سىزدە بۆرەك ئاجىزلىقى بارمىكىن، قاراپ بېقىڭ!!!
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-12-02
ئەگەر سىزدە بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ئىككىسى كۆرۈلسە ، بۆرىكىڭىز ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن .
1. سۈيدىكىڭىزدىن ئازراق ئېلىپ ئىستاكانغا قۇيسىڭىز ، سۈ ئاۋالقىدەك سۈزۈك بولسا قېنىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئەگەر دۇغلاشسا ياكى سۇ يۈزىدە ياغ ماددا لەيلەپ قالسا ، بۆرەكنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ .
2. نورمال سۇ ئىچكەن ئەھۋالدا ، كېچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە چىقسىڭىز .
3.كىچىك تەرىتىڭىز راۋان بولمىسا ، تامچىلاپ كەلسە .
4. ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا كۆزىڭىز ئىششىپ قالسا .
5.ئېغىر نەرسە كۆتەرمەي 3-قەۋەتكە چىققۇچە پۇتىڭىزدا كۈچ قالمىسا .
6. ئاشخانىدا ئۆرە تۇرۇپ تاماق ئەتكەن ۋاقتىڭىز بىر سائەتتىن ئارتۇق بولغاندا ، پۇتىڭىز بوشاپ كەتسە .
7. بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى خالىماس بولۇپ قالسىڭىز ، زېھنىڭىزنى يىغالمىسىڭىز .
8. چېچىڭىزنى يۇيغاندا چېچىڭىز كۆپلەپ چۈشۈپ كەتسە .
9. شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەكشىگۈچ ئوچۇق ھالەتتە ئۇخلاپ ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا ، بېلىڭىز ئاغرىپ ،ماغدۇرسىزلىنىپ كەتسىڭىز .
10. دائىم چۈش كۆرۈپ چۈشىڭىزدە ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز ، ئەتتىگەندە تۇرغاندا قاتتىق چارچاپ كەتسىڭىز .
11. خەت يازماقچى بولۇپ ،قەلەمنى قولغا ئېلىپلا يازماقچى بولغان سۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز .
12. دائىم ئۇيقۇسىراپ تۇرسىڭىز ، لېكىن ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز ، ناھايىتى تەستە ئۇخلىسىڭىز ۋە ئاسانلىقچە ئويغۇنۇپ كەتسىڭىز ، يېرىم كېچە كىتاب ئوقۇش ياكى رادىئو ئاڭلاش ئادىتىڭىز بولسا .
13. كۆرۈش ئىقتىدارىڭىز ئاجىزلاپ كەتسە ، تېلىۋىزور ياكى كىتابنى بىردەم كۆرسىڭىز كۆزىڭىز چىڭقىلىپ كەتسە .
14. دېمەكچى بولغان گېپىڭىز ئاغزىڭىزنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئويلاپ تاپالمىسىڭىز ، ئونتۇغاق بولۇپ قالسىڭىز ، ئۇنى -بۇنى تولا يۈتتۈرسىڭىز .
15. ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋەتكە قىزىقماس بولۇپ قالسىڭىز .
مەنبە :"ھاياتلىق "ژورنىلى
ئەمدى يۇقۇردىكىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇلاھىزىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
قەدىمكى تېبابەتتە "بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش" تىكى "بۆرەك" پەقەت بەدەندىكى بۆرەك ئەزاسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئادەمنىڭ جىنسىي كۈچى ، جىنسىي ئالاقىسى ، جىنسىي تۇرمۇشى ، كۆپىيىش سېستىمىسنىڭ ئەھۋالى ، ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ھەزىم قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقىغا قارىتىلغان ئىدى . "بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى" مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .
مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلۈشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش
بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:
كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش
كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ - ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .
ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش
ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى:
كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت رەڭگى سۇسلىشىش .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى:
بالدۇر ئاجىزلىشىش
ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىتۇتۇلۇش ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .
چىرايى سۇلغۇنلىشىش ، قارا چەمبىرەك چوڭقۇرلاش ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىنىش ، تېرە يىرىكلىشىش ،قۇرغاقلىشىش ، بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈش ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىكى تۆۋەنلەش . ئاياللارنىڭ كۆكسى ساڭگىلاش ، بەل ، قورساقتا مايلار يىغىلىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
بۇ تېمىنىڭ داۋامىنى چاپلاي دېسەم خەتلىرى پۇچۇق چىقىۋىلىپ ئىچىمنى پۇشۇردى. كىرىپ 80خالتىدىنلا كۆرىۋېلىڭلار . بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىر ھەم بۆرەكنى ئاسىراش چارىلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.
2.بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇنى ئاسىراش
1. زىيادە ئىسسىق ياكى سوغۇق ئامىللار بۆرەككە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، بەل ساھەسىگە زىيادە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى دائىم ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۇ ئسسىقلىق بۆرەكنىڭ ئەسلى سوغۇق مىزاجىنى بۇزۇپ، بۆرەككە زىتادە قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ، بۆرەكنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكنىڭ نورمال سۈزۈش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ قويىدۇ. شۇنداقلا شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئىسسىقلىقتىن بولغان بۆرەك ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. بەل ساھەسىگە دائىم سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى ئۇزۇن مەزگىل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىاندا بۇ سوغۇقلار ئەسىلى مىزاجى ھۆل سوغۇق بولغان بۆرەككە ئاسانلا تەسىر قىلىپ، بۆرەكنى تېخىمۇ سوۋۇتۇپ، سوغۇقتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ، چىقىرىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، مۇناسىپ ھالدا سوغۇقتىن بولغان بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كالتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. قالايمىقان جىنسىي قىلمىشلار، مەسلەن: كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت، كۆپ ئىھتىلام بولۇش، جەلەق، شەھۋانى فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش قاتارلىق ناچار جنسىي قىلمىشلار قۇۋۋىتى شەھۋانىيىنى ئاشۇرۇۋىتىپ، بۆرەكنىڭ دائىملىق كۈچىنىپ ئىشلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاسانلا بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
4. سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە بۇ خىل دورىلار بۆرەكنىڭ نورمال چىقىرىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكنىڭ يېغىنى ئېرىتىۋېتىپ، ئاسانلا بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى، كۆڭۈلنى ئاچقۇچى ۋى ھەرخىل ھورمۇنلۇق، خىمىيىلىك دورىلارنى كۆپ ۋە قالايمىقان ئشلەتكەندەبۆرەكنى ۋاقىتلىق قۇۋەتلىگەندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاخىرىدا مۇشۇ خىل دورىلارغا كۆنۈكۈپ قېلىش ياكى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلانغاندا بۆرەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
7. كىچىك تەرەتنى ۋاقتىدا چىقارماي، قىستاپ يۈرۈۋەرگەندە سۈيدۈك تەركىبىدىكى كىتونلۇق ماددىلار قايتا سۈمۈرۈلۈپ، كىتوندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۆرەككە بېسىم كەلتۈرۈپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ. يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق، دەم ئالماسلىق، ئەقىلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاخىرى بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8. ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار بۆرەك خىزمىتىنى بۇزۇپ، روھىيى ھايۋانىيغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەكنىڭ روھىي ھايۋانى بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۆرەك ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
9. ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چىكىش ۋە ھاراق ئىچكەندە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ئىسپىرىت بۆرەكنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى بۇزۇپ، بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
10. زىيادە تۇز تەركىبىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بۆرەككە زىيانلىق
بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى
1. ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قېلىن كىيىنىش، بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئامال بار پوتا باغلىۋىلىش.
2. ھايۋانات بۆرىكىنى ئىستېمال قىلىپ بېرش.
3. زەيتۇن يېغى، قۇينىڭ كونا دۈمبە يېغى، بۆرەك يېغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بېرش.
4. زىيادە چارچاپ كەتكەندە تۈز يەردە بىر دەم يېتىپ بېرش، پات-پات بەل ساھەسىنى ئۇۋۇلاپ بېرش.
5. ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇخۇم ئارقىلىق بۆرەككە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرش ۋە تۇخۇم ئىستېمال قىلىش
6. سەۋزە، چامغۇر، ئەنجۈر، خورما، بانان قاتارلىق مىۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلپ بىرش، ئارىلاپ چامغۇر سەۋزە سېلىنغان شورپا ئىچىپ بېرش.
7. ئەنجۇر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى، ئۈزۈم شىرنىسى، خورما، لوبۇبى كەبىر ۋە ماددەتۇل ھايات قاتارلىقلار بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
8. ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقدارىدا چېنىقىپ قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەرگەندە بۆرەكنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ.
9. ياڭاق، بادام. قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، سوقۇپ، ئىلشتۇرۇپ سوقماق قىلىپ، ئىستېمال قىلىش بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
10. كەكلىك، بۆدۈنە، باچكا، قۇشقاچ، ئۇلار قاتارلىق قۇشلانىڭ گۆشىنى يەپ بېرش بۆرەككە پايدىلىق.
11. كۈندە ئەتىگەندە بىر قوشۇق ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
12. ياڭاق، بادام، پىندۇق، پىستە قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىنىڭ مېغىزىنى سوقۇپ، ناشتىدا چاي سۈتلەپ ئىچكەندە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
13. مۇۋاپىق مىقدارىدا ياڭاق ماتىڭى ئىستېمال قىلىش بۆرەككە پايدىلىق.
14. ھايۋاناتلارنىڭ بۆرىكىنى كاۋاپ قىلىپ، ئىستېمال قىلسا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش
بىر تورداشنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەن ئىدىم:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇھەممەت تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم. تۇنۈگۈن بۇ 80خالتا تور بەتلىرىگە سۇئال يازغىلى بولماپتى، شۇنچە كۆپ سۇئاللارغا جاۋاب يېزىپ بولالماي ھېرىپ كەتكەن چېغى دەپ قاپتىمەن. ھا ھا ھا ... چاخچاق ئەمەس راس شۇنداق ئويلىدىم. ھىلىمۇ جىنىڭىز پىششىق ئادەمكەنسىز، يالغۇز جىنىڭىزغا خىلى پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ جىق ساۋاپ ئىلىۋاتىسىز. شەخسەن ئۆزۈم سىزگە كۆڭلى - كۆكسۈمدىن چىقىرىپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىمەن. باشقىلارنى ساغلام بولسۇن دەپ كېچىلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاغرىپ قالماڭ يەنە،(خۇدايىم ساقلىسۇن) بىزدەك كەڭ تور جامائىتى سىزدەك ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگۈچى پىداكارلاغا موھتاج.
شۇڭا تەن ساقلىقىڭىزنى ياخشى ئاسرىشىڭىزنى جىددى تەلەپ قىلىمەن. سالامەت بولۇڭ!
سىزدىن بىر سۇئال سوراي دېگەن. ( يۇقۇردا سىزنى سۇئالىمغا جاۋاب بىرەمدىكىن دەپ ماختىمىدىم جۇما يانا): بۆرەك زەئىپلىشىش بىلەن بۆرەك ئاجىزلىقى ئىككىسى بىر گەپمۇ يا سەل پەرقىمۇ بارمۇ؟
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
چارچاپ ، ھېرىپ قالساممۇ تورداشلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى ھەم دۇئايى-تىلەكلىرىدە ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ. سىزگىمۇ رەھمەت.
سۇئالىڭىزغا كەلسەك ئىككى سۆز ئاساسەن ئوخشاش
زەئىپ سۆزى ئەرەپچىدىن كىرگەن بولۇپ شۇ << ئاجىز >> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىقى ھەققىدە ئەتتىگەن تېخى بىر تورداشقا جاۋاب يازغان ئىدىم:
بۆرەك ئاجىزلىقى دېگەندە بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى تولۇق ئورۇندىيالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل بۆرەك خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچرىسا ، بۆرەك ئىچكى قىسمىنى بۇزۇپ ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ بۆرەك ئالماشتۇرمىسا بولمايدىغان دەرىجىدە كاردىن چىقىش، ھەتتا ئۆلۈم دېگەندەك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى :
بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بۇزۇلۇپ ئۇزاق داۋاملىشىشى، بۆرەك ئورۇقلاش، بۆرەك ئىچكى نەيچىلىرى بوشاپ كېتىش، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى تولۇق داۋالاپ ۋاقتىدا ساقايتماسلىق، بۆرەك سىلى ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارنىڭ قالدۇرغان ئاسارەتلىرى سەۋەبىدىن ، بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجىرتىپ چىقىرىش خىزمىتى ئاجىزلىشىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا مەزىبېىزى يوغۇناپ سۈيدۈكنى قىسىش، سۈيدۈك يوللىرى تارىيىش، ئۆسمە دېگەندەكلەرمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۆرەكنى زەئىپلەشتۈرىدۇ.
ئاقسىللىق تاماقلارنى كۆپ ئىستمال قىلىش، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش، كۆپ قېتىم ئۇسسۇز قىلىپ سۇسىزلىنىش، كۆپ قان كېتىش، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىش، داۋاملىق ئات-ئۇلاققا مېنىش ، پىيادە كۆپ يول يۈرۈش، ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ سۇ ئىچىش، سۈيدۈك قىستىغاندا ۋاقتىدا چېقىرۋەتمەي ساقلاش قاتارلىقلار بۆرەك زەئىپلىشىشنى تېزلىتىشكە ياردەم بىرىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلاش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە توختىلىپ باقايلى:
ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن ئۇزۇن مۇددەت بۆرەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە شەھۋەت (باھ، جىنسىي ھېسيات ) تۆۋەنلەيدۇ. ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرى، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك جاراھىتى، بۆرەك سېفلىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بۆرەك خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇندىن باشقا بۆرەك مىزاجىنىڭ ھۆل، سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇقتىن بۇزۇلۇشى سەۋەبلىكمۇ بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى يۈز بىرىدۇ.
جىنسىي ئالاقىنى زىيادە كۆپ قىلىش نەتىجىسىدە بۆرەك ئەتراپىدىكى ياغ ئىرىپ تەدىرجى بۆرەك ئورۇقلاپ كېتىش، بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى.
ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھاراق-شاراب، ھەر خىل چېكىملىكلەر، بۆرەكتىكى تاشلارنى ئىرىتكۈچى ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبدىنمۇ بۆرەككە بېسىم پەيدا قىلىپ بۆرەك مەنبەلىك جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ئالامەتلىرى:
بەل تېلىپ ئاغرىيدۇ، پۇت-قول ئېغىرلىشىدۇ. بۆرەك ئاجىزلىق ئېغىرلاشقانسىرى ئىككى يوتا تېلىپ ئاغرىيدۇ. بىمارد دائىم جىنسىي ئاجىزلىق ، ئەرلىك ئەزا كارغا كەلمەسلىكتىن قاقشايدۇ.قاپىقى، پۇت-قولنىڭ دۈمبىسى سەل ئىششىيدۇ.
بەزىدە ئىختىيارسىز مەنى مېڭىپ كېتىشى مومكىن. جىنسىي ئەزا ۋە ئۇرۇقدان ساھەسى سوغۇق بولىدۇ. سوغۇق تەرلەيدۇ، بەزى ھاللاردا سۈيدۈك يولىدا ئىچىشىش يۈز بىرىشى مومكىن. سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە سۈيدۈكتە ياغ تېپىلىدۇ. كۆپۈنچە سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ ، مىقدارى ئاز كېلىدۇ. سۈيدۈك تۇتالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. داۋاملىق ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆزى قاراڭغۇلىشىدۇ. زېھنى قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ ئۇنۇتقاقلىق يۈز بېرىدۇ.
بۇنى داۋالاشتا سەۋەبىگە قارىتا، بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن چارە قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق، كەمقانلىق، ئانانىزىم ياكى مەنى تۇتالماسلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولسا
ياڭاق مۇرابباسى، ھەسەل سۈيى ، داۋائىي تەرەنجىۋىل، ھالۋايىي بەيزە، لۇبۇبى كەبىر، لوبۇبى سەغىر، ماددىتىل ھايات، جاۋارىش زەرئۇنى قاتارلىق دورىلاردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۆرەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بۇ ئەھۋال مىنىڭ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشۇمغا بېسىم ئىلىپ كەلدى تۇرمۇشۇم ياخشى بولمىغاچقا ئاجىرىشىپ كەتكەن ،قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم بۇنىڭ داۋاسى با مىدۇ ؟
مەن بىر قىزغا يېقىنچىلىق قىلسام جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمىساممۇ ئىشتىنىم بەك ھۆل بۇلۇپ كىتىدۇ بۇنىمە ئىش تۇ؟ بۇنىڭ چارىسى بارمۇدۇ؟ ئېغىر كۆرمەي جاۋابىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز .رەخمەت
ئۇلار2008-يىلى تۇمۇرتۇتۇپ كۆرۈش ئارقىلىق ماڭا تۆۋەندىكى دۇرلارنى تۆۋەندىكى دورىلارنى بەرگەن.
ئىتترفىل كەبىر،ھالۋايى بەيزە،لوبوبى كەبىر،بىرسىنى ئۇقۇيالمىدىم.مەجۇنى سۆئلەپ،يەنەبىرسىنمۇ ئۇقۇغىلى بولمىدى.دۇرلارنى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ ئۈنۇمى بولمىدى.ئۇلار دوختۇر خانىمىزدا بارسىزگە كېرەكىلىك دورلارنى ھەممىسىنى ئىشلەتتۇق دىدى.باشقا ئامالى يوقكەن.
شوڭا سىزگە دەيدىغىنىم يۇقارقى كېسەلگە داۋا بارمىدۇ؟ھە راست مەن ھاراق ،تاماكا دىگەنلەرگە ئەزەلدىن يېقىن يوللمايمان،سەممى مەسلەھەتىڭىزنى ئاڭلاي دىگەن؟ماڭا داۋا بارمدۇ؟
ئۇلار2008-يىلى تۇمۇرتۇتۇپ كۆرۈش ئارقىلىق ماڭا تۆۋەندىكى دۇرلارنى تۆۋەندىكى دورىلارنى بەرگەن.
ئىتترفىل كەبىر،ھالۋايى بەيزە،لوبوبى كەبىر،بىرسىنى ئۇقۇيالمىدىم.مەجۇنى سۆئلەپ،يەنەبىرسىنمۇ ئۇقۇغىلى بولمىدى.دۇرلارنى بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ ئۈنۇمى بولمىدى.ئۇلار دوختۇر خانىمىزدا بارسىزگە كېرەكىلىك دورلارنى ھەممىسىنى ئىشلەتتۇق دىدى.باشقا ئامالى يوقكەن.
شوڭا سىزگە دەيدىغىنىم يۇقارقى كېسەلگە داۋا بارمىدۇ؟ھە راست مەن ھاراق ،تاماكا دىگەنلەرگە ئەزەلدىن يېقىن يوللمايمان،سەممى مەسلەھەتىڭىزنى ئاڭلاي دىگەن؟ماڭا داۋا بارمدۇ؟
زۇكام بۇلۇپمۇ قۇلۇقۇمغا تەسىر قىلىدۇ پاڭ بۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلىمەن .
بىرزات ئەپەندىم،2)مەن ئىلگىرى بىلمەسلىك سەۋەپلىك 2-3يىلچە ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىدىم،كىيىن بۇنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تاشلىدىم،بىراق شۇ سەۋەپلىكمىكىن،مەندە زەكەر يىگىلىش بەك ئىغىر،مەنى بالدۇر كىتىدۇ،جىنسى ھىسيات بەك تۆۋەن،يۇقارقى كىسەللىك ئەھۋالىمغا قارىتا مۇۋاپىق بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز،مىللى تىبابەت دورىلىرىنى تولا يەپ ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدىم،شۇڭا بۇ جەھەتتە سەمىمى ياردەم پىكىر بەرسىڭىز،