ھازىر بەزى بىر چايخانىلاردا ئىسمى ناھايىتى چىرايلىق بولغان <<مەرۋايىت چېيى>> نامىدىكى بىر چايغا بەزى كىشىلەر ئاقىۋېتىنى ئويلاپ كۆرمەستىن ياكى بىلمەستىن مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەندىن سورىغانلار خىلى كۆپ بولغان بولغاچقا شۇ چاينى بىلمەي ئىچىۋاتقانلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، كۆكنار غوزىسى دەملەپ ئىچكەنلىك ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق، ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق ئاستا-ئاستا خۇمار قىلىپ ئەقلىنى، جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى خورىتىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنلىك، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ پاكىز تۇغۇلىشى، ساغلام چوڭ بولىشىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق، شۇڭا ئادەملەر، كىشىلەر، دوستلار ماڭا قۇلاق سىلىڭلار، مەن بىلگىنىمنى دېدىم، ۋاقىتلىق راھەت، ھوزۇر قوغلىشىپ ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار!

" /> كۆكنار غوزىكىدە چاي دەملەپ ئىچىشنىڭ ئاقىۋېتى ھەققىدە - 80 خالتا بلوگى

كۆكنار غوزىكىدە چاي دەملەپ ئىچىشنىڭ ئاقىۋېتى ھەققىدە


بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە يېزىپ بلوگىمدا ئىلان قىلىش ھەققىدە خىلىدىن بىرى ئويلىنىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ <<كۆكنار غوزىكى چېيى>> ھەققىدە تور يۈزىدە تېببى ساغلاملىق نۇقتىسىدىن تەھلىل بايان قىلىشنىڭ ئەمدىلەتتىن گۈللىنىۋاتقان <<چايخانا مەدەنىيىتى>> مىزگە باشقۇرلۇش جەھەتتىن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى ھەمدە تەرەققىياتىغا بەزى-بىر توسالغۇلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىككىلىنىپ قالغان ئىدىم. لىكىن خەلقىمىز ئېستىمالچىلىرىدىكى <<چىلىم>> تارتىش قىزغىنلىقىدىن كىيىن پەيدا بولغان <<مەرۋايىت چېيى-(كۆكنار غوزىكى چېيى>>  ئىچىش قىزغىنلىقى مەندە بۇ ھەقتە بىرەر يازما تەييارلارشنىڭ تەخىرسىز بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

كۆكنار غوزىكىدە چاي دەملەپ ئىچىپ قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئەتراپىمدىكى خىلى كۆپ كىشىلەردىن ئاڭلىغان بولغاچقا بۇ ئىش جەمئىيەتتە خىلى كۆپ يامرىغان <<ھەۋەس>> ئىكەن دەپ قاراپ بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم. چايخانىلاردا مەرۋايىت چېيى -(كۆكنار غوزىكى چېيى>> ئىچكەنلەرنىڭ قىسقىچە بايانىغا قارىغاندا چاي ئىچكەندىن كىيىن روھى كۆتۈرلۈپ، پۇت-قوللىرى يەڭگىللەپ قالىدىكەن،  شۇنىڭ بىلەن بۇ چاينى ئىچىپ تۇرغانلارنىڭ كۆپۈنچىسىدە <<غوزەك چېيى>> ئىچىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.

ئەپيۇن كۆكنار غوزىسىدىن ئايرىپ ئىلىنىدۇ. تېبابەتتە كۆكنار غوزىسىنىڭ ياخشىسى ئەپيۇنىسى ئايرىۋېلىنمىغان بولىشى كېرەك. كۆكنارنىڭ غوزىسىنى تېلىپ ئەپيۇنىسى ئايرىپ ئىلىۋېلىنغان بولسا بۇنىڭ تەسىرى تۆۋەن، بەلكىم ھېچقانچە دورىلىق قىممىتى يوق دەپ قارىلىدۇ.

كۆكنار غوزىسىڭ خۇسۇسىيىتى ﻧﯩﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ئۇﻳﻘﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، (قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىقلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇشىمۇ مومكىن) پۇت-قوللارنى يەڭگىل، راھەت ھېس قىلدۇرۇش، ئاغرىق توختېتىش قاتارلىقلار بولۇپ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلاردا مۇناسىپ يەككە دورىلار بىلەن بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق نېرۋا كېسەللىكلىرىدە، ئازابلىق ئاغرىشجان كېسەللىكلەردە، مەسىلەن: ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىكى چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىش دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئىشلىتىدۇ. كۆكنار غوزىسىدا شەربەت تەييارلاپ ياكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىشنى ئادەت قىلغاندا ئاسانلا خۇمار قىلىش، خۇمار تۇتقاندا يەڭگىل بولغاندا ئىچى سېقىلىش، تىت-تىت بولۇش، تېرىككەك، ئۇرۇشقاق بولۇپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

نەشە، ئەپيۇن (كۆكنار غوزىكى) دېگەندەك كۆڭۈلنى ۋاقىتلىق خۇش قىلىدىغان ناركوتىكلار مېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ نۇرمال تەپەككۇرنى زەئىپلەشتۈردۇ. جېگەر، بۆرەك، يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ رەڭگىنى سارغايتىدۇ.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەزى ئاشخانىلاردا كۆكنار غوزىسىنى قوي-كالىلارنىڭ سۆڭىكىنى قوشۇپ قاينىتىپ تاييارلاپ لەغمەننىڭ قورۇمىسىغا قوشىدىكەن، بىر قانچە قېتىم بۇ لەغمەننى يېگەنلەر پات-پات شۇ لەغمەننى يېگۈسى كىلىدىغان، شۇ لەغمەننى يېمىسە ئىچى تېتىلداپ يەڭگىل بىئارام بولىدىغان، لەغمەننى يېگەندىن كىيىن كەيپىياتى جايىغا چۈشۈپ راھەتلىنىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر بولىدىكەن. بۇ ئەھۋالنى مەن ئىچكىردە ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان بىر بالىدىن ئاڭلىغان ئەھۋال. يەنە بىرسى خوتەندە بىر تېۋىپنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىسى: دادىسىنىڭ مەزى بېزى كېسىلى ئېغىرلاپ كرتىپ ئاغرىپ دەستىدىن بەك ئازابلىنىپ كەتكەندە ئاساسى داۋالاشنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن كۆكنار غوزىسىنى قاينىتىپ شەربەت تەييارپ بىرىدۇ. بىر ئايغا يېقىن داۋالاش قىلغاندىن كىيىن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلى خىلى ياخشى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى شەربەتنى بىرىشنى توختىتىدۇ. لىكىن ئۇ كىشىدە بالدۇرقىدەك ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ئىچى تېتىلداش، بىئارام بولۇش، سەپرالىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ ئوغلىدىن ھىلىقى شەربەتنى يەنە تەييارلاپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان، لىكىن ئوغلى چۈشەندۈرۈپ رەت قىلغاندا ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلاپ ئوغلىنى ئۆيگە سولىۋالغان. ھەتتا ئاشۇ شەربەتنى تەييارلاپ بەرمىسە ئوغلىدىن رازى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەغىشلىك قىلغان.

ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺕ، ﺧﺎﻧﯘ-ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. <<چېكىملىك ئەپيۇننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەپيۇنگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان.لىن زېشۈي جۇڭگو تارىخىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەپيۇنغا قارشى تۇنجى جەڭ ئېلان قىلغان مىللىي قەھرىمان.ئۇ خەلقنىڭ كۈلپىتى،مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،خەلقنى يېتەكلەپ،ئەپيۇننى چەكلەش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىپ،خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن>>

خوش...زامانىمىزدىمۇ خەلقىمىز ئەقلى ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتلىرىمىزنى خورىتىدىغان ئەپيۇن، نەشە كەبى ناركوتىكلارغا مەھلىيا بولۇپ ئاخىرىدا زەئىپ، يارىماس بىر مىللەت سۈپىتىدە تارىخى بېتىدىن يۈتىمىزمۇ؟!!!  قاچانغىچە ئېزىتقۇلارغا ئالدىنىپ ئەقىل تېزگىنىمىزنى شەيتانغا تۇتقۇزۇپ يۈرۈۋېرىمىز؟!!! ياكى بولمىسا بىزمۇ لىن زىشۈيدەك خۇمىندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ جاھانگىرلارنىڭ سۈيقەستىنى بىتچىت قىلىدىغان بىرەر قەھرىمان چىقىپ بىزدىكى شەيتاننىڭ ئىزىقتۇرۇش خاراكتىردىكى زىيانكەشلىكلىرىنى يوقۇتۇپ بىرىشىنى كۈتىمىزمۇ؟

 

يازمىنىڭ ئاخىرقى ئابزاسلىرى سەل <<ئىنقىلابى شۇئار>> دەك چىقىپ قالدى. خىلى بوپتىكەن بىرەر نەرسە يېزىپ بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرمىغىلى، <<قەلەم>> لىرىمىز گاللىشىپ قاپتۇ. ئويلىغانلىرىمنى تازا ئوبدان ئىپادىلىيەلمىگەندەك قىلىمەن.

دېمەكچى بولغانلىرىمنى يېغىنچاقلاپ مۇنداقلا دەي: ھازىر بەزى بىر چايخانىلاردا ئىسمى ناھايىتى چىرايلىق بولغان <<مەرۋايىت چېيى>> نامىدىكى بىر چايغا بەزى كىشىلەر ئاقىۋېتىنى ئويلاپ كۆرمەستىن ياكى بىلمەستىن مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەندىن سورىغانلار خىلى كۆپ بولغان بولغاچقا شۇ چاينى بىلمەي ئىچىۋاتقانلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، كۆكنار غوزىسى دەملەپ ئىچكەنلىك ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق، ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق ئاستا-ئاستا خۇمار قىلىپ ئەقلىنى، جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى خورىتىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنلىك، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ پاكىز تۇغۇلىشى، ساغلام چوڭ بولىشىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق، شۇڭا ئادەملەر، كىشىلەر، دوستلار ماڭا قۇلاق سىلىڭلار، مەن بىلگىنىمنى دېدىم، ۋاقىتلىق راھەت، ھوزۇر قوغلىشىپ ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار!




[Birzat بۇنى 2013-05-27 09:11 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەپيۇن،

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماrock[2013-05-24 09:44 AM | del]
شۇنىڭ بىلەن بىزنى مۇشۇ چاينى ئىچىپ بېرىڭلا دېمەكچىمۇ ياكى ئىچمەڭلا دېمەكچىمۇ؟
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2013-05-24 10:13 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئارىدا خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بىر نەرسە يازماي ، ئەمدى قوپۇپ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى تولۇق ئىپادىلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالمىغاندىمەن؟!!! مۇنداقلا دەي: ھازىر بەزى بىر چايخانىلاردا ئىسمى ناھايىتى چىرايلىق بولغان <<مەرۋايىت چېيى>> نامىدىكى بىر چايغا بەزى كىشىلەر ئاقىۋېتىنى ئويلاپ كۆرمەستىن ياكى بىلمەستىن مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەندىن سورىغانلار خىلى كۆپ بولغان بولغاچقا شۇ چاينى بىلمەي ئىچىۋاتقانلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، كۆكنار غوزىسى دەملەپ ئىچكەنلىك ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق، ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق ئاستا-ئاستا خۇمار قىلىپ ئەقلىنى، جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى خورىتىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنلىك، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ پاكىز تۇغۇلىشى، ساغلام چوڭ بولىشىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق، شۇڭا ئادەملەر، كىشىلەر، دوستلار ماڭا قۇلاق سىلىڭلار، مەن بىلگىنىمنى دېدىم، ۋاقىتلىق راھەت، ھوزۇر قوغلىشىپ ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار! دېمەكچى ئىدىم.
نېرۋىنى ئارام ئالدۇردىغان، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان چاي ئىچەتتىم دېسە، ھەر ئېسىل ھەسەل-چايلىرىمىز بار ئەمەسمۇ؟!!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.