەچچە ۋاق كاپ ئېتىپ يەۋالسىمۇ زىيان قىلمايدۇ، بىز كۈندە ھۆل تامنىڭ ئىچىدە سوغۇق گەجنى تۇتۇپ ئىشلەيمىز. بۇ ئەھۋالدا ھەر قانچە ئىسسىق مىجەز ئادەم بولسىمۇ مىجەزىنى ئىسسىق ساقلاپ تەڭشەپ تۇرمىسا رەڭگى ئاقىرىپ مىجەزى يىنىشىپ كېتىدۇ دەپ رەددىيە بىرەتتى. بەزىدە دادامغا كۆڭۈل بۆلۈپ دوختۇر-تېۋىپلاردەك نەسىھەت قىلىپ، ئىچ ئاغرىتقانلارغا ھۆرمەت يۈزسىدىنلا ‹‹ھە›› دەپ قوياتتى. تۇققانلار پات-پات ، ھەي، سەن يامان قىلىۋاتىسەن، ھامىنى بىر كۈنى سالامەتلىكىڭدىن چاتاق چىقىدىغان بولدى، قان بېسىم، جىگەر كېسىلى، كۆز ئاجىزلاپ كېتىش دېگەنلەر مۇشۇ ئىسسىقلىق دورا چاينى جىق ئىچكەندىن بولامىش دەپ يۈرۈپ مانا چاتاق چىقىدۇ، ئەنە بىر كېسەل بولۇپ قالىدۇ دەپ يۈرۈپ ھازىر ساق 25 يىلچە بولۇپ قاپتۇ، ئاللاھقا شۈكۈركى ماۋۇ چاققىچە دادامدا باشقىلار ئاگاھلاندۇرۇپ يۈرگەن كېسەللەرنىڭ ھېچقايسىسى كۆرۈنمىدى. مەن تېبابەت ئۈگۈنۈش جەريانىدا ئۆزۈممۇ مىجەزگە قارىتا دورىلىق چايلارنى تەڭشەپ يۈرەتتىم. دادامدىن يۇققان ‹‹كېسەل›› مىتىكى دورىلىق چاي تەڭشەشكە بىر خىل ھەۋىسىم بار ئىدى. دۇكاندا كۈندە بىرە خىل دېگۈدەك تەڭشەپ ھەر خىل چايلارنى دەملەپ ئىچىپ باقاتتىم. دۇكاندىكى باشقا باللا، قەشقەرلىك چايغا باشقىچە ھەۋىسىڭلا با ھە سىلەرنىڭ دەپ قوياتتى. قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دادامغا ئانچە مۇنچە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلارنى ئاسرايدۇ دەپ تەبئىتى مۆتىدىل، خۇشپۇراق چايلارنى تەييارلاپ بەرسەم، كۆنگەن خۇيى بويچە ، چېيىڭ ئاچچىق بولماپتۇ، تۈزۈك بىر تەڭشىگىنە بۇدا، چاي دېگەننىڭ ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ئادەمنىڭ ئاغزىنى قۇرۇغىدەك بىر يېرى بولمىسا قاملاشمايدۇ دەيمە، دەپ ياراتمايدۇ. مەن چۈشەندۈرۈپ، دادا، سېنىڭ ئەمدى ئاچچىق قىلىپ چاي ئىچىدىغان ۋاقتىڭ ئۆتتى، ياش چوڭۇيۇپ قالغانچە قان تومۇرلار، يۈرەك، جىگەر ئۇنداق بەك ئىسسىقلىق دورا چايلارنى كۆتۈرمەيدۇ، دېسەم يانا ئۆزىنىڭ گېپى: '' سەن ئۇنداق تەڭشىيەلمىسەڭ، ئودا ئالدىدىكى دارا-دامانچىلاردا سوقتۇرۇپ كىلىمەن دەپ قويۇشلىرى بار.

ھازىرمۇ مەندىن كۈندە نەچچە ۋاق ، ئۇستام ئىسسىقلىق دورا چايلار ئادەمگە زىيانلىقمىش دەيدۇ، راسمۇ يا؟!!
دەپ سورايدىغانلار بار، مەن زىرىكمەي چۈشەندۈرىمەن. _ ماڭا قارىسىلا، سوغۇق مىزاجلىق ئادەمگە ئىسسىقلىق ياقىدۇ، ئىسسىق مىزاج ئادەمگە سوغۇقلۇق ياقىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ مىزاجى مۇرەككەپ، ئىسسىق-سوغۇقى ئىنىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ مىزاجىدىمۇ ئوخشىمىغان پەرقلەر بولىدۇ. شۇڭا ھەر ئادەم ئۆز مىزاجىغا مۇناسىپ چاي تەڭشىتىپ ئىچسە بولىدۇ.

مەنچە چاي دەملەپ ئىچىشتە مۇنداق 3 مەقسەت بولىدۇ.
1.ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش؛
2.تەم-پۇراقتىن ھوزۇرلىنىش؛
3.مىزاجنى تەڭشەپ سالامەتلىكىنى ئاسراش؛
بەزى خىرىدارلار بار، يەل باسار ئىسسىقلىق چاي تەڭشەپ بەرسىلە، موزا، يىلان، پاقا دېگەنلەردىن قوشۇپ سىلىپ بەرسىلە دەپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇلارنى سالساق قانداقمۇ چاي دورىسى دېگىلى بولىدۇ، بۇ خۇرۇچلارنىڭ ھېچقانداق چاي خۇسۇسىيىتى يوق. بۇنىڭدا چاي دەملەپ ئىچەلمەيلا، ھەم ئاچچىق ھەم بەتتام، ئاسان زىرىكىپ قىلىپ تاشلاپ قويىلا، بىكاردىن ئىسراپ بولىدۇ. سىلىگە ھەم چاي ھوزۇرنى بەرگۈدەك ھەم بەدەندىكى نۇرمالسىز يەللەرنى تارقاتقۇدەك ئىسسىقلىق چاينى ئۆزۈم بىلىپ تەڭشەپ بىرەي، دەپ قوۋزاق دارچىن، لاچىندانە، زاراڭزا چېچىگى، پىل-پىل، خۇلۇنجان، بەدىيان ... يالپۇز، نانىخا دېگەنلەردىن ئۆز-ئارا ماس كەلتۈرۈپ چاي تەڭشەپ سوقۇپ بىرمەن.

بەزى ئىسسىق مىزاج، جېگەرنى ماي قاپلاپتۇ، قان بېسىم سەل ئېشىۋالدى دەيدىغانلارغا ئالقات، بەدىيان، زاراڭزا، لاچىندانە، رەيھان، قىزىلگۈل، گۈلچاي، يالپۇز، كاسىنە دېگەنلەردىن ماس كەلتۈرۈپ تەڭشەپ بىرىمەن.
يەنە بەزىلەر بار نېرۋا -كەيپىياتنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان، ھەم ھوزۇرى ھەم قۇۋۋىتى بار چاي قىلىپ بەرسىلە دەيدىغان. ئۆزۈمنىڭمۇ چاي خۇمارىم بولغاچقا بۇنداق چاينى تەڭشەشكە تېخىمۇ ئېپىم بار.  بىر چەينەكلىك چاينى بىر بولاقتىن قىلىپ ئايرىم تەڭشەپ بىرەمدىم ياكى ھەممىنى بىرلا تەڭشەمدىم دەپ سورىۋېتىپ چاي تەڭشەشكە چۈشۈپ كېتىمەن. ئادەتتە زەپە، ئىپار ئاساس قىلغان چايلىق رېتسىپنى ھەر چەينەكلىكىنى ئايرىم تەڭشەتكەن ياخشى. چۈنكى ئايرىم تەڭشەلسە خۇرۇچلار تەكشى سىلىنىدۇ، چاينىڭ تەمى ئىزچىل بىر خىل چىقىدۇ. ئەگەر ھەممىسى ئارىلاشتۇرۇلۇپ بىرلا تەڭشەلسە ئۆيگە ئاپىرىپ چاي دەملىگەندە ئۈستى تەرەپ بىر خىل تەمدى، چاي تۈگەپ قالغانچە يانا بىر خىل تەمدە چىقىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ.

ئاغىينىلەر سىرتتا تاماق يېيىشكە توغرا كىلىپ قالسا چاينى دۇكاندا تەڭشىۋېلىپ شۇ چاينى ئىچىدىغانغا بىر مەزگىل كۆنۈپ قالدۇق. گاھىدا تاماقنى يەپ كىرىپ كەچقۇرۇنلىرى دۇكاندا چاينى ئېسىل دەملەپ قويۇپ ئىچىشىپ كېتىدىغان بولدۇق.

ئاشخانىلاردىكى دەملىنىۋاتقان 35-40 يۈئەنلەرگىچە باھادىكى زەپە چايلارنىڭ رېتسىپى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە: زەپە، سىرلانكا چېيى، قىزىلگۈل غۇنچىسى، لاچىندانە، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات. بۇنىڭغا سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ سۇمبۇل يوپۇرمىقىدىن ئازىراق قوشۇپ دەملىسەك تېخىمۇ پەيزى بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ يەنىلا قاملاشتۇرالماي قالساڭلار، 80خالتا بىرزات دۇكىنىغا كىلىڭلار مەن ئۈگۈتۈپ قوياي.

مەن خىىرىدارلىرىمغا تەڭشەپ بىرىدىغان بىر چەينەكلىك ئالاھىدە چاي 15 يۈئەن (كىچىك بولاقچە) . چاي رېتسىپى ئاساسلىقى: قارا رەيھان، لاچىندانە، قىزىلگۈل، زەپە، ئىپار، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى يەنە 3-4 خىل تەركىبلەر.

شۇنداق بىر چايخۇمار ئادەملەر بار، ھەر خىل چاي، دورا-دەرمەك خۇرۇچلىرىدىن ئايرىم-ئايرىم قۇتىلارغا ئىلىپ كېتىپ ئۆيىدە ئۆزى كۆڭلى خالىغانچە ھەر خىل تەڭشەپ ئىچىپ قويىدىغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئالىدىغانلىرى: لاچىندانە، قىزىل گۈل، زەپە، قەلەمپۇر، قوۋزاق دارچىن، يالپۇز، پىننە دېگەندەكلەر. بەزىلەر يېشىل چاي، قىزىل چاي، قارا چاي، لىپتۇن، ئەنگىلىيەنىڭ مەھمۇت، ئەھمەتنىڭ چايلىرى، سىرلانكىنىڭ، تۈركنىڭ چايقۇر چايلىرى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيدە بىر ئىشكاپتا لىق كەلگۈدەك چايلىرىم بار دەپ ماختىنىدىغانلارمۇ بار.

چايخۇمارلىق ھەققىدە گەپ بولۇپ قالدى، كىنولاردا كۆرىمىزكى خەنزۇلار بىزدىن قىلىشمىغۇدەك چايخۇمار خەلقمىكى دەپ قالدىم. بۇندىن 4-5 يىللار بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر ئاكىمىز بىلەن خەنزۇلار بەك تەرىپلىشىدىغان لوڭجىڭ چېيىدىن ئىچىشىپ قالدۇق. چايمۇ ئوبدان دەملىنىپتۇ، پاراڭمۇ شۇنداق قىززىدى، ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپتە ئىشلىگىلى بارغاندا خەنزۇلارنىڭ قانداق چايلارنى دەملەپ بەرگەنلىكى، ئۇ يەردىكى مۇئەللىم-پىروفىسورلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەققىدىكى تونۇشى، ئىچكىردىكى بالا ئوغرىلار، ئاقچى، كۆكچى دېگەندەك پاراڭلار بىلەن چاينى ئىچىۋاتىمىز بىر ياقتىن، بىر ياقتىن بىرسىمىز كەلسەك بىرسىمىز دېگۈدەك ھاجەتخانىغا قاتىراپ يۈردۇق. چاي ئىچىپ ئولتۇردىغان يەرلىرىدىن بەكرەك ھاجەتخانىغا ئىشلەپ قويامدىكىن دەپ قالدىم، شۇنچە كەڭرى، ئازادە ئىكەن. مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە لوڭجىڭ چېيىنىڭ تەم ھوزۇرىدىن باشقا كىچىك تەرەتنى تولا كەلتۈرۈپ بەدەننى تازىلاش رولى يۇقۇرىمىش. بۇ تەسىرات ئىچكىرگە بىرىپ يېڭىلا سەپەردىن چۈشكەندە ئۆيسىگە تەكلىپ قىلغان پروفىسورنىڭ دەملەپ بىرىشى ھەم سەپەردە ھاجەت قولاي بولماي بەدەندە يېغىلىپ قالغان زەھەرلەرنى تازىلايدۇ دەپ ئىزاھات بىرىشى بىلەن كۆپرەك ئىچىپ بىرىشى بىلەن سەپەردىكى ھاردۇقى چىقىپ، پۇت-قوللىرى يىنىكلەپ قالغىنىدىن بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ قېتىم ئىچكەن چاينىڭ تەسىراتى شۇ 8-10 قېتىم كىچىك تەرەتكە بارغىنىم ئېسىمدە قاپتۇ. لىكىن شۇندىن كىيىن ئانچە مۇنچە يېشىل چاي دەملەپ ئىچىپ قويىدىغان بولدۇم.

شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ چايخۇمارلىق تۈرتكىسىدە ئانچە-مۇنچە بەزى چايلارنى خىلى يامان ئەمەس تەڭشەيدىغان، دەملەيدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭ مۇئەييەن كەسىپكە يانداش تەرىپىمۇ ئۆزۈمنىڭ چاي خۇمارلىقىممۇ يەنە بىر سەۋەب بولۇپ قالدى. ئەمدى ما كىيىنكى كۈنلەردە تۈركچە كىنولارنى كۆرۈش قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركچە چاي ئىچىش خىلى مودا بولدى. مەن بىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ تۈركچە دەملەنگەن چاينى بارداقلارغا قىپ-قېزىل تولدۇرۇپ ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ئەھۋاللار خىلى ئومۇملىشىپ قالدى. دەسلىپىدە  ئانچە-مۇنچە ئاغىينىلەر ھەرەمباغ دېگەندەك مەخسۇس تۈركچە تاماق چىقىرىدىغان تاماقخانىلاردا غىزالانغاچ تۈركچە دەملەنگەن چايلارنى ئىچىپ ئاغزىمىزنى چاكىشتىپ يۈردۇق. بۇ چاينى ھىلى لىپتۇن چېيىنى قىنىق قىلىپ دەملەيدىكەن دېسەك، ھىلى بىرسىمىز ھەرەمباغدىكىلەر تۈركىيەدىن مەخسۇس ئەكىرگەن چايدا دەملەيمىش، بۇنىڭ دەملەش ئۇسۇلىنى بىر كىمگە دەپ بەرمەيمىش دېيىشىپ بىر چەينەك چاينى 30 نەچچە كويلاردىن ئىچىپ يۈرگەن بولدۇق. كىيىن ئۇ يەرنىڭ تاماقلىرى يانچۇققا ‹‹سوغۇق›› كىلىدىكەن، سىرتتا تاماق يەپ يامان ئۈگۈنۈپ قالمايلى، ئۆيدە باللىرىمىز بىلەن بىللە غىزالانساق ياخشى ئەمەسمۇ، چاي ئىچكىمىز كەلسە ئاغىينىلەر يېغىلىشىپ ئۆزىمىز دەملەپ ئىچىلى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر چەينەك چاينى 30-40 كويدىن ئىچىپ يۈرگىچە ئۆزىمىز ئۈگەنمەيمىزمۇ دەپ بىر مەزگىل ئىزدىنىپ باقتۇق. چايقۇر ماركىسىدىكى تۈركيەدىن كىرگۈزگەن چايلاردىن ئىلىپ دەملەپ بېقىپ زادى قاملاشتۇرۇپ بولالماي ، نىمانچە لاۋزا چاي بۇ دەپ تاشلاپ قويۇپ يەنە بىر مەزگىل تۈرك چېيى ئىچىشتىن ۋاز كەچكەن بولدۇم.

يازما ئىگىسى: بىرزات

مەنبە: 80خالتا بلوگى www.80halta.com

تۈرك چېيىنى قانداق دەملەش ھەققىدە ئۈگەنگەنلىرىمنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت:تۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى

 

داۋامى بار...




[Birzat بۇنى 2013-09-29 04:12 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمائەسەتجان[2014-03-05 00:05 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش چاي خۇمار، سىزنىڭ دۇكىنىڭىزغا بېرىپ چاي ئىچىپ كىلەي دېسەم، ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى يېقىن ئەمەس ئىكەن، بۇ يەردە چاي تەييارلىيالايدىغان ئادەم بولمىغاچقا ئامالسىز تەييار چاينى ئىچىپ يۈرۈيمەن، بىراق تەييار چاي ئانچە ئىچىشلىك بولمايدىكەن، كىيىن پۇرسەت بولسا چاي توغرىسىدا كۆپرەك مەسلىھەت بېرەرسىز. خوش، ئاللاغا ئامانەت.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.