بىر دوستۇم ھامىلدار ئىدى(بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ھامىلدار بولۇشى، ئالدىنقى قېتىملىقى قاتتىق چارچاش سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن)، ئىككى ئايدىن ئاشقان. مۇشۇ يىقىندا خىزمەت سەۋەبىدىن بېيجىڭغا بېرىپ كەلمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا ئايرۇپىلاندا ئولتۇرسا ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟ ئايرۇپىلان ياكى پويىز قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ھامىلىگە تەسىرى چوڭ بولامدۇ؟

" /> ھامىلدار ئاياللار ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولامدۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

ھامىلدار ئاياللار ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولامدۇ؟


ئەسسالامۇئەلەيكۈم!
بىر دوستۇم ھامىلدار ئىدى(بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ھامىلدار بولۇشى، ئالدىنقى قېتىملىقى قاتتىق چارچاش سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن)، ئىككى ئايدىن ئاشقان. مۇشۇ يىقىندا خىزمەت سەۋەبىدىن بېيجىڭغا بېرىپ كەلمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا ئايرۇپىلاندا ئولتۇرسا ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟ ئايرۇپىلان ياكى پويىز قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ھامىلىگە تەسىرى چوڭ بولامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
ئادەتتە ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا نورمال ئادەملەردە ئايروپىلان كۆتۈرۈلگەن ، قونغان ۋە ئايلانغان ۋاقىتلاردا كۆڭۈل ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق بىئارام بولىدىغان ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدىغان ھادىسە، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سىزىك بولۇيش سەۋەبلىك كۆڭۈل ئېلىشىدىغان، ياندۇرىدىغان، كۆڭلى تاماق تارتمايدىغان، ئاسانلا چارچايدىغان، باش ئاغرىيدىغان، ئۇيقۇسى قانمايدىغان بولۇپ قالىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يىراقلارغا سەپەرگە چىققاندا سىزىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاپ كىتىشى، يىتەرلىك دەم ئالالماسلىق، زىيادە چارچاش ، خالىغان ۋاقىتتا كۆڭلى تارتقان يىمەكلىكنى تېپىپ يىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن بەزىبىر ئويلىمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. مەسىلەن ا ئەسلىدىنلا كۆڭلى ئېلىشىپ تۇرغان ئادەم ئايروپىلانننىڭ كۆتۈرۈلۈش قونۇش ۋاقىتلىرىدا زىيادە كۆڭلى ئېلىشىپ قاتتىق ياندۇرۇش، شۇ سەۋەبلىك قوساقنىڭ بېسىمى ئارتىپ كىتىپ ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى چارچىمايدىغان يىنىكرەك خىزمەتلەر بىلكەن شۇغۇللىنىشى، يىراقلارغا سەپەرگە چچىقماسلىقى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مېنىڭچە دوستىڭىز ئەگر ئورنىغا باشقا ئادەم بېرىش ئىمكانىيىتى بولسا ئكزى سەپەرگە چىقماي تۇرغىنى ياخشى.
_______________سەفىيە

 ؟ can pregnant women ride in airplanes  


 




[Birzat بۇنى 2010-08-21 12:00 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhaney[2010-12-02 04:22 PM | del]
7ھيلڭىدڭن كڭيڭن ھيرۇپڭلھندھ ولتۇرسھ بولمھيدۇ
回复قايتۇرماbarinhajim[2010-12-01 09:26 PM | del]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
  ھۆرمەتلىك سەفىيە خانىم، ياخشىمۇ سىز؟  يۇقۇردىكى جاۋابىڭىزنى كۆرۈپ قورقۇپ قالدىم. مەن چەتئەلدە تۇرمەن. ئايالىم ۋەتەنگە تۇققان يوقلاپ كەتكەن20 كۈن بولدى. ئالدىمىزدىكى ھەپتە قايتىپ كىلىدۇ. ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن مەن دادا بولغىنى 40 كۈن ئەتراپىدا بولغان ئوخشايدۇ.<<تەكشۈرتكەن>> شۇڭا ئايالىم قايتىپ كىلىشى ئۈچۈن ئايرۇپىلاندا 12 سائتتىن ئارتۇك ئولتۇرشى كىرەك. راستىنلا خەتىرى بۇلامۇ؟؟؟؟؟؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز!  ئاللا رەھمەت قىلسۇن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.