بۇ يىلمۇ يەنە نادىر بىلوگلارنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزلىۋېتىپتۇ...
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2012-11-21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!
بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىۋېتىپتۇ. بۇ پائالىيەت باشلانغان تۇنجى يىللاردىن باشلاپلا 80خالتا بلوگى ئىزچىل بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي كەلگەن ئىدى. سەۋەبى كەمىنە پەقىر(بىرزات) مۇ تىرىشقان، تورداشلارمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ يىل ئەھۋال ئوخشىماي قالدى، ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بلوگنى دېگەندەك يېڭىلاپ بولالمىدىم، شۇ سەۋەپ يىللاردىكىدەك تورداشلارنى 80خالتا بلوگى ئۈچۈن بىلەت تاشلاپ قويارسىز دېيىشتىن يۈزۈم چىمىلدايدۇ، ئەسلى گەپكە كەلسەك تورداشلارنى يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان نادىر بلوگىرلارنى بىرەر قۇر تونۇپ قالسۇن دەپ بۇ يىلقى بلوگ باھالاش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى يوللاپ قويماقچىمەن، يېڭى بلوگلار بىلەن تونۇشۇڭ، يارىغانلىرىغا بىلەت تاشلاپ قويارسىز! 80خالتا بلوگى ئۈچۈن يازىدىغان يېڭى تېمىلار خىلى جۇغلىنىپ قالدى، ئىنشائاللاھ، نېسىپ بولسا بۇندىن كىيىن يازغانلىرىم ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.
2012-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتى ۋە بلوگلارغا بىلەت تاشلاش سورۇنى تۆۋەندىكى ئادرىستا، مەرھەمەت قىلغايسىز!
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: 10 چوڭ بلوگ 80خالتا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: