ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرسا ئاياللار كېسەلچان بولۇپ قالىدىكەن دەپ تولا ئاڭلايمەن، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرۇشتىن باشقا ئۈنۈملۈكرەك چارە بارمىدۇ؟
ئالدىدا سىلىنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ 11-16 كۈنلىرى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلانسا ھامىلدار بولۇش نېسبىتى تۆۋەن بولىدۇ دەپتىكەنلا،،، مۇشۇ ھەقتە ئىنىقراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن!

" />   ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق ئۈنۈملۈك چارىسى بار؟ - 80 خالتا بلوگى

  ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق ئۈنۈملۈك چارىسى بار؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەفىيە دوختۇر. سىلىنىڭ 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بويچە سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشقا باشلىغانلىقلىرىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم. دېمىسىمۇ بىرزات ھەكىممۇ يېتىشىپ بولالماي قالغان ئىدى. بۇمۇ ياخشى ئىش بولدى. سىلىدىن سورايدىغىنىم:
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرسا ئاياللار كېسەلچان بولۇپ قالىدىكەن دەپ تولا ئاڭلايمەن، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرۇشتىن باشقا ئۈنۈملۈكرەك چارە بارمىدۇ؟
ئالدىدا سىلىنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ 11-16 كۈنلىرى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلانسا ھامىلدار بولۇش نېسبىتى تۆۋەن بولىدۇ دەپتىكەنلا،،، مۇشۇ ھەقتە ئىنىقراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن!

جاۋاپ:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئۈزۈك سالدۇرۇش ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى، شۇنداقلا بىر خىل كىچىك ئوپىراتسىيە ھېساپلىنىدۇ. ئوپىراتسىيە بولغانىكەن ، ئۆزنۆۋىتىدە يەنە ئەكىس تەسىرلىرى ، قوشۇمچە تەسىرلىرى بولىدۇ، ئەمما سىز دىگەندەك ھەممىلا ئايال كىشىنىڭ كىسەلچان بولۇپ قېلىشى ناتايىن.
ئۈزۈكنىڭ ئەكىس تەسىرى ۋە قوشۇمچە تەسىرلىرى:
ئادەتنىڭ قالايمىقان بولۇشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكىس تەسىرىدۇر . ئادەت كېلىدىغان كۈنلەر ئۇزىراپ، ئىككى قېتىمقى ئادەتنىڭ ئارىلىقى قىسقىرايدۇ، ياكى بولمىسا قالايمىقان خۇن كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۈزۈك سالدۇرۇپ يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپرەك بولىدۇ .بەزىلەردە ئېغىرراق، بەزىلەردە يېنىكرەك، ھەتتا بەزىلەردە ھىچقانداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.شۇڭا بۇنىڭدىن جىددىلىشىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بارا- بارا ئوڭلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر ئېغىرراق بولسا ئېلىۋەتسىلا بولىدۇ.
باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى:
1- گاندون: بۇ ئەرلەر قوللىنىدىغان ئۇسۇل، ھەر قېتىمقى جىنسى ئالاقىدە توغرا ئىشلىتىلسە ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ھەر خىل جىنسى يۇقۇملۇق كىسەللەر بولۇپمۇ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنى ئۈنۈملۈك توساش(جىنسى ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش يولىنى )رولى بار.ئاياللىرىدا بالىياتقۇ بوينى يارا بولغانلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
2- ئاياللار سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىلىرى: مەسىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلاش پەردىسى، شامچىسى قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئايال كىشى ھەر قېتىمقى ئالاقىدىن 5مىنىت بۇرۇن جىنسى يولغا سېلىۋالسا بولىدۇ،ئەمما ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ئەمەس.
3- ئىچىدىغان دورىلار: قىسقا ئۈنۈملۈك دورا (كۈنلۈك دورا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورا دورا، ياكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئوكۇل قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلدارل؛ىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما دورا توختىتىپ يەنە يېرىم يىلغىچە ھامىلدار بولۇشقا بولمايدۇ. دورا توختىتىپلا ھامىلدار بولساھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرلىرىنىمۇ تولۇق كۆزدە تۇتۇش كېرەك. شۇڭا، بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمىز، پەقەت ئىلاج بولمىغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

4. ئۇنىڭدىن باشقا سىز تىلغا ئالغان تەبىئىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىمۇ بار . بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن، ھېساپلاش سەل قىيىن بولغاچقا ئادەتتە كۆپ ئەھۋالدا تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. كونكىرت ھېساپلاش ئۇسۇلى مۇنداق:
ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش كۈنى كېلەر قېتىم كەلمەكچى بولغان ھەيىز كۈنىدىن 14 كۈن ئىلگىرىكى پەيتكە توغرا كېلىدۇ. يەنى كېلەر قېتىم كەلمەكچى بولغان ھەيىز كۈنىدىن كەينىگە 14 كۈن قايتۇرۇپ ھېسابلىساق ياكى 14 نى ئېلىۋەتسەك ، قايسى كۈنى تۇخۇم ئاجرىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئاجرىلىپ چىققان تۇخۇم 3 كۈنگىچە ئىسپىرما بىلەن بىرىكىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ھامىلە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بىر قانچە نۇقتا بار:

1. ھەيىز دەۋرىنى چوقۇم توغرا ئىگىلەش كېرەك. ھەيىز دەۋرى مۇقىم - نورمال بولغان ئاياللارغا باب كېلىدۇ. ھەيىز دەۋرى قالايمىقان ياكى نىسبىي مۇقىم ئەمەسلەر ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇل خەتەرلىك ( كۈتمىگەن ھامىلىدارلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن ) .
2. تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتىنى توغرا ھېسابلاش كېرەك. يۇقىرىدا ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دەپ ئۆتتۈق. مەسىلەن: بىر ئايالنىڭ ھەيىز دەۋرى مۇقىم 28 كۈن بولسا، بۇ ئايال 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ھەيىز كۆرگەن بولسا، كېلەر قېتىملىق ھەيىز كېلىش كۈنى ( 2+28 ) 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بولغان بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىلىش كۈنى بولسا ( 14 - 30 ) 3- ئاينىڭ 16 - كۈنى بولغان بولىدۇ. مۇشۇ كۈننىڭ ئالدىدىكى 5 كۈن ۋە كەينىدىكى 4 كۈن ئادەتتە خەتەرلىك مەزگىل ( مۇشۇ مەزگىلدە بىرگە بولغاندا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى ) دەپ قارىلىدۇ. يەنى 3- ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بىرگە بولماسلىق لازىم.
3. ئادەتتە ھەيىز كۈنىگە قانچىكى يېقىن بولغان كۈنلەر شۇنچە بىخەتەر كۈنلەر دەپ قارىلىدۇ. يەنى ھەيىزدىن كېيىنكى 3 كۈن ۋە ھەيىز كېلىشتىن ئاۋالقى 5 كۈن.
لىكىن تۇخۇم ئاجرىلىش ۋاقتىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ناتايىن . بالدۇر بولىشى ياكى كىيىن بولىشىمۇ مۇمكىن( بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ۋە ساقلىق ئەھۋاللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ ) .بەزى ئاياللار 22-23 كۈندە بىر ئادەت كۆرسە بەزى ئاياللار 35-40 كۈندە بىر كۆرۈش مۇمكىن. شۇڭا تۇخۇم ئاجرىتىش ۋاختىنى ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرۈش دەۋرىگە ئاساسەن بىكىتسە بولىدۇ.

مەسلەھەت بەرگۈچى: 80خالتا تور بېتىمىزنىڭ تەكلىپلىك ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى: سەفىيە

ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۇسۇللىرى contraceptive methods

 




[Birzat بۇنى 2010-10-07 08:06 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھامىلىدار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 14 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماadela[2014-02-05 05:06 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !    قانداق قىلغاندا بالياتقۇنى ئاسىرغىلى بۇلىدۇ، مىنىڭ دوۋساق تەرىپىم كۇندە بەك ئاغرىيدۇ ھەم ئاق خۇن جىق كىلدۇ، بۇنىڭغا دورا بامىدۇ، ئاندىن جىنسى ئەزانى كىچىكلەتكىلى بولامدۇ؟
回复قايتۇرما886[2011-10-01 02:04 PM | del]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى،ماڭا يېرىم يىلدەك بوپ قالدى دائىم ئىچىم سۈرىلىدۇ،بۇرۇن ئاچچىق نەرسە يىسەم قەۋزىيەت بوپ قاللاتتىم،لىكىن يېرىم يىلدىن بۇيان ئاچچىق نەرسە يىسەممۇ ئىچىم سۈرىلىدۇ،قوسقۇم بەك تويۇپ كەتسىمۇ قوسقۇم بىئارام بوپ ئىچىم سۈرىلىدۇ،مەن توي قىلغىلى 3 يىل بولدى ،خېلى بولدى دوۋسۇن ئاغرىيدۇ بولۇپمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن ئاغرىش ئېغىر بولىۋاتىدۇ،ئۇندىن باشقا جىنسىي ئەزا ئەتىراپىغا سېرىق داغلار پەيدا بوپ قالدى،بۇ نىمە ئەھۋال؟مېنىڭ يۇقارقى ئەھۋاللىرىمغا قانداق دورا ياكى ياخشى ئامال بار ؟
回复قايتۇرماpinhana[2011-06-10 00:36 AM | del]
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم بىر زات ئەپەندى .ئاللانىڭ رەھمىتى سىزلەرگە ۋە بىزلەرگە بولسۇن
1)سىزدىن سورايدىغنىم مەن توي قىلغىلى 5يىل بولايدىدى شۇندىن بۇيان ھەيز بەكمۇ قالايمىقان گاھىدا 40 كۈندە  گاھىدا 50 كۈندە كىلىدۇ . ھەم 1يىلدىن بۇيان مىقدارى بەك ئاز .2 كۈن ئەتراپىدا شۇنچىلىك
نىمە سەۋەپتىن بۇلىدىغاندۇ؟؟؟؟
2) مەن كۈندىن _كۈنگە بەكلا  سەمىرىپ كىتىۋاتىمەن .قانداق قىلسام ئەڭ تىز ئۇرۇقلىيالايمەن
مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز
回复قايتۇرماتاش[2011-05-06 08:15 PM | del]
ئەسسلاموئەلەيكوم دوختۇر،مىنىڭ سورىماقچى بۇلغۇنۇم بىر ياشقا كىرگەن بالىمۇ مېڭە يىگىلەش كىسلى بولۇپ قالامدو؟ئەگەر مېڭە يىگىلەش كىسلى بولسا بۇ كىسەلگە دۆلىتىمىزدىكى قايسى دوختورخاننىڭ داۋلاش تىخنىكىسى ياخشى؟
回复قايتۇرماrehmet[2011-03-16 11:00 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟مىنىڭ ئايالىم يىقىندا كۆزى يورىغان ئىد "8ئاي بولدى" يىقىندا تەكشۈرۈتسەك بۇيىدا بارلىقىنى ئېيتتى...  ئۇ ئۆزى يەڭگىمىگەن ئوپراتسىيە قىلغۇزغان ئىدۇق .سورىماقچى بولغىنىم ئايالىم قۇرساق كۈتۈرگەندىن كېيىن ئوپراتسىيە قىلغان يىرىنىڭ بالا تۇغۇشقا تەسىرى بارمىدۇ، رەھمەت.
回复قايتۇرما520.[2011-02-03 01:33 PM | del]
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم بىر زات ئەپەندى .ئاللانىڭ رەھمىتى سىزلەرگە ۋە بىزلەرگە بولسۇن          .سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم شۇكى مەن23ياشقاكىردىم،مىنىڭ كوكسۈم بەك كىچىك  .مەن يىقندا توي قىلماقچى .شۇڭا قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دوختۇرخانىغا كىرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن شۇڭا سىز ،ئۆزۈم يەرلىك دورىلىق ئۇسۇللار بىلەن ساقىيالايدىغان ئۇسۇللار بولسا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.رەھمەت
回复قايتۇرماnargiz[2010-12-06 04:50 PM | del]
ياخشىمۇ سىز دوختۇر،مەن توي قىلغىلى 6يىل بولدى 3بالام بار، يقىندىن بىرى مىنىڭ ئىككى يىرىقىم بىلەن دوۋسۇم ئاغىرىيدىغان بولۇپ قالدى، دوختىرخانىغا بارسام بالا ياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ئىككىنجى دەرىجە دەيدۇ، مەن ھازىر بالا ئىمىتىۋاتقان دورا ئىچەلمەيمەن،شۇڭا ماڭا مەسلىھەت بىرەمدىكىن دىگەن، ئاۋارە قىلدىم!
回复قايتۇرماkadirya[2010-11-20 09:43 PM | del]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ،مەن توي قىلغىلى 6ئاي بولدى ، ھازىر بويۇمدا با ،6ئايلىق بولاي دېدى،  بىر ئايدەك بۇلۇپ قالدى،يۇلدۇشۇم بىلەن بىللە بولۇپ بۇلغاندىن كىيىن يانپىشىمدىن تاپىنىمغىچە <كەينىم>ئۇستىخىنىم  كەچكىچە سىرقىراپ ئاخرىيدىغان بولۇپ قالدى، نىمە سەۋەپتىن شۇنداق بولا ؟ دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن رەھمەت .
回复قايتۇرماتەمەننازى[2010-11-16 01:43 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم:                                                                                         مېنىڭ سورايدىغان سوئالىم  ئاپام پۇت قولى ئىششىپ قاتتىق ئاغىرىپ دوختۇرغا  كورسەتسەك ئېغىر رىماتىزىم دىدى . دورا ئوكۇل ئشلەتسەكمۇ تازا ئۈنۈملۈك پايدىسىنى كۆرمىدۇق، باشقىلاردىن قارلەيلىسىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ دەپ ئاڭلاپ ئۇنىمۇ قىلىپ كۆردۇق ، بەزىدە پۇتى ئاغىرىپ ماڭالماي قالىدۇ ، كېلەر يازدا قۇم ئارشاڭغا ئاپارماقچىمىز . بۇ كېسەلنى يەنە قانداق داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە رىتسىپلىرى بار ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز ؟ ئاللا سىزگە رەخمەت قىلسۇن .
回复قايتۇرما艾海买提[2010-10-20 06:35 PM | del]
مصنصث سصزدصن سورايدئغان سذظالصم :مةن كصچصسص ظذخلصغاندصن كصيصن سةهةر پةسلصدة ظويغانسام كأپ هاللاردا سول قولذم قولذشذپ سةزمةس بولذپ قالصدذ.ظويغذنذپ قولذمنص بصردةم مصدصرلصتصپ بةرسةم ظةسلصگة كصلصدذ بذنصث سةؤةبصنص دةپ  بةرگةن بولسصثصز ؟رةهمةت
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-19 09:59 PM | del]
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچ-ئامانلىق، ئالىي تىلەكلەر ھەممىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن!
ساغلام جىنسىيەت پىسخىكىسىغا ئىگە ئەرلەردە ئىككى - ئۈچ يىل (جىنسىي مۇناسىۋەتتىن خالىي) بويتاق ھايات كەچۈرگەنگە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاپ كېتىشى ناتايىن. خۇددىي نۇرمال ئەركەك 13 يېشىدا بالاغەتكە يەتكەن بولسا 26-27 ياشقىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن خالىي ياشىسىمۇ جىنسىي ئىقتىدارى كاردىن چىقمىغاندەك بىر ئىش. بويتاقچىلىق ھاياتتا جىنسىي ئەزالارغا، نېرۋا-كەيپىياتقا پايدىلىق بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيقۇلۇقتىكى تەبئىي<< ئىھتىلام بولۇش >> تۇر. ئىھتىلام بولۇش جىنسىي تەشنالىقنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىدىكى تەبئىي ئىنكاسى بولۇپ شۇ ئارقىلىق (يەنى شەيتان ئاتلاش) چىڭقىغان نېرىپلارنى بوشىتىدۇ، قۇترىغان جىنسىي ئىستەكلەرگە تەبئىي رەۋىشتە ئارام بىرىدۇ. يېغىلغان ئارتۇق قۇۋۋەتلەرنى تارقىتىدۇ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. شۇڭا بويتاقچىلىق سەۋەبىدىن جىنىسي ئەزالاردا بېسىم پەيدا بولۇپ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاش ئەھۋالى كىلىپ چىقىشتىن ئەنسىرەش ئورۇنسىز بولسا كېرەك!
مەسىلە شۇ يەردىكى بويتاقچىلىق تۇرمۇشتا دىققەتنى جىنسىيەتكە زىيادە مەركەزلەشتۈرۋېلىش سەۋەبلىك يالىڭاچ ئاياللارنى، جىنسىي مۇناسىۋەت كۆرۈنۈشلىرىنى تولا خىيال قىلىش، كوچا-كويلاردىكى، تېلۋىزۇردىكى يىرىم يالىڭاچ، ناز خۇلۇقلۇق ئاياللارغا شەھۋەت نەزىرىدە قاراش دېگەندەكلەر ئاقىۋېتىدە ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش سەۋەبلىك ئاقىۋەتتە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايالىدىن زوق ئالالماسلىق دېگەندەك جىسمانىي ھەم پىسخىك مەسىللەر كىلىپ چىقىشى مومكىن. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرگەيسىز: ./default.html#?id=69
سۈنئىي پەرىجە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان سۈنئىي ئۇسۇلدا جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇش ئانانىزىمغا ئوخشاشلا خۇمار قىلىش، ئادەتلىنىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن ئىنسانغا زەرەر يەتكۈزىدۇ. ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ بىر ئەركەكنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت ۋە قوشۇلۇشنى ئىنتايىن گۈزەل شىرىنلىك ئىچىدە داۋام ئەتتۈرىدىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت خۇدانىڭ بۇ كاتتا نىئمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق.
بويتاقلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز شۇكى - ئومومىي جەھەتتىن ساغلام ئەركەك بولۇش ئۈچۈن شارائىتىڭىز يار بەرسە خۇدا نىسىپ ئەتكەن بىرسى بىلەن توي قىلىڭ، ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرمىسە ئارىلاپ بولسىمۇ قورسىقىڭىزنى ئاچ تۇتۇڭ (روزا تۇتۇڭ). زىيادە قۇۋۋەتلىك غىزالارنى كۆپ ئىستىمال قىلماڭ، كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىڭ، ۋاقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئالدىراش تۇتۇڭ، شەھۋەتنى قوزغاشقا سەۋەب بولىدىغان موھىتتىن ئىمكان بار يىراق يۈرۈڭ.
回复قايتۇرماwolqan[2010-10-19 08:45 PM | del]
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم بىر زات ئەپەندى .ئاللانىڭ رەھمىتى سىزلەرگە ۋە بىزلەرگە بولسۇن !
  مەن سىلىدىن بىر مەسلىھەت سوراش نىيىتىدە بولغىلى خىلى بىر ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۈگۈنگچە سوزۇلۇپ كەلدى ، بۈگۈن ئۆزلىرىگە بايان ئەيلەي ، جاۋاپلىرىنى ئايىمىغايلا .
                              ( ئاللا ئەجىرىلىرىنىڭ ساۋابىنى بەرگەي.ئامىن!)
1.مەسىلە : مەن توي قىلغىلى توت يىل بولغان .ھازىر 2  پەرزەنتلىك بولدۇم .( ئاللا ھقا شۇكىرى) ئەمما خىزمەت سەۋەبىدىن ئائىلەمدىن ئايرىلىپ ئىچكىرى ئۆلىكىدە 2 يىل تۇرماقچى بولۇپ (ئويدىن ئايرىلغىلى 2 ئايدىن ئاشتى )يىلدا بىر قايتىمەن  ، بۇ جەرياندا مەن ئۇزۇن مەزگىل بويتاقلىق ھاياتمغا قايتىشقا توغىرا كىلىدكەن . مۇشۇ ئۇزۇن مەزگىل جىنسى مۇناسىۋەتتىن توختاش ئەرلەرنىڭ  جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرامدۇ ؟ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا قانداق ئالدىنى ئىلىش  ئۇسۇلۇنى قوللانسام بولىدۇ ؟
  2.مەسىلە :(  بەزى دوسلىرىمدىن ئاڭلىسام توي قىلغاندىن كيىن تۇيۇقسىزلا جىنسى مۇناسۋەتتىن ئۇزۇن ۋاقىت توختاش   يۇقارقىدەك كىسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ دىيىشدۇ ،بىر ئاساسى بارمۇ ؟ يەنە ئۇلار ماڭا "سۇلىياۋ ئايال "  充气娃娃  ئلىپ بىرگە بولۇشنى تەۋىسيە قىلىشتى . بۇنداق قىلىش ئىسلام دىنىدىكى زىنادىن پەرىقلىنەمدۇ يوق ؟ بۇتوغىرسىدا بىرەر پەتىۋا بارمۇ ؟  
回复قايتۇرماakbarmomen[2010-10-18 04:06 AM | del]
سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم شۇكى مەن 17ياشقاكىردىم،مىنىڭ جىنسى ئەزايىم بەك كىچىك ،سىزدىن سورايدىغىنىم مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دوختۇرخانىغا كىرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن شۇڭا سىز ،ئۆزۈم يەرلىك دورىلىق ئۇسۇللار بىلەن ساقىيالايدىغان ئۇسۇللار بولسا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.رەھمەت .
回复قايتۇرما阿依谢姆姑丽[2010-10-11 05:28 AM | del]
سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم شۇكى  مەن ھازىر 17 ياشقا كىردىم لىكىن مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگۇچە پەقەت 3قىتىم ھەيىز كۆردىم ، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 5-6 ئايدا بىر قىتىمدىن كۆردىم . سىزدىن سورايدىغىنىم مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دوختۇرخانىغا كىرىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن شۇڭا سىز ،ئۆزۈم يەرلىك دورىلىق ئۇسۇللار بىلەن ساقىيالايدىغان ئۇسۇللار بولسا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.رەھمەت
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.