تۇتقاقلىق
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-12-09
تەرجىمان ئىلاۋىسى : مەن بۇ ماقالىنى لازىملىقلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى ، ۋە بىزدە تۇتقاقلىق ھەققىدە بىر قەدەر تولۇق بولغان ئىلمى چۈشەندۈرشنىڭ يوقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تەرجىمە قىلدىم . ئۆزۈم كەسىپ ئەھلى بولمىغاچقا مەن بىلمەيدىغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتى ، تولۇق ئوتتۇردىكى بىئولوگىيە بىلىمىم ۋە ئۆزۈمنىڭ قىياسەن جەزىمىگە تايىنىپ تەرجىمە قىلدىم . ئۇقۇمدا خاتالىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئاتالغۇلارغا ئەسلى ماقالىدىكى ئاتىلىشى بويىچە ئەسكەرتىش بەردىم . ئۇستازلارنىڭ خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ۋە قېرىنداشلارنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ئورنىدا ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! شۇنداقلا ھەر قايسى ساھەدىكى كەسىپ ئەھلى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە : بەيدۇ قامۇسى
ئادرېسى : http://baike.baidu.com/view/22451.htm#1
ھالقىلىق سۆز : تۇتقاقلىق 癫痫
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: تۇتقاقلىق (epilepsy) بولسا چوڭ مېڭە نېۋرونىنىڭ تۇيۇقسىز نورمالسىز زەرەت قويۇپ بېرىشى سەۋەبلىك ، چوڭ مېڭە ئىقتدرى توسالغۇسى پەيدا قىلىدىغان بىر خىل ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللىك . تۇتقاقلىقى قوزغىلىش (epileptic seizure ، 癫痫发作) بولسا چوڭ مېڭە نېرۋونلىرىنىڭ نورمالسىز ۋە ھەددىددىن ئارتۇق ماس قەدەملىك زەرەت قويۇپ بېرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل كىلىنكىلىق ھادىسە . كىسەللىك ئالاھىدىكىلى تۇيۇقسىز ۋە ئۆتكۈنچى بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . نورمالسىز زەرەت قويۇپ بېرىدىغان نېرۋونلارنىڭ چوڭ مېڭىدىكى ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ، ئىپادىلىنىشى كۆپ خىل بولىدۇ . ھەرىكەت سەزگۈ نېرىۋىسى ۋە ۋېگىتاتىۋ نېرىۋىنىڭ ھەمكارلىشىشى ياكى ھەمكارلاسلىقى ۋە ياكى ھوشىيارلىقتىكى ئۆزگىرىش دەپ قاراشقا بولىدۇ .
كىتاب ئۇچۇرى
كىتاب نامى: تۇتقاقلىق (癫痫)
ئاپتورى : سو ۈ شۈسوڭ (索绪松)
نەشىريات : پەن تېخنىكا نەشىرىياتى (科学出版社)
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى : 2009-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەت سانى : 180مىڭ (خەنزۇچە خەت)
I S B N : 9787030257819
باھاسى : 19 يۈەن
تۇتقاقلىقنىڭ تۈرلىرى
تۇتقاقلىق بولسا مېڭىدىكى نېرۋنلارنىڭ كۆپ خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز رەزەت قويۇپ بېرىشى سەۋبلىك ، ھەرىكەت ، سەزگۈ ، روھىيەت قاتارلىقلاردا نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كىسەللىك .
ھازىرقى زامان تىبابىتى تۇتقاقلىق يۈر بېرىشنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلىدۇ : بىرلەمچى خاراكتىرلىك (原发性(功能性)) تۇتقاقلىق ۋە ئىككىلەمچى خاراكتىرلىك (继发性(症状性)) تۇتقاقلىق .
1) بىرلەمچى خاراكتىرلىك تۇتقاقلىق ھەقىقىلىق (真性) ياكى ئالاھىدە قوزغىلىشچانلىق(特发性) ياكى ئەسلىنى يوشۇرۇشچان(隐原性) تۇتقاقلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ، ھازىرغىچە ھەر قايسى زامانىۋى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىلىرىدىن پايدىلىنىپمۇ ئۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى تېپىپ چىققىلى بولمايۋاتىدۇ .
2) ئىككىلەمچى خاراكتىرلىك تۇتقاقلىق كىسەللىك ئالامىتى بار بولغان (症状性) تۇتقاقلىق دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، كىسەللىك سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ . تۆۋەندە كۆپ كۆرۈلىدىغان كىسەللىك سەۋەبىنى چۈشەندۈرىمىز .
قوزغىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چوڭ قوزغىلىش ، كىچىك قوزغىلىش ، روھىي ھەرىكەت خاراكتىرلىك (神经运动型) قوزغىلىش ، چەكلىك قوزغىلىش ۋە مۇرەككەپ ئەزالار خاراكتىرلىك (复杂部分) قوزغىلىش قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ .
(1) چوڭ قوزغىلىش يەنە پۈتۈن بەدەن خاراكتىرلىك قوزغىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ . كۆپىنچە ئاۋال بىشارىتى بولىدۇ ، مەسىلەن ، بېشى قېيىش ، روھى ھالىتى قالايمىقانلىشىش ، ئۈستۈنكى قورساق قىسىمى بىئارام بولۇش ، ئاڭلاش ، پۇراش ۋە كۆرۈش سەزگۈلىرى توسالغۇغا ئۇچىراش . قوزغالغان مەزگىلدە بەزى بىمارلاردا ئاۋال چىرقىرايدۇ ، ئاندىن سەزگۈسىنى يوقىتىپ يېقىلىپ قالىدۇ ، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇلى قېتىپ قالىدۇ ، نەپەستە توختاش كۆرۈلىدۇ ، باش كۆزى بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالىدۇ ، نەچچە مىنۇتتىن كىيىن تارتىشىپ قېلىشقا باشلاپ تارتىشىپ قېلىش بارا-بارا ئېغىرلىشىدۇ ، ئون سىكونتلاردىن كىيىن نەپەسلىنىش ئەسلىگە كېلىدۇ ، ئېغىزىدىن ئاق كۆپۈك كېلىدۇ (تىلىنى چىشلىۋالغان بولسا قان بولىشى مۇمكىن) . بىر قىسىم بىمارلار چوڭ كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ ، تارتىشىپ قالغاندىن كىيىن پۈتۈن بەدەن بوشىشىپ كېتىدۇ ياكى ئېغىر ئۇيقۇ (مەزگىللىك) ھالىتىگە كىرىدۇ . شۇندىن كىيىن سەزگۈسى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىدۇ .
(2) كىچىك قوزغىلىش . قىسقا مۇدەتلىك (5-10 سىكونتلۇق) سەزگۈسىدە توسالغۇ بولۇش ياكى سەزگۈسىنى يوقىتىپ قويۇش ، پۈتۈن بەدەن تارتىشىپ قېلىش ئالامىتى بار . ھەر كۈندە كۆپ قېتىم قوزغىلىدۇ ، بەزىدە كۆزىنى رىتىملىق چىمچىقلىتىش ، بېشىنى ساڭگىلىتىۋېلىش ، ئېككى كۆزى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قېلىش ، يوتىسى تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
(3) روھىي ھەرىكەت خاراكتىرلىك قوزغىلىش . قوزغىلىشى تۇيۇقسىز بولۇش ، سەزگۈسى قالايمىقان بولۇش ، قانۇنىيەتسىز ۋە ماسلاشمىغان ھەرىكەتلەر بولۇش (مەسىلەن ، شوراش ، چايناش ، ئىزدەش ، ۋارقىراش ، يۈگرەك كېتىش ، تالىشىش قاتارلىق ) . بىمارنىڭ ھەرىكىتى مۇدىئاسىز ، مەقسەتسىز ، قارغۇلارچە ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا بولۇپ ، قوزغىلىشى نەچچە سائەت ھەتتا نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ . بىماردا قوزغىلىشقا قارىتا ھىچنىمە ئېسىدە قالمايدۇ .
(4) چەكلىك قوزغىلىش . ئادەتتە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە ئورگانىك بۇزۇلۇش (器质性损害) كۆرۈلگەن بىمارلاردا ئېغىزى تارتىشىپ قېلىش ، قول-پۇت بارماقلىرىنىڭ سىلكىنىشى ياكى سەزگۈسى نورمالسىزلىشىش كۆرۈلۈپ بەدەننىڭ بىر تەرىپىگە كېڭىيىدۇ . ئەگەر قوزغىلىش بەدەننىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە تەسىر قىلسا ، چوڭ قوزغىلىشقا ئۆزگىرىدۇ .
1. تۇتقاقلىق خاراكتىرلىك كۆز ئالمىسى تىترەش
كۆز ئالمىسى تىتىرەشنى تۇتقاقلىق تۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ياكى بىردىنبى ئىپادىسى قىلغان بولىدۇ. تۇتقاقلىق خاراكتىرلىك كۆز ئالمىسى تىتىرەش ئاز ئۇچىرايدىغان بولۇپ ، بىمارنىڭ بۇرۇن كىسەل تارىخى يوق بولىشى مۇمكىن .
بۇخىل تۇتقاقلىق سەۋەبسىزلا تۇيۇقسىز قوزغىلىشى ۋە مەلۇم سەۋەبلەت تۈپەيلى مەسىلەن ، نۇرنىڭ تەسىر قىلىشى ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ، كۆز ئالمىسىنى بېسىش قاتارلىقلار سەۋەبلىكمۇ قوزغىلىشى مۇمكىن . كۆز ئالمىسىنىڭ تىتىرىشى گورزىنتال بولىدۇ . قوزغالغاندا بىمار نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ ، داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ .
2. قىياپەت خاراكتىرلىك تۇتقاقلىق (姿势性癫痫)
تەكرار قوزغىلىدىغان ۋە مەلۇم خىل قىياپەتنى ئاساسلىق قوزغىلىش ئىپادىسى قىلغان قوزغىلىش شەكلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭە پىشانە بۆلىكى ھەرىكەتكە ياردەملەشكۈچى قىسىمىنىڭ چارچاپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . باش ۋە كۆزى بىر خىل يۆنىلىشتە قىيسىيىپ قالىدۇ . بەدەننىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئەزالىرى قىياپەت خاراكتىرلىك تۈزلىنىپ قالىدۇ . ئىككى بىلىكى ئۈستىگە تارتىشىپ ، جەينەكلىرى سەل ئېگىلىپ ، ئوقيا ئاتقان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ ، ھېس-تۇيغۇسىنىڭ كۆ قىسىمى ساقلىنىپ قالىدۇ ، قىسمى ئەھۋاللاردا چىرقىراش بولىدۇ ياكى گەپ قىلالمايدۇ . قوزغىلىش جەريانىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ . قىياپەت خاراكتىرلىك قوزغىلىشتا تارتىشىپ قېلىش ھالەتلىرى بولمايدۇ ، لىكىن باشقا خىلدىكى قىياپەتكە ئۆزگىرىشى مۇمكىن .
3. ئايلانما خاراكتىرلىك تۇتقاقلىق (旋转性癫痫)
ئايلانما خاراكتىرلىك تۇتقاقلىق بولسا تۇتقاقلىقنىڭ بىرخىل ئالاھىدە شەكىلى ، كىلىنكىدا تولغىشىپ تارتىشىپ قېلىش (扭转痉挛) ۋا باشقا نېرۋا خاراكتىرلىك كىسەللەرنى ئاسانلا ئايلانما خاراكتىرلىك تۇتقاقلىق بىلەن ئارلاشتۇرۋېلىپ ، خاتا دىئاگنوز قويىۋالىدۇ . بۇ كىسەل كىلىنكىدا ئاز كۆرىلىدىغان بولۇپ ، تەكرار چۆرگىلەشنى ئاساسلىك كىسەللىك ئىپادىسى قىلغان .
تۇتقاقلىق قوزغالغاندا بېشى تۇيۇقسىز بىر ياققا قىيسىيىپ قالىدۇ ، بەزىدە گەۋدىنىڭ ئايلىنىشىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ ، بىمار يانغا ياكى كەينىگە قارىۋالىدۇ . ئاندا-ساندا پۈتۈن بەدەننىڭ ئايلىنىشى يۈز بېرىدىغان بولۇپ ، ئايلىنىش دەرىجىسى نەچچە ئايلانمىغا بارىدۇ . قوزغىلىش ۋاقتى ئادەتتە قىسقا بولىدۇ، تۇيغۇسى ئېنىق بولۇپ ئاكتىپلىق بىلەن نەرسىلەرگە تايىنىۋېلىپ يېقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ . قىسمى ئەھۋاللاردا بەدەن ئايلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، يەرگە يېقىلىپ كېتىپ ، مەجبۇرى تۈزلىنىپ تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك مىخانىزىمى
1. غەرب تىبابىتىدىكى كىسەللىك سەۋەبى،مىخانىزىمى .غەرب تىبابىتىدە تۇتقاقلىقنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىرلەمچى خاراكتىرلەك ۋە ئىككىلەمچى خاراكتىرلىك دەپ چوڭ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ . ئالدىنقىسى بولسا بىمارنىڭ نىرۋا كېسىلىنى ھەمدە ھالىتىدىكى قۇرۇلما ئۆزگىرىشچانلىقىنى ياكى ماددا ئالماشتۇرۇش نورمالسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئېرسىيەت ئامىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ . بىرلەمچى تۇتقاقلىق كۆپ خىل نېرۋا كىسەللىكى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش توسالغۇسى سەۋەبلىك بولىدۇ ، مەسىلەن ، تۇغما كېسەللىك ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك (تۇغۇت يارىسى بولسا بۇۋاق مەزگىلىدىكى تۇتقاقلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى) ، يۇقىتى تىمپىراتۇرىدا ھوشسىزلىنىشنىڭ ئاسارەتلىرى ، سىرىتقى يارا ، يۇقۇملىنىش ، زەھەرلىنىش ، باش ئىچى ئۆسمىسى (颅内肿瘤) ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، ئۇزۇقلۇق مىتابولىزىمى خاراكتىرلىك كېسەللىك قاتارلىقلار . تۇتقاقلىقنىڭ تۇتۇشى نېرۋونلارنىڭ نورمالسىز زەرەت قويۇپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئادەم ئارام ئالغان ۋاقىتتا ، بىر دانە چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتى كونۇسسىمان ھۈجەيرىسىنىڭ (大脑皮质锥体细胞) زەرەت قويۇپ بېرىش چاستوتىسى ئادەتتە ھەر سېكونتىغا بىر قېتىمدىن ئون قېتىمغىچە بولىدۇ ، تۇتقاقلىق تۇتقان ۋاقىتتا بولسا بىر گۇرۇپپا كېسەللىك ھالەتتىكى نېۋرونلارنىڭ زەرەت قويۇپ بېرىش چاستوتىسى سىكونتىغا نەچچە يۈز قېتىمغا يېتىدۇ . كىسەل ھالەتتىكى(تۇتقاقلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى) ھۈجەيرە توپى يۇقىرى چاستوتىدا تەكرار زەرەت قويۇپ بېرىپ ، ئۇنىڭ تارقىلىش ئوقىغا بىۋاستە ئالاقىدار بولغان نىۋرونلارنى بىر قەدەر چوڭ بولغان سىناپىستىن كىيىنكى ئېلىكتىر پوتىنسىئالى ھاسىل قىلغۇزۇپ ، بۇ ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈش ھاسىل قىلىپ ، تاكى تىنىچلىنىش تەسىرى(تىنىچلاندۇرۇش تىپىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ پائالىيىتى ، سىپونگىئوسىت (يىلىمسىمان ھۈجەيرە) نىڭ روھلاندۇرغۇچى ماددىلارنى سۈمۈرۋېلىشى قاتارلىقىلارنى ھەمدە سىرىتتىن قوللانغان تىنىچلاندۇرۇش ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قوزغىلىشنى توختاتقۇچى داۋاملىشىدۇ . تارقىلىش يولى ۋە دائىرسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ھەر خىل ھالەتتىكى قوزغىلىشنى كەلتۈرۈرپ چىقىرىدۇ . كىسەللىكنىڭ يۈز بېرىشى مەلۇم دائىردىكى چوڭ مېڭە پوستلام ماددىسى بىلەنلا چېتىشلىق بولۇپ ، كىڭەيمەسلىكى سەۋەبلىك يەككە رايونلار (بەدەندىكى) خاراكتىرلىك قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ؛ ھاياجانلىنىش ئالدىنقى مەركىزى نىرۋا ئايلانمىسى (前中央回) ياكى كىيىنكى مەركىزى نېرۋا ئايلانمىسىدا (后中央回) زەرەت قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ھۈجەيرە سىرتىدا كالى ئىئونىنىڭ ئارتىشى ئارقىلىق قوشنا نېرۋونلارغا يەتكۈزۈلۈپ ، جېكسۇن (Jackson) تۇتقاقلىقىنى (杰克逊癫痫) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تۇتقاقلىق پائالىيتى كۆپىنچە چوڭ مېڭە پوسىتلاق ماددىسىنىڭ تۆۋەنگە پرويكىسىيە چۈشۈرۈش تالاسى ئارقىلىق دۆڭ مېڭە ۋە ئوتتۇرا مېڭە تورسىمان قورۇلمىسىغا يەتكۈزۈلۈش ئارقىلىق سەزگۈنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە يېيىلىش خاراكتىرلىك دۆڭ مېڭە سايە چۈشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ (弥散性丘脑投射系统) پۈتۈن چوڭ مېڭە پوسىتلاق ماددىسىغا يەتكۈزىشى ئارقىلىق ، داۋاملىق يۈز بېرىدىغان ئومومى خاراكتىرلىك ۋاقىتلىق مەجبۇرى تۈزلىنىپ تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2. جۇڭگو تېبابىتىدىكى كىسەللىك سەۋەبى،مىخانىزىمى . 中医病因病机
داۋامى بار
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۇتقاقلىق
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بۇ كىسەلنىڭ دۋاسى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە بىزەگە قىممەتلىك پىكىرلىرنى بىرشلىرنى ،ھەممزنى غەمدىن خالاس قىلشلىرنى سۇرايمەن.
گەئاپىرىپ داۋالتىشنى بىلەلمىدۇق مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز