يۈرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مەسلەھەت
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-09
مەن بۇرۇن ئانانىزىم بىلەن خىلى ئۇزۇن ۋاقىت شۇغۇلانغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردىمۇ مەندە بەزى بىر بىنۇرمال ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. كېيىن 80خالتا تورىدىن ئانانىزىمنىڭ ئەركەك زاتى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىلىپ قول ئۈزگىلى خېلى بولدى. ھازىرقى مەندىكى مەسىلە جىنسىيەت، شەھۋانىي كۆرۈنۈش دېگەندەك ھېلىقدەك ئىشلارنى ئويلسام جىنسى ئەزا نورمال قاتسىمۇ مۇناسۋەت قىلدىغان چاغدا دەرھال بوشاپ كېتىدىغان ھەم يۈرەك سېلىپ بەدىنىم تېترەپ كېتىدىغان ئالامەت بار. ياشلا تۇرۇپ بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىش مېنى خىلىلا ئەندىشىگە سىلىپ قويدى. ئانانىزىمنىڭ ئاسارەتلىرى ھەققىدە يازغان تېمىلىرىدىن يۈرەك ئاجزىلاشنىمۇ ئەنە شۇ ئانانىزىم ئاسارىتى سەۋەبىدىن ئىكەن دەپ قارىدىم. مۇشۇ قاراشلىرىم توغرىمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە قىممەتلىك ۋاقىتلىرنى چىقىرىپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا، رەھمەت!!!
جاۋاب: يۇقۇردا بايان قىلغانلىرىغا قارىغاندا سىلىدىكى ئەھۋالنى يۈرەك ئاجىزلىقىدىن كىلىپ چىققان جىنسىي ئاجىزلىق دەپ ئېيتىش مومكىن. يۈرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىقتا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا قوزغىلىش بولسىمۇ ، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا يۈرەك تىرەش، يۈرەك سىلىپ بەدەن تىترەك كېتىش، يۈرەك ئېغىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن ئومومىي بەدەن بوشىشىپ ھالسىزلىنىپ كېتىش، كېسەللىك ۋاقتى ئۇزارغانچە جىنسىي تەلەپ سۇسلاش، زەكەر قايىم بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.
بۇ ئاساسلىقى ھەر خىل روھىي-پىسخىك ئامىللار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ كۆپ يىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ كېسەللىكنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى بولىشى مومكىن.
بۇنى داۋالاشتا :
بىمارنىڭ مىزاج ئەھۋالىغا قاراپ داۋائىل مىشكى شىرىن، داۋائىل مىشكى مۆتىدىل، ئەبرىشىم شەربىتى، ئەرقى گاۋزىبان، مۇپەررىھى ياقۇت، لۇبۇبى كەبىر قاتارلىق دورىلاردىن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
كۈندۈلۈك ئۇزۇقلۇقلارغا: ياڭاق مۇرابباسى، جىگدە چېچىگى ھەسىلى، ئانار شەربىتى، قىزىل گۈلقەنت ، قۇچقاچ گۆشى قاتارلىقلار ماس كىلىدۇ.
تامام
________________ بىرزات
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي ئانانىزىم
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
سىلىدىن سوراپ باقسام: مەن ئادەتتە كىچىك تەرەت قىلىپ بولۇپ، خالادىن چىققاندىن كېيىن، 8-10 مىنۇت ئارلىقىدا زەكىرىمدىن سۈدۈك تامغاندەك بولىدۇ. ئادەتتە تاھارەت ئالماقچى بولساممۇ 10-15 مىنۇت بۇرۇن كىچىك تەرەت قىلىۋالىمەن. بۇنى ئىلگىرى ئاز تولا ئۇقۇپ باقسام، تاھارەت پۇشۇرۇش دەيدىغان بىر گەپ باركەن، لېكىن مەن مەسچىتلەردە تاھارەت ئالىدىغانلارغا قاراپ باقسام، ئۇلار بۇ ئىشلارغا تۈززۈك دىققەت قىلمايدىكەن، بۇ مەندىكى كېسەللىكمۇ ياكى، ئۇلار ئەسلى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ ياكى مەندىكى بۇ كىچىك تەرەتتىن كېيىن سۈدۈك تېمىپ قېلىش ۋاقتى سەل ئۇزۇن بوپ كەتكەن بىنورماللىقمۇ؟