كېچىسى سىيىپ يېتىشقا شىپالىق ئاددىي رېتسىپلار (سىناقتىن ئۆتكەن )
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-07
پىكىر: بىرزات ئاكا، ياخشىمۇسىلى! قىلغان ئەجىرلىرىگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن!
مەن 12 ياشلىق ئىنىم ئادىل ئۇچۇن ئۇنىڭ ئەيىبىگە شىپا ئىزدەپ سىلىدىن ياردەم سوراپ كەلدىم. ئۇ بەك كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا كېچىسى يوتقانغا سىيىپ قويىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ھەم كۈندە شۇنداق بولاتتى. دەسلەپتە ئائىلدىكىلەر كىچىك بالا ئۈچۈن بۇ نورمال ئەھۋال دەپ بىلىپ سەۋەپ قىلىپ باقماپتىمىز. لىكىن ،ھازىر 12 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ بۇ ئادەت يەنىلا داۋاملىشىپ كىلۋاتىدۇ. قىززىق يىرى ، ئىنىمنىڭ كۈندۈزى تەرەت كونترول قىلىشى نورمال، پەقەتلا كېچىسى ئۇخلىغاندا تۇتالمايدۇ. بۇ ئەيىبلىك بىچارىنىڭ كۆڭلى بەك سولغۇن، ياخشى كۆرگەن ئۆيلەردە كىچىسى قۇنۇپ قالالمايدۇ، قالسىمۇ ئەتىسى ئىزاغا قالىدۇ. چوڭ بولغانسىرى بۇ ئەيىپ ئۇنىڭ پىسخىكىسغا تەسىر كۆرسىتىپ بارغانسىرى جىمغۇر بولۇپ قېلۋاتىدۇ. ئارلىقتا بىز ناھىيمىز دوختۇرخانىسغىمۇ نەچچە رەت كۆرسىتىپ باقتۇق، بەرگەن دورىلىرىنى يىگۈزدۇق. بۇمۇ بولماي ياخشى نىيەتلىك كىشلەر ئېيتىپ بەرگەن داۋا ئۇسۇللىرىنىمۇ قىلىپ باقتۇق. ئەپسۇس، پايدىسى بولمىدى.
ھەكىمگە ئىلتىجايىم: « بۇ ئەيىب كېسەللك ھىساپلىنامدۇ؟ شۇنداق بولسا نىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدۇ؟ قانداق داۋالاش كېرەك؟ سىلىدە دورىسى بارمۇ؟ بولسا قەشقەرگە بارماي تۇرۇپ سېتۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟» مۇشۇلار توغرىسىدا بىلىم بەرگەن بولسىلا. ئاۋارە قىلغىنىمغا خىجىلمەن، ئائىلەمگە ۋاكالىتەن سىلىگە كۆپ رەھمەت. ئۇلۇغ ئاللا بىلىمىلىرىنى تېخىمۇ زىيادە، تەنلىرىنى ساق قىلسۇن!
جاۋاب:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ ئاساسلىقى ئومومىي بەدەننىڭ سوغۇقلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بۆرەك، دوۋساق ئەتراپىدىكى تۇتقۇچى پەي-نېرىپلارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن بالىلاردا كېچىسى سېيىپ يېتىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغانلىرىدا كۈندۈزلىرىمۇ سۈيدۈك باشقۇرالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
بۇ ھەقتە ئالدىدا كورلىدىكى بىر قېرىندىشىمزىنىڭ 9-10 ياشلىق قىزىغا مەسلەھەت بىرىپ ئاددىي بىر رېتسىپ ( تۆۋەندىكى1- رېتسىپ ) كۆرسەتكەن ئىدۇق. خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن شىپا تېپىپ ساقىيىپ قاپتۇ. سىلىمۇ شۇ خىل ئۇسسۇلنى سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققان بولساڭلار!
تۆۋەندىكى ئۇسسۇللارنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىنى ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىپ بەرسە بولىدۇ:
1. كۈندە 2-3 تال ياڭاق مېغىزنى قوقاستا پۇشۇرۇپ يېگەندىن باشقا ھەر كۈنى كەچتە تەخمىنەن 5 تال ياڭاقنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان نېپىز پاسىلىنى بىر تاۋاق سۇغا سىلىپ بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ بىرىلىدۇ. ( سىناقتىن ئۆتكەن )
2. ئەكەك ياۋا توشقان گۆشىنى ھوردا دۈملەپ پۇشۇرۇپ قورساق تويغۇچە يەپ بىرىدۇ. بولۇپمۇ توشقاننىڭ بېشىنى قوقاستا پۇشۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېڭە قېتىقىنى يەپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك.
( سىناقتىن ئۆتكەن )
3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كۇچۇلا يېغى، تۇخۇم يېغى قاتارلىق مايلاردا دوۋسۇن ، تاپان ، كىندىك ئەتراپى مايلاپ بىرىلىدۇ.
4. قوي بۆرىكىدىن 2 تالنى 50 گىرام ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ كۈندە بىر قېتىم پۇشۇرۇپ يەپ بېرىدۇ.
5. كۈندە بىر قېتىم ئەركەك پاقلان گۆشى بىلەن نۇقۇتتا شورپا قىلىپ ئىچىپ بىرىدۇ.
سوغۇق، ئاچچىق چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن ، مېۋە-چېۋىلەردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ.
تامام
______________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كېچىسى سىيىپ يېتىشقا شىپالىق ئاددىي رېتسىپلار
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن يېگىرمە بىر ياشتا تىنىم ساغلام ئېنتايىن نۇرمال بىر ئۇيغۇر يىگىتى .
ئۇزۇندىن بىرى سىزدىن مۇنۇ ئىشنى مەسلىھەت سوراش ئارزۇسىدا ئىدىم ،ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن سىزنى ئاۋارە قىلىشنى لايىق تاپمىغان .(لىكىن بۇ ئەرزىمەس ئىش ئەمەستەك تۇرىدۇ )
مەندە ساقال -بۇرۇتۇم شالاڭ ! مەن ھەقىقى ئۇيغۇرلاردەك ئەركەك مىجەز قۇيۇق ساقال- بۇرۇتۇم بۇلىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.(گەرچە زاماننىڭ ئېھتىياجىنىڭ تەتۇرىچە بۇلسىمۇ ) بۇنىڭ سەۋەبىنى قىلغىلى بۇلارمۇ ؟(سىزنىڭ ئەستايىدىل قارىشىڭىزغا ،مەن ئۇچۇن ئىزدىنىشىڭىزگە ئىشىنىمەن ،ۋە ئاللادىن تىلەيمەن !
ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ماڭا مەسلىھەت ۋە ياردەم قىلسىڭىز.
سىلدىن دورا ئېلېپ داۋالانسام ساقيالالارمەنمۇ .
\ماڭا بىر ياردام قىلسىلا