ئولتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقىغا رېتسىپ Sciatic Nerve Ache
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-02
ئولتۇرغۇچ نېرىپ ياللۇقىغا قەلەمپۇر مېيىدىن باشقا يەنە قانداق دورىلار ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن 2008-يىلى قەشقەر ھېتتگاھ جامەسىدە ناماز ئوقۇش جەريانىدا سىرتتا قېلىپ پۇتۇم ۋە يانپاشقا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەنتى. ھازىر سوغۇق مۇھىتتا تۇرسام بەك ئاغرىپ كېتىدۇ. .ئولتۇرسام كاسا قىسممىم بەك بىئارام بولىدۇ. سىلنىڭ قېشلىرىغا بارسام ئولتۇرغۇچ نىرىپقا سوغۇق ئۆتۈپ كېتپتۇ دەپ (قەلەمپۇريېغى) بەرگەنتىلە . ئازراق ئۈنۇمى بولغانتى. مەن يەنە قايسى دورىلارنى يىسەم بولىدۇ. مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.؟؟؟
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
قەلەمپۇر يېغىنى داۋاملىق ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ئىچكى تەرەپتىن مەجۈنى سۆرۈنجان، ماددەتۇل ھايات، بۇزۇرى شەربىتىنى 15كۈن ئەتراپىدا ئىستىمال قىلسىڭىز بەدەندىكى سوغۇق يەللەرنى ۋە بوغۇم، نېرىپلاردىكى ياللۇغلىنىشنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئولتۇرغۇچ نېرىپ ئاغرىقىغا رېتسىپ Sciatic Nerve Ache
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مۇشۇ يېقىنىڭ ياقى مىنىڭ ئەزايىمنىڭ ئوڭ تەرپى(دوۋسۇنمىكى دەيمەن) ئىششىپ ئاغرىيدىغان بۇلۋالدى،داۋملىق ئەمەس،بىر كۈندە بىرەر ئىككى قتىم ئاشۇنداق ئاغريدۇ.بىرەر سائەت داۋاملشدۇ.ئاغرىق توختسا ئشققمۇ ياندۇ. بۇ نىمە سەۋەپتىندۇ ئەمدى مۇشۇنى بىلەلمەي . قاندق داۋا قىلسام بۇلا
بۇ ئىككى خىل ئولتۇرغۇچى نىرۋا ياللۇغى كىسەللىكىنى بىر بىرىدىن ئايرىپ داۋالاش ئۇچۇن مۇناسىۋەتلىك بەدەن تەكشۇرۇشلەر ۋە قوشۇمچە تەكشۇرۇشلەرنى قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، شۇڭا تەپسىلى ئەھۋالىڭىزنى قالدۇرۇپ قويالارسىزمۇ؟ يەنى بەلدە ئاغرىش بار يوقلىقى، ئاغرىش دائىرسى نە-نەلەردە ئىكەنلىكى؟ رىنتىگىن ياكى ماگىنىتلىق رىزونانىس ئاپىرات نەتىيجىسى ، تاپان ۋە بەلدە قىزىشش، ئېچىشىش ئەھۋالىرىنىڭ بار يوقلىقى قاتارلىقلار.
بىز ئالدىنقى يىلى خوتەنگە بارغاندا <<ئەركان ئۇۋلاپ، ھورداپ داۋالاش مەركىزى>> دە يىرىم كۈن ئەتراپىدا ھورداققا چۈشۈش، بەل ساھاگە لوڭقا قويدۇرۇش، ئۇۋلىتىش دېگەندەك مۇلازىمەتلەردىن ھەقلىق رەۋىشتە بەھرىمان بولغان ئىدۇق. شۇ ئورۇننى ئاچقان كىشىلەردىن خىلى خۇرسەن بولۇپ قايتقان ئىدۇق. ئىسمىڭىزغا قاراپ سىزنى شۇ ئورۇننى ئاچقان كىشىمىكىن دەپ قالدىم؟؟؟