ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، بالىلىق بولۇشقا ياردەم بەرگ
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-01-16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم!!! قىرىنداشلارنىڭ ساقلىقى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ئۆزى بەرسۇن... بىرزات ئەپەندىم مەن سىزدىن ئۆزەمگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئال سوراي دىگەن... يەنى، مەن توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئەمما تا ھازىرغىچە ئانا بولالمىدىم، كۆرۈنمىگەن دوختۇر، تېۋىپلار قالمىدى، لىكىن ھەممىسىلا مىنىڭ ئانا بولالايدىغانلىقىمنى، تۇغۇش ئىقتىدارىمنىڭ نورماللىقىنى ئىيتىدۇ..، يولدىشىممۇ تەكشۈرۈتكەن، ساق چىقتى... ئەمما يەنىلا پەرزەنىتلىك بولالمىدۇق. شۇڭلاشقىمىكىن كەيپىياتىممۇ ياخشى ئەمەس، تىرىككەك، بەزىدە پەقەتلا ئادەم خالىمايدىغان، ئىش قىلىشمۇ خۇش ياقمايدىغان بولۇپ قالدىم... پەرزەنىتلىك بولالمىدىم دەپ كاللامغا كىرگۈزۋالماي دىسەممۇ ئېغىزدە دىمەك ئاسان بولغان بىلەن لىكىن كۆڭۈل ئېغىزغا باقمايدىكەن... شۇڭا مىنىڭ مۇشۇ كەيپىياتىمنى ياخشىلاشنىڭ چارىسى بارمىدۇ؟ قىسىقىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن پەرزەنىتلىك بولالارمەنمۇ؟
ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئايرىم ماس كىلىدىغان ھەۋەسنى كۈچەيتكۈچى دورىلاردىن دەپ بەرگەن بولسىڭىز!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەگەر ئەر-ئايال ھەر ئىككىڭلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ پەرزەنتلىك بولۇشقا نىسبەتەن توسالغۇ بولىدىغان بىرەر كېسەللىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ، ئەندىشە قىلىپ كېتىشىڭىز ئورۇنسىزدۇر. بەلكىم خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم ئۇدۇل كەلمەيۋاتقاندۇ ۋە ياكى زىيادە جىددىيلىشىپ كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ نۇرمال پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندۇ. ئىككى يىل ۋايىم يەپ كەتكۈدەك ئۇزۇن ۋاقىت ئەمەس. يەنە كۈتۈپ بېقىڭلار. ئۈرۈمچىدە بىرسى ياپۇندا تېببىدا ئوقىغان بىر كىشىنىڭ توي قىلىپ ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان ئەھۋالدا 10 يىلدىن كىيىن ئاران بالىلىق بولغانلىقىنى دەپ پاراڭ سىلىپ بەرگەن ئىدى. بەندە ئاجىزمىز، بىز ئالدىرغانغا خۇدا ئىرادە قىلمىسا بىكار. بۇنىڭدىمۇ ئاللاھنىڭ بىر ھېكمىتى باردۇر.
مەن سىزگە ھەم روھىي كەيپىياتنى ياخشىلاشقا مەنپەئىتى بولىدىغان ھەم تۇخۇمدان، بالياتقۇ مىزاجىنى تەڭشەپ جانلاندۇرىدىغان بىر قانچە رېتسىپ دەپ بىرەي: ئاللاھ بىرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
1.خىمىرى گاۋزىبان ئەمبىرى - تەسىرى: يۈرەك، مېڭىگە قۇۋۋەت بىرىدۇ، سەۋدانى ، كەيپىيات تۇراقسىزلىقىنى دەپئىي قىلىدۇ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، قان تومۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
2.ئەبرىشىم شەربىتى - يۈرەك مېڭىگە قۇۋۋەت بىرىپ كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، ئىچكى ئاجرالمىلار خىزمىتىنى تەڭشەيدۇ. قاننى جانلاندۇرىدۇ. چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
3.مەجۈنى سەقەنقۇر - ئاياللاردىكى بالياتقۇ سوۋۇغان، يېتىلىشى ياخشى ئەمەس دېگەندەك سەۋەبلەردىن بولغان تۇغماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەر-ئاياللارنىڭ شەھۋەتنى، جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن:
ئەرلەرنىڭ ھەۋەسنى كۈچەيتىدىغان دورىلار:
1.مۇقەۋۋى باھ (مەجۈنى سۆئلەپ)
2.لۇبۇبى كەبىر
3.ئىمساك
4.بەرشىشا كەبىر
ئوزۇقلاردىن: جىگدە ھەسىلى، جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى، ياڭاق، ئەركەك پاقلان ، كەپتە، قۇچقاچ گۆشى، كىيىك، بۇغا گۆشلىرى، بېلىق كاۋىپى، يەرلىك خوراز، يەرلىك توخۇ تۇخۇمى، قوقاستا پۇشۇرغان سەۋزە، ئەنجۈر، ئەنجۈر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى (بۇلار ئاياللارغىمۇ ئوبدان ماس كىلىدۇ، ئۇندىن باشقا يېمەكلىكلەردىن شاكىلاتنىڭمۇ ئاياللارنىڭ ھېسياتىنى قوزغاش رولى بار ئىكەن)
ئاياللارغا ماس كىلىدىغان دورىلار:
1.مەجۈنى ئاياللار گۆھىرى
2.لۇبۇبى كەبىر
3.ماددىتىل ھايات
4.ھەببى ئازاراقى
ياللۇق، يارا دېگەن كېسەللىك ئەھۋاللىرى بار كىشىلەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە ئاۋۋال كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇناسىپ دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايغاندىن كىيىن ئاندىن يۇقۇردىكى دورىلارنى تەبئىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش، قاننى جانلاندۇرۇپ شەھۋەت (ھېسيات)نى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، قاننى قىززىتىش، بۆرەك، ئۇرۇقدان ، بالياتقۇ، تۇخۇمدان دېگەندەك جىنسىي ئەزالارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىستىمال قىلسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ. قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا بەدەننىڭ ئورۇق - سېمىزلىكى، قۇرۇق، ھۆللۈك دېگەندەكلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تاللاپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھامىلدار، جىنسىي
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بذ دورصنص بالا ظصمصتصإاتقان ظايال ظصشلةتسة بالصغا زصينص بارمذ-يوقمذ؟
سذظالم، مةن 30ياشقا كرصدصم ،بالام يوق، مةن ظادةتتة يةثگل تةنتةربية هةركةتلصرص بصلةن شذغذللانساممذ بذلذپمذ ظارغمچا تاقلاش جةريانصدا كصچك تةرتصمنص تذتالمايمةن ، نصمة سةؤةپدصندذر ؟شپالق دورلار بارمذ ،
مەن ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا توي قىلغان. 9-ئايدا بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قىلىش سەۋەپلىك ئوپراتسىيە قىلىنىپ سول تەرەپتىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى كىسىۋەتتى. ئەمدى مىنىڭ سىلىدىن سورايدىغىنىم دوختۇرلارنىڭ ئىيتىشىچە بىر قىتىم شۇنداق بولۇپ قالغانلارنىڭ يەنە بىر قىتىم شۇنداق بۇلۇپ قىلىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ دەيدۇ، مەندە ئوپراتسىيە قىلىنىشتىن بۇرۇن ھىچقانداق ئالامەتلەر بولمىغان ، شۇ پەقەتلا تۇيۇقسىز قورسىقىم ئاغرىش سەۋەپلىك دوختۇرخانىغا بارساق بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بوپسىز دەپ ئوپراتسىە قىلىندىم ، مىنىڭ تىخى بىرمۇ بالام يوق بىشىم بەكلا قاتتى،مىنىڭ بەكمۇ بالىلىق بولغۇم بار ئىدى، مەن زادى قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلشىم كىرەك، بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ.خاپا بولماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلىرى.
ئاللاھ تىنىڭىزنى ساق، ئائىلىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلسۇن
مەن سىزدن سوراي دىگەن ئىدىم مالال كورمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.مىنىڭ ئادىتىم دەل ۋاختىدا كىلىدۇ لېكىن مىقدارى سەل ئاز ھەم دوختۇرخانىدا تكشۈرتسەم بالىياتكۇ كىچىكلا دەيدۇ بالىياتقۇنىڭ كىچىك بۇلىشى پەرزەنتلىك بۇلىشىمغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ تەسىرى بولسا بالىياتقۇنى چوڭايتىدىغان ھەم ئادىتىمنى ئۇلغايتىدىغان دورىلار بارمۇ؟ بولسا ماڭا يول كورسەتكەن بولسىڭىز،
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن رەخمەت
مەن بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم،3 يىل بۇرۇن دوسلىرىمنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن قولدا لەززەتلىنىشتەك ناچار ئىللەتنى يۇقتۇرۋالغان ئىدىم،ھازىر بۇ ئىشتىن قول ئۈزگىلى يېرىم يىل بولدى،
لىكىن جىنسى ئەزايىم كىچىكلەپ قالغاندەك ھېس قىپ قالدىم،يەنە جىسى ئەزايىمنىڭ ئۇچى تەرپى يوغان ،تۈۋى تەرپى ئىنچىكە ھەم بىر يانغا سىڭايان بوپ قالدى،بۇرۇن بۇنداق ئەمەستى،بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ؟بەزى ۋاقىتلاردا كىچىك تەرەتكە ئولتۇرغان چاغدىمۇ مەنى مېڭىپ كىتىدۇ ، مەن تېخى توي قىلمىغان كىيىنچە توي قىلغاندىن كىيىن بالىلىق بولۇشقا تەسىرى بولامدۇ؟يۇقارقى ئەھۋاللارغا قانداق دورا يىسەم بولىدۇ بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا!!!!!!!!!!!!!!!!
مەن بۇ يىل 27 ياش توي قىلغىلى 1 يىلدىن ئاشتى لىكىن تىخى بالا يوق ،مەندە ئومۇمى بەدەن سۇۋۇپ كەتكەن،بالياتتۇمۇ ھەم شۇنداق ،شۇڭا مەن قوبۇل قىلالمامدىم،ئاندىن مەندە سۇلۇق ئىششىق بار تۇرۇبا يۇلى ئوڭ تەرەپتە، يەنە ھۇرمۇننىڭ ھامىلدارلىق ھورمۇنۇم تۆۋەن ،شۇ سەۋەپتىن ئادەت نورمال كەلمەيدۇ . مەن بەك ئانا بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن ، سىز ماڭا راست گەپ قىلسىڭىز ماڭا داۋا بارمۇ؟داۋالانسام مەن ياخشى بولالامدىم؟
قانداق تەدبىر قوللانسام بولىدۇ .ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز.ماڭا ھازىر ئۇ كەچتىكى ئىشلارمۇ ياقمايدۇ.بۇ نىمە سەۋەپتىن .ئەجىبا راڭپىزىنى كۆپ يىگەننىڭ دەردىنى مۇشۇنداق تارتامدىم ؟؟؟
مەن توي قىلىش يېشىخا يېتپ قالدىم، لېكىن توي كېچىسىدىن بەكلا ەنسىرەيمەن، مەنخۇ ھازىرخا كەدەر بىرەر وخول بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقمىساممۇ لېكىن كىچىك ۋاقتىمدا ات مىنگەن ىدىم، ياكى بەزى فىزولوگىيلىك وزگۇرۇش جەھەتتىىن بولسىمۇ بەك ەندىشە قىلىمەن ،قانداق قىلسام بولىدۇ ،مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن ،بەزىلەر ات مىنسە قىزلىقى چىقىپ كىتىدۇ دەيدىكەن راست شۇنداق بولامدۇ؟ رەھمەت،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم
سىزدىن سورايدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى
بۇ سۇئالنى يەنە بىر توردىشىمىزمۇ سوراپتىكەن ، مىنڭ ئەھۋالىممۇ ئوخىششىپ قالدىكەن ، مەن بالا ئالماقچى بولغىنىمغا 2يىلچە بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن 3قىتىم ھامىلدار بولغان بىراق بالا ئىلشقا تەييارلىقىمىز پۈتمىگەچ ھامىلىنى ئالدۇرۋەتكەن ئىدىم، ئەمدى بالا ئالاي دىسەممۇ ھامىلدار بولمايۋاتىمەن . تەكشۈرۈتسەم دوختۇرلارچاتاق يوق نورمالكەن دەيدۇ. بىراق مىنىڭدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بار بولار بىرەر كسەللىك ئالامىتىمۇ ؟ ھامىلدار بولالماسلىقىمغا سەۋەپ بولالامدۇ ؟
1> ھەر قىتىم 35~45 كۈنلەر ئارلىقىدا بىر قىتىم ھەيىز كۆرىمەن ، بۇنداق ئۇزۇندا كەلگەنگە چۈشلۇق مىقدارىمۇ بەكلا ئاز، 2كۈنلەرگىچە مىقدارى نورمال ، كىيىنكى كۈندىن باشلاپ بەكلا ئازلاپ كىتىدۇ 6~7 كۈنلىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە قورساق ، بەللىرىم ئاغىرىش سىزىمى بولمايدۇ، ئاز چاغلاردا بىلىم سۇس تىلىپ ئاغىرىيدۇ.
2> ھەيىز كۆرمىگەن نورمال چاغلىرىمدا بەزىدە دوۋسۇن قىسىمىمنىڭ ئوڭ- سول تەرەپلىرىدە 5سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر يەرلىرىم سانجىپ-سانجىپ ئاغىرىيدۇ، قانچە تۇيۇقسىىز ئاغىرسا ، شۇنچە تىز ئاغىرىق سىزىمى يوقايدۇ.
3> جىنسى مۇناسىۋەت قىتىم سانى سەل كۆپ بولۇپ قالسىلا <كۈندە شۇنداق ئىش بولسا >، مەندە قۇرغاقلىشىپ قالغاندەك سىزىم بولىدۇ، بەزىدە بەكلا بىئارام بولۇپ، بىزارلىق ھىس قىلىپ قالىمەن، ئەگەر نورمال بولسا ئۇنداق بولمايمەن.
جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز مەندىكى بۇلار كىسەللىك ئالامىتىمۇ؟ قانداق قىلسام ھامىلدار بولۇشقا تىخىمۇ ياخشى شەرت ھازىرلاپ، ئانا بولۇشىتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ شەرەپكە مۇيەسسەر بولالايمەن.
ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئارزۇلىرىمىزغا يەتكۈزگەي.
كەچۈرۈڭ ، تىمىنى ئايرىم يىزىشنى بىلەلمەي قالدىم ، بۇ توردىشىمىز بىلەن سورىغان سوئالىمىز ئاساسى جەھەتتىن ئوخشۇشۇپ قالىدىكەن ، شۇڭا ئىنكاس شەكلىدە سورۇدۇم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
بىرىنچى، پەرزەنتنى دوختۇردىن، بەندىدىن ئەمەس ئاللاھدىن تىلەش، تىلىگەندە تىلنىڭ ئۇچىدا ئەمەس ، چىن ئىخلاس بىلەن تىلەش.
ئىككىنچى، دۇرۇس نىيەت بىلەن سالامەتلىكنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈتۈش، مەسىلە بولسا ئاللاھدىن شىپالىق تىلەپ سەۋەبىنى قىلىش. مەسىلە بولمىسا، ئاللاھقا شۈكۈرى ئېيتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش.
ئۈچىنچى، ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا مېھرىبان - مۇھەببەتلىك بولۇپ، بىر - بىرىگە كۆيۈنۈش، بىر - بىرىگە بېسىم قىلماسلىق ، ئۆز - ئارا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۆز ئارا روھىي جەھەتتىن بىر - بىرىگە يۆلەك بولۇش، مەدەتكار بولۇش كېرەك.
تۆتىنچى، ئاللاھقا ئىشىنىش، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك ۋە شۇ خىل نىيەتتە ئۆز - ئارا يېقنچىلىق قىلىشىش. ھەرگىزمۇ بىھۇدە ئۆز - ئارا ئازار بېرىشىپ، جىددىيلىشىپ كەيپىياتنى بۇزماسلىق.
بەشىنچى، ئىمكان بولسا ئەر - خوتۇن سەيلە - ساياھەتلەردە بولۇش، شۇ جەرياندا ئاللاھدىن پەرزەنت تىلەش ۋە شۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىش.
ئالتىنچى، جىنسىيەت ساۋاتلىرىنى ئىگىلەش، تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتلىرىنى ياخشى ئىگىلەش ۋە شۇ چاغدا يېقىنچىلىق قىلىشىش ئارقىلىق ئاللاھدىن پەرزەنت بېرىشنى تىلەش...
يۇقارقىلار ھەكمنىڭ مەسلىھەتكە بىرلەشتۈرۈلسە، بەلكىم ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرزەنتلىك بولالىشىڭىلار تامامەن مۇمكىن.
سىلەرگە ئوخشاش مىساللار بۈگۈنكى كۈنىمىز ياشلىرىدا كۆپ ئۇچراۋاتقان مەسىلىدۇر. چوقۇم ئېغىر بېسىق بولۇش، ئۆزىنى توغرا تونۇش، ئۆزىگە زىيادە بېسىم قىلۋالماسلىق كېرەك. مۇھىمى ئاللاھدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك.