1965-يىلى، ئامېرىكا "تۇرمۇش" ژورنىلى شىۋىتسارىيىلىك فوتوگراف رۇنات.نېلسون تارتقان يتىلىۋاتقان ھامىلىنىڭ سۆرىتىنى ئېلان قىلىپ، بىر مەھەل قاتتىق غۇلغۇلا-قوزغىغان. نەچچە كۈن ئىچىدىلا، ھامىلىنىڭ يېتىلىش سۆرەتلىرىنىڭ مۇكەممەل باسما نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ 8 مىلىيۇن نۇسخا سېتىلغان. گەرچە 40 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولىسمۇ، بۇ رەسىملەر يەنىلا كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ.
5 ھەپتىلىك ھامىلە
بۇ مەزگىلدە ھامىلە پەقەت 9 مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يۈز قىسمى تەرەققىي قىلىپ، ئېغىز، بۇرۇن ۋە كۆزلىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.
8 ھەپتىلىك ھامىلە
ئىلغار سۆرەتكە تارتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئېنىقلىقى ۋە ھەسسىلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سۆرەتنى تارتقىلى بولىدۇ. نېلسوننىڭ بەزى ھامىلە يېتىلىش سۆرەتلىرى ئەنئەنىۋى فوتو ئاپپارات بىلەن تارتىلغان بولۇپ، مىكرو ئاپپارات كۆزى ئىشلىتىلگەن، باشقا سۆرەتلەر بولسا بەدەن ئىچىنى كۆزىتىش ئەينىكى بىلەن تارتىلغان. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ بىلەن سىكاننېرلاش ئارقىلىق، نېلسون نەچچە مىلىيۇن ھەسسە چوڭايتىلغان سۆرەتلەرگە ئېرىشكەن. رەسىمدىكىسى 8 ھەپتىلىك ھامىلە بولۇپ، ھامىلە خالتىسى تېز تەرەققىي قىلغان ھامىلىنى ئىنتايىن ياخشى قوغدايدۇ.
10 ھەپتىلىك ھامىلە
جوناسون.كېپ نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نەپىس مۇقاۋىلىق "بىر بالىنىڭ تۇغۇلىشى" ناملىق كىتابتا نېلسوننىڭ ھامىلە يېتىلىش جەريانى سۆرەتلىرى توپلانغان. رەسىمدىكى 10 ھەپتىلىك ھامىلە، بۇ ۋاقىتتا قاپاق يېرىم يۇمۇق ھالەتتە بولۇپ، نەچچە ھەپتىدىن كېيىن پۈتۈنلەي يۇمۇلىدۇ.
16 ھەپتىلىك ھامىلە
16 ھەپتىلىك بولغاندا، ھامىلە قولى بىلەن ئەتىراپتىكى مۇھىتنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ
بۇ ۋاقىتتا ھامىلە قولى بىلەن ئۇزۇن بالا ھەمرىيىنى تۇتالايدۇ، ئۇستىخانلىرىمۇ ئاساسەن كۆمۈرچەكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ، سۈزۈك تېرىدىن قان تومۇرلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ
18 ھەپتىلىك ھامىلە
بۇ ۋاقىتتا، ھامىلىنىڭ بەدىنى 14 سانتېمېتىر ئەتىراپىدا بولۇپ، سىرتتىكى ئاۋازلارنى ھېس قىلالايدۇ.
20 ھەپتىلىك ھامىلە
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ بەدىنى 20 سانتېمېتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ، بېشىغا تۆرەلمە تۈكلىرى چىقىدۇ.
مەنبە: ئەلكۈيى تورى خەۋەرلەر سەھىپىسىhttp://news.alkuyi.com
بۇ تېما ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى ئارسىلان ئەپەندىنىڭ رۇخسىتى بىلەن 80خالتا بلوگىغا كۆچۈرۈپ كىلىندى.