سېمىز ئەرلەر ئاسان قېرىپ كېتىدۇ


ئامېرىكا ماسسا – چۇستىس شىتاتى يېڭى ئېنگلاند تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئەرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئۇرۇقداننىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان توماس ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇقداننىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بارا – بارا تۆۋەنلەيدۇ، بۇمۇ ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاسانلا قەنت كېسىلى، سۆڭەك ماددىسى بوشىشىش كېسىلى، مۇسكۇللار بوشىشىش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئەرلەرنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. تەتقىقاتچىلار 40 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 1667 نەپەر ئەر پىدائىينى 15 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلغان. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان، جۆرىسى ئۆلۈپ كەتكەن، داۋاملىق دورا ئىچىپ تۇرغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا زور مىقداردا تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش دەرىجىسى ئۇلاردىن 10 ياش چوڭ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن تەڭ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىتقاندا، تەتقىقاتقا قاتناشقان ئەرلەرنىڭ ھەر ئون يىل ئۆتكەندە ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى %14.5 تۆۋەنلەيدىكەن، تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە تەن سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى بولغان، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگەرمىگەن ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %10.5 ئەرتاپىدا بولغان. توماسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەتقىقاتتىن ئەگەر ئەرلەر ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئازايتماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈشى، بولۇپمۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى ئەسلى ماقالە :
80خالتا بلوگى ئۈچۈن تەرجىمىدە: ئېرپان
肥胖男人更易老
美国马萨诸塞州新英格兰研究学院的研究人员日前表示,男性体重大幅增加有可能会加大睾丸激素水平下降的幅度,从而使其更易衰老。

据美联社报道,美国马萨诸塞州新英格兰研究学院的研究人员日前表示,男性体重大幅增加有可能会加大睾丸激素水平下降的幅度,从而使其更易衰老。

研究人员之一托马斯·特拉维森表示,男性随着年龄的增长睾丸激素水平会日渐下降,这也是男性人到中年之后容易患上糖尿病、骨质疏松症、肌肉松弛以及阳痿等疾病的原因之一。

这次研究的重点是确定男性睾丸激素水平下降在多大程度上是因为衰老所致。研究人员对年龄在40岁到70岁的1667名男性志愿者进行了跟踪分析,历时15年。研究显示,那些在研究期间患上慢性疾病、丧偶、经常服药的男性睾丸激素水平下降幅度较之其他人更大,与此同时,体重明显增加的男性睾丸激素水平下降的幅度甚至可以与衰老10年睾丸激素水平下降的幅度相提并论。

平均而言,参加研究的男性每过10年睾丸激素水平就会下降14.5%,而那些在研究期间一直身体健康且体重保持不变的男性睾丸激素水平下降的幅度为10.5%。特拉维森说:“这一研究暗示,男性如果想减缓睾丸激素水平的幅度就应该关注自己的健康和生活方式,尤其是保持体重不要骤然增加。” 




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.