80خالتا بلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بولغان بىر خانىم ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ بىرىدىن تېلفۇن قىلىپ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بىر ئىش توغرىسىدا مەندىن مەسلەھەت سورىدى. بۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە تۇنجى پەرزەنتىگە قورساق كۆتۈرگەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بۇ قېتىممۇ ھەيز توختاش، سېزىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بولۇپ قورساقتا ھامىلدارلىقنىڭ باشلىنىشىدا بولىدىغان ئالامەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلگەندىن كىيىن سۈيدۈك تەكشۈرتۈپ كۆرسە ھامىلدارلىق بەلگىسى كۆرۈلمىگەن، بۇ قانداق ئىشتۇ دەپ دوختۇرغا كۆرۈنگەندە دوختۇرمۇ تەكشۈرۈپ ھامىلدار ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. يولدىشىمۇ، سىز پەرزەنتكە ئامراق بولغاچقا كاللىڭىزغا كىرىۋىلىپ سىزدە شۇنداق خاتا سېزىم بولغان گەپ دەپتۇ.بۇ خانىم ئۆزىنى قورساق كۆتۈردۈم دەپ قارىغان بولسىمۇ  ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىگە ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمىگەن. شاگىرت چاغلىرىمدا بۇ ھەقتە ...

" /> يالغان ھامىلدارلىق ھەققىدە - 80 خالتا بلوگى

يالغان ھامىلدارلىق ھەققىدە


80خالتا بلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بولغان بىر خانىم ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ بىرىدىن تېلفۇن قىلىپ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بىر ئىش توغرىسىدا مەندىن مەسلەھەت سورىدى. بۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە تۇنجى پەرزەنتىگە قورساق كۆتۈرگەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بۇ قېتىممۇ ھەيز توختاش، سېزىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بولۇپ قورساقتا ھامىلدارلىقنىڭ باشلىنىشىدا بولىدىغان ئالامەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلگەندىن كىيىن سۈيدۈك تەكشۈرتۈپ كۆرسە ھامىلدارلىق بەلگىسى كۆرۈلمىگەن، بۇ قانداق ئىشتۇ دەپ دوختۇرغا كۆرۈنگەندە دوختۇرمۇ تەكشۈرۈپ ھامىلدار ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. يولدىشىمۇ، سىز پەرزەنتكە ئامراق بولغاچقا كاللىڭىزغا كىرىۋىلىپ سىزدە شۇنداق خاتا سېزىم بولغان گەپ دەپتۇ.بۇ خانىم ئۆزىنى قورساق كۆتۈردۈم دەپ قارىغان بولسىمۇ  ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىگە ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمىگەن. مەن شاگىرت چاغلىرىمدا بۇ ھەقتە تۇردىمۇھەممەد ئاخۇننىڭ <<ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى>> دېگەن كىتابىدا ئوقۇغاندەك ئېسىمدە بار، لىكىن ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرۈپ باقمىغان كېسەللىك بولغاچقا بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بلوگىمغا يوللاپ قوياي دەپ ئۆزىرە ئېيتىپ تېلفۇننى قويغان ئىدىم. بۇ ھەقتە كەسىپداشلار بىلەن پاراڭلىشىش ۋە مەزكۇر كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى قايتا كۆرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى يازمىنى تەييارلاپ يوللاپ قويدۇم.

 بۇ يالغان ھامىلدارلىق (رىجا) ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ بۇ كېسەللىككە دۇچار بولغۇچى ئاياللاردا ھەيز توختاپ كېتىپ، راست ھامىلدارلىقتىكى سېزك بولۇش دېگەندەك بەزى ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بەزىلەردە ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قورساق چوڭىيىدۇ، قورسىقى تەۋرەيدۇ.

سەۋەبى: يالغان ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبى بالياتقۇ ياكى قورساق بوشلىقىدا ئۆسمە گۆش پەيدا بولغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. بەزىلەردە قورساققا سۇ يېغىلىش، نۇرمالسىز يەللەرنىڭ بالياتقۇ ياكى قورساق بوشلىقىغا توپلىشىپ قىلىپ ھامىلدار بولۇپ قالغاندەك خاتا سېزىم پەيدا قىلىشىدۇر.

يالغان ھامىلدارلىقنىڭ راست ھامىلدارلىق بىلەن بولغان پەرقى بەك چوڭ ئەمەس، يالغان ھامىلدارلىقتا قورساق تەۋرىگەندەك سېزىم ناھايىتى سۇس بىلىنىدۇ.  ئايال كىشى ئۆزىنى ھامىلدار بولۇپ قالدىم دېگەن گۇماندا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە يوق سېزىملەرنى سەزگەندەك بولىدۇ. يەنى زىيادە سېزىمچان بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئاي-كۈنى توشۇپ(ھەتتا ئاي-يىللار ئۆتۈپ ) كەتسىمۇ تۇغمايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئەينى دەۋرلەردىكى تېببى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلەر يوق سەۋەبتىن بەزىلەرنىڭ ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىشىغا سەۋەب بولغان بولىشى مومكىن. كىچىگىمدە چوڭ ئاياللارنىڭ مۇنداق گەپلىرى قۇلقىمغا كىرىپ قاپتىكەن: پالانى چوكان نەچچە يىل قورساق كۆتۈرمەي ئاران بىر قورساق كۆتۈرۈپتىكەنمىش، تۆگە گۆشى يەپمىتىكى ، 12 ئايدىمۇ تۇغماي ئاخىرى دوختۇرغا ئاپارسا بالا يوق دەپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا زىياندىشى بولسا قورساقتىكى بالا يوق بولۇپ كېتەمىش. بۇ زىيانداش نېمە بولغىيدى دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. بۇ ئەسلى بىز بۇ يەردە دەۋاتقان يالغان ھامىلدارلىق ئىكەن.

يەلدىن بولغان يالغان ھامىلدارلىقتا قورساق ئېسىلگەندەك بولۇش، سانجىق پەيدا بولۇش، كۆڭۈل ئىلىشش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا يەلگە قارىتا مۇناسىپ دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياكى كىيىنچە ئۆزلىكىدىنمۇ ساقىيىپ كېتىشى مومكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇردا تەكشۈرتسىمۇ ھېچقانداق غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلمەسلىكى مومكىن.

ئەگەر قورساققا سۇ چۈشۈش سەۋەبىدىن يالغان ھامىلدارلىق بەلگىلىرى كىلىپ چىققان بولسا قورساققا سۇ چۈشۈش كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى چارىلەر قوللىنىلىدۇ. ئەگەر بالياتقۇدا ئۆسمە گۆش بولسا ئوپراتسىيە قىلىش چارىسى قوللىنىدۇ. بۇلارغا چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەپسىلىي، ئىنچىكە تەكشۈرۈش قىلىنىپ ھەقىقى ئەھۋالنى ئىنىقلاپ چىققاندىن كىيىن تەجىربىلىك دوختۇر-ھەكىملەرنىڭ مەسلەھىتى بويچە چارە قىلىنىدۇ.

2013-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

پايدىلانغان ماتىريال: تۇردى مۇھەممەت ئاخۇننىڭ <<ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى>> دېگەن كىتاۋى




[Birzat بۇنى 2013-03-12 00:24 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھامىلدار ئايال

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhari[2014-01-29 02:12 AM | del]
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  مىنىڭ  سورايدىغان  سۇ.الىرىم  بار  ئىدى  .لىكىن  مەن  ئەزا  بۇلۇپ  ئاندىن  سورىماقچىتىم.ئەپسۇس  زادىلا  ئازا  بۇلالمايۋاتىمەن
回复قايتۇرماsunbul[2013-07-24 03:32 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم.مەن بۇ يىل يىگرمە بەش ياشكا كىردىم ئالدىدىكى تۇرمۇشۇمداپەرزەنتلىك بولگان  بىر بالام بار بالامۇ  بەش ياشقا كىردى.بۇ مىنىڭ ئككىنجى تۇرمۇشۇم توي كىلگىلى ئككى يىل بولدى.يولدۇشۇمنىڭ بالىسىمۇ بەش ياشتا .يولدۇشۇم مەندىن چوڭ. بىز يەنە بىرنىڭ پەرزەنتلىك بۇلۇش ئارزۇيۇمىز بار ئىدى. لىكىن بۇيۇمدا كالماۋاتىدۇ. مان كۆپ داۋالاش كىلدىم. مايمۇ ماڭدۇردۇم .ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭز .مەن تۇلىمۇ خۇشال بولغان ئائلەممۇ ياخشىلناتى.كايسى ۋاقىتنىڭ پەرزەت كۇرۇش نىسپىتى يۇكۇرى .مەن ئوتۇز كۇنى توشكۇزۇپ ئادەت كۇرىمەن بەش-ئالتە كۇندە ئوڭشىلىمەن مەن كايسى ۋاكىتتا بىلە بولسام بۇلىدۇ
回复قايتۇرماشوخ139[2013-04-27 02:56 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟ ياز كىلىپ قالدى.خۇشپۇراق كاشكاپ ئىچىملىكى تەييارلاشنى ئۇگۇتۇپ قويسىلا بوپتىكەن.
回复قايتۇرماپۇشايمان[2013-04-09 12:34 AM | del]
[face11[ 
           پۇشايمان
  يىشىم  مانا    يەتمىشتىن    ئىشىپ،  .
     
مىنى.  ۋەھىمە ئىلكىگە   ئالدى ،
     كۆ ز    ئالدىمغا    كېلىپ   لەھەتلەر
  ئەجەل   ماڭا      تەھدىدىنى    سالدى .
 
        
 
     ياشلىقىمدا    -     نادانلىقىمدا ،        
 
               پەن   ئېشقىدا    تېرىشماپتىمەن .          
 
             يا  -   خەلقىمگە   بىرەر   مۆجىزە  ،        
 
          ئەقىدە   قىپ    قالدۇرماپتىمەن   .    
 
                  
 
    ئەندى   يېنىپ   كەلمەيدۇ   ياشلىق ،      
 
                 ياشلىقىمنى    قىلساممۇ   ئارمان .          
 
                 ئەسكە   ئالسام  ئۆتكەن   كۆنۈمنى ،            
 
                           ئاتا  قىلدى ما ڭا   پۇشايمان.
  2013年4月9日.                                            
      
 
              
 
  
 
 
 
 
                
 
                                            
                 
           
 
回复قايتۇرماkizilatirgul[2013-03-29 01:00 PM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ھەكىم ياخشىمۇسىز؟
مەن توي قىلغىلى 13 يىلدىن ئاشتى،ئىككى بالام با. لېكىن يولدىشىم بىلەن ھىسيات جەھەتتە كىلىشەلمىدۇقمۇ بۇنى بىلمىدىم.شۇڭا مەسلىھەت سوراپ  باقاي دىگەن.
بىز توي قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بىرگە بۇلۇش ۋاقتىمىز شۇنداق قىسقا ، يەنە دائىم مەندە ھىسيات قوزغۇلۇش ئەھۋالى يوق. مەن توي قىلىپ ئەزەلدىن يولدىشىم بىلەن بىرگە بولسام ھىچقانداق سېزىم يوق .بۇ ئىشنى مەنىلىك ھىس قىلىپ باقمىدىم. ئەكسىچە باغانسىرى بۇ ئىشتىن سەسكىنىدىغان بوپ قالدىم، نۇرغۇن توي قىلغان ئۆزەم دىمەتلىك دوستىلىرىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىسام ئۇلار بىلەن ئۆزەمنى ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنىدىغاندەك ھىس قىلىمەن. يولدىشىمدىن سورىسام ئۇ شۇنداق ھوزۇرلىنىدىكەن ئامما مەندە ئۇنداق ئالامەت كۆرۇلمەيدۇ .بۇ زادى مەندىكى پىسخىك ئاجىزلىقمۇ ياكى يولدىشىمدىكى ئەرلىك ئاجىزلىقمۇ؟ بۇنى 80خالتا تور بېتىدىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمىدىم . مەسىلىھەت بەرسىڭىز :
بۇ ئەھۋال مەندىكى  كىسەللىككە كىرەمدۇ؟ ئەگەر كىسەللىك بولسا قانداق ئۇسۇلدا داۋالانسام ياخشى بولار؟ مەن قانداق ماسلىشىشىم كىرەك؟
سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

回复قايتۇرماnarmiay[2013-03-28 12:54 AM | del]
ياخشىمسىزلەر قورساقتا زىيانداش پەيدا بوپ قىلىش قانداق ئىش. مەن دوختۇرخانىغا بارغاندا بىر قىزنىڭ قورسىقىدا قالغانلىقىنى زىيادە قان جىق چىقىپ كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەنلكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ قىز مەن مەكتەپتە ئوقۇيدىغان تۇرسام قانداقسىگە قوسقۇمدا قالدۇ دەپ يىغلاپ كېتىپتىكەن. دوختۇر ئەمسە نېمىگە قالدۇ. تىخى زىيانداش يەپ كېتىپتۇ دەپ ئاتا-ئانسىنىڭ ئالدىدا شۇنداق تىللاپ كېتىپتىكەنتۇق.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.