تەڭگە تەمرەتكە تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە مەخسۇس مۇشۇ تۈردە تېببى تەتقىقات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ خىلى زور ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىلىپ ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ خىل كېسەللىككە دىئاگنۇز قويۇش جەھەتتە تونۇش ئىنىق بولمايۋاتىدۇ.
بۇ - بۇ كېسەلنى ساقايمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇيغۇر تېبابىتىدە تەڭگە تەمرەتكە ( كالا تېرىسىمان تەمرەتكىمۇ دېيىلىدۇ) نى داۋالاشنىڭ ئۆزىگە خاس داۋالاش ئۇسسۇللىرى بار.
 

" /> جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ، ساقىيىش نىسبىتى قانچىلىك؟ - 80 خالتا بلوگى

جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ، ساقىيىش نىسبىتى قانچىلىك؟


جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم مۇھەممەد تۇرسۇن ئەپەندى . سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر تور مەنزىلىنى قۇرۇپ بىزلەرنى بەزى تىببىي مەسىلىلەر توغرىسىدا بەلگىلىك مەلۇماتقا ئىرىشتۈرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت !
سۇئالىم : جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكە يۇقامدۇ ؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
جاھىل خارەكتىرلىك تەڭگە تەمرەتكىسىنىڭ يېرىڭلىق تېپىدىكىسى يۇقىدۇ. شۇڭا تازىلىققا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.
بەزەنلەرنىڭ بۇ كېسەل ساقىيامدۇ دەپ سورىغان سۇئاللىرى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن جاۋابسىز قالغان ئىدى. بۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىۋىتەي!
ئىسمىدىنلا بۇنىڭ ئاسان ساقايمايدىغان، جاھىل كېسەللىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇردۇ. تەڭگە تەمرەتكە تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە مەخسۇس مۇشۇ تۈردە تېببى تەتقىقات ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ خىلى زور ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىلىپ ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ خىل كېسەللىككە دىئاگنۇز قويۇش جەھەتتە تونۇش ئىنىق بولمايۋاتىدۇ.
بۇ - بۇ كېسەلنى ساقايمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇيغۇر تېبابىتىدە تەڭگە تەمرەتكە ( كالا تېرىسىمان تەمرەتكىمۇ دېيىلىدۇ) نى داۋالاشنىڭ ئۆزىگە خاس داۋالاش ئۇسسۇللىرى بار.
ئالدى بىلەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا مۇنزىج بىرىلىپ كېسەللىك ماددسى پۇشۇرىلىدۇ، ئاندىن مۇناسىپ سۈرگۈچى دورا بىلەن بەدەن تازىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغۇچى، قاتتىقلىقنى يۇمشاتقۇچى، تېرىنى سىلىقلاشتۇرغۇچى ، كېسەللىك مىكروپلىرىنى يوقاتقۇچى دورىلارنى بېرىش؛ سېرتىدىن زەمبۇرغقا قارىشى ۋە تېرە توقۇلمىلىرىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا داۋالاش بىلەن يېمەك-ئىچمەك پەرھىزلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغاندا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ساقىيىش نېسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ. مۇشۇ ساھەدە تەجىربىسى بار تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە سىستېمىلىق داۋالانسا ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاچچىق-چۈچۈك، يەللىك نەرسىلەردىن، كالا، ئۆچكە گۆشى، ھاراق-تاماكا ۋە ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ.




[Birzat بۇنى 2010-10-10 06:37 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تەڭگە تەمرەتكە ، كالا تەمرەتكە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمائامانگۇل[2011-05-06 06:43 PM | del]
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەتكا ،  ئالدى بىلەن تەنلىرىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭنىڭ كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن ،مەن بۇ يىل 27ياشقا كىردىم ،گەرچە توي قىلغىلى ئۇزۇن بۇلمىغان بۇلسىمۇ لىكىن مىنىڭ كۈكرەك قىسىمىم (ئەمچىكىم)تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بىرخىللا يەنى تۇپ تۇز ،بەزى ئاياللارنىڭ كۈكرىكى تۇلغان بۇلىدىكەن،مەن ئۇزەمچە بەزىدە بەكلا خىجىل بۇلۇپ كىتىمەن،يۇلدۇشۇممۇ بۇ ھەقتە مىنى بىر ئاز زاڭلىق قىلىدۇ،بىر زات ئەپەندى مۇشۇ كۈكسىنى(ئەمچىكىنى) چۇڭايتىش ھەققىدە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىلىرىمىزدىن بارمۇ ؟بار بۇلسا سىزنىڭ قىشىڭىزدىن سىتىۋىلاي دىگەن.خاپا بۇلماي مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرسىڭىز،رەخمەت.
回复قايتۇرماhamraz316[2011-03-08 03:42 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم مۇھەممەد تۇرسۇن  ئەپەندى. مىنىڭ بىشىمنىڭ يان تەرپى تۇرۇپ تۇرۇپ بەكلا ئاغرىيدۇھەم ئاغرىش بىلەن بىرگە كۆڭلۈم ئىلشىپ ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشدۇ . بۇنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسەم تىبابەتتە شەقىقى كىسلى دەپ ئاتايدىكەن . مۇشۇ كىسەل ھەققىدە چۈشەنچە بىرەلەرسىزمۇ؟ ئەڭ تىز ساقىيىش ئۇسۇلى بارمىدۇ ؟
回复قايتۇرماماكان[2010-11-11 10:46 AM | del]
ئةسسالامۇ-ئةلةيكۇم!
مېنىڭ ئوغلۇم بۇيىل 7 ياشقا كىردى ، ئۇ تۇغۇلغاندا دۈمبة تةرىپىدة تةخمىنةن 1.5 سانتىمىتىر (كةڭلىگى ) چوڭلۇقتىكى تېرىسى ئاقۇش رةڭدة ئىدى. دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارمۇ كۆرگةن ۋة باشقا گةپ-سۆزلةرنى قىلمىغان ، ھازىرمۇ ئاشۇنداق كۆرۈنةرلىك دةرىجىدة يوغىنىغان ئةھۋاللار يوق ، ئةسلىدىكىدةكلا ، لېكىن بىزدة ئاق كېسةلمىدۇ دةيدىغان ئةندىشة بار ،ئۇنى قانداق قىلغاندا ھةقىقى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ؟ مالال كۆرمةي مةسلىھةت بةرگةن بولسىلا......
回复قايتۇرماramizan[2010-10-22 12:35 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم مۇھەممەد تۇرسۇن  ئەپەندى. مىنىڭ دىمىغىم پۈتۈپلا تۇرىدۇ .گەپ كىلسام دىمىغىمدا قىلىمەن .كىچىكىمدىن تارتىپ شۇنداق ئىدىم .ئىۇزۇمنى بۇرۇن ياللۇگىمىكىن دەپ ئۇيلايمەن .مەنگە تەپسىلى رىستىپ يىزىپ بەسىگىز مەن چەتەلدە ئىدىم .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.