80خالتا بلوگىدا قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-10-25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار
80خالتا بلوگىنى يېزىشقا باشلىغىلىمۇ خىلى يىللار بولۇپ قاپتۇ. قارىسام ھازىر تورداشلار دەماللىققا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىمەكچى بولسا ئۆزىگە لازىملىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشەلىگىدەك كۆلەمگە ئىگە بولغاندەك بوپتۇ. مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلگىچە ئۆزۈممۇ كۆپ ئەجىر قىپتىمەن. تورداشلارمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئىلھام-مەدەتلەرنى بىرىپ تۇرۇپتۇ. كىلىش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 80خالتا بلوگ نامىدىن بارلىق تورداشلىرىمغا سەمىمى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مۇنداق بىر پائالىيەت ھەققىدە تورداشلاردىن ئىختىيار ئەتكەنلەرنى 80خالتا بلوگىغا تەكلىپ ئەتمەكچىمەن.
بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە تىل سەۋيەسى بارلار 2 پارچىدىن تەرجىمە ماقالە تەييارلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بىرىدۇ. ماقالىنىڭ تېمىسى ئاساسلىقى ساقلىقنى ساقلاش، خەلقئارادا دىققەتنى قوزغىغان تېببى ئۇچۇر ياكى خەۋەرلەر، زامانىمىزدىكى ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغۇچى ئامىللار دېگەندەك مەزمۇنلار بولسا بولىدۇ. ماقالە تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ئىسم-شەرپىڭىز بىلەن قوشۇپ ئىلان قىلىنىدۇ.
بۇ ئەجىرىڭىزگە بىزنىڭ قىلىپ بەرمەكچى بولغىنىمىز :
دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي ھەسەل: بىر كىلو (بۇ ھەسەل ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇر - 80خالتا دۇكىنىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھەسەل ئۇچۇرلىرى دېگەن تېمىدىن كۆرۈڭ!
ھېيتلىق داستخىنىڭىزغا دەملىگىنى خۇشپۇراق ئېسىل چېچەك چاي: بىر بولاق
ئادرىسىڭىز ياكى تېلفۇن نۇمۇرىڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى بەرسىڭىز كىرانى ئۆزىمىز تۆلەپ يەتكۈزۈپ بىرىمىز. تاللىغان تەرجىمە ماقالىسى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ۋە ياخشى چىقسا قۇياش نۇرىغا تويدۇرۇپ پۇشۇرغان بىر قۇتا ئېسىل ئاپتاۋى گۈلقەنتىمىزمۇ ئىشتىھايىڭىزدا بولىدۇ. بۇلار سىزنىڭ قىلغان ئەجىر-ئەمگىكىڭىزگە نىسبەتەن ئىلىپ ئېيتقاندا ئەرزىمىسىمۇ بىرزات ئەپەندىمنىڭ كىچىككىنە كۆڭلى دەپ بىلگەيسىز. سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا تەرجىمە قىلىپ سۇنغان ئەمگىكىڭىز 80خالتا بلوگى ئۈچۈن قىلىپ بەرگىنىڭىز بولۇپ قالغاي!
بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى ئىختىيار قىلغۇچى تورداش مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۇچۇر بەرسە ياكى 13565662787 يانفۇنغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە يوللاپ بەرسە بولىدۇ. ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ پۈتكەندە birzatjan@qq.co غا ۋورد شەكلىدە يوللاپ بەرسە ياكى باشقا ئۆزىگە قولاي بولغان شەكىلدە يوللاپ بەرسە بولىدۇ.
پائالىيەت ۋاقتى : قۇربان ھېيت كۈنىگىچە
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پائالىيەت
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
2ھەپتىدىن بىرى 6 ئايلىق قىزىمنى بەدىنىگە سۇ چىچەك چىقىپ بەدىنىنىڭ ھەممە يىرىگە تاراپ كەتتى .ئۇنىڭ شەكلى – چوڭلىرى قۇناقتەك كىلىدۇ ، كىچىكلىرى بىر نەرسە رىئاكىسيە قىلىغاندەك قۇرساق ۋە دۇمبە قىسملىرىغا قۇمدەك چىقىپ كەتتى . ئۇ جاي بەك قىچىشسا كىرەك ، كىيىملىرنى سالدۇرۇپ بولغىچە قىزىم توختىماي قاشلاشقا ئۇرۇندۇ ، ئەمما بىز قۇلىدىن تۇتىۋالىمىز .
ناھيىلىك دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارساق ،ئۇيەردىكى دوختۇرلار بىزدىن سۇراۋاتىدۇ « نىمىدۇ بۇ ؟ » دەپ . مىللى شىپاخانىغا ئىلىپ بارساق ، ئۇلار« سۇ چىچەك (ئاقنام ) ئىكەن ، ئاشى لوۋىي نىڭ سىقمىقىنى سۈركەڭلار» دەپ شۇ سىقماقنىلا بەردى . ئۇنى سۇركىسەكمۇ ئازراق پايدىسى بولغاندەك ئەمەس .
شۇنىڭ بىلەن پىشقەدەم دوختۇرلارنى ئىزلىسەك ئۇلار بىرنەچچە دۇرا بىلەن سىقماقنى ئارلاشتۇرۇپ قىپقىزىل رەڭلىك بىر دۇرا ياساپ بەردى ، ئۇنىڭمۇ ئۇنىمى بولمىدى .
بەزىلەر يود سۆركەۋىرىڭلار دىدى شۇنىڭ بىلەن يود ئىشلەتتۇق . ئەمما ياخشلىنش يوق . بەدىندىن پۇتىلىرىغا ۋە يۇزىلىرىگە تارقاي دەۋاتىدۇ .
شۇنىڭدىن بىرى قىزىمنى يۇيۇندۇرۇشتىنمۇ ئەنسىرىدۇق ، كيىملىرىنى كۇندە بىر يەڭگۇشلەپ شۇ يودىنى سۇرۇپ ئىچىمىزنى ئىچىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز .
شۇڭا سىلەردىن ئۇتۇنۇپ سۇرايدىغىنم بۇ كىسەلنىڭ ئۇنۇملۇك داۋالاش ئۇسۇلى بارمىدۇ ؟
قانداق قىلىسام قىزىمنى بۇ كىسەلنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالايمەن .
جاۋابىڭلارنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۇتىمەن .