ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻗﺎﻥ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ، ﺳﯧﻤﯩﺮﺗﯩﺶ ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻣﻪﻧﯩﻲ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﭘﺎﻟﻪﭺ، ﻟﻪﻗﯟﺍ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺑﻮﯞﺍﺳﯩﺮ ﻗﺎﻧﺎﺵ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺑﻪﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻳﯚﺗﻪﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺳﯜﭘﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
 

" /> ﺧﻮﺭﻣﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ [شىپالىق گىياھلار] - 80 خالتا بلوگى

ﺧﻮﺭﻣﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ [شىپالىق گىياھلار]


ﺑﯘ ﭘﺎﻟﻤﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯚﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺧﻮﺭﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، << ﺧﻮﺭﻣﺎ >> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻗﺎﻥ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ، ﺳﯧﻤﯩﺮﺗﯩﺶ ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻣﻪﻧﯩﻲ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﭘﺎﻟﻪﭺ، ﻟﻪﻗﯟﺍ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺑﻮﯞﺍﺳﯩﺮ ﻗﺎﻧﺎﺵ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺑﻪﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻳﯚﺗﻪﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺳﯜﭘﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯧﻤﯩﺮﺗﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺗﻜﻪ ﺧﻮﺭﻣﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺩﺍﻡ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ، ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ، ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻣﺎﭺ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺟﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ: 10-40 ﮔﯩﺮﺍﻡ
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﺗﻪﺳﺘﻪ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻝ -ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﺳﯩﺮﻛﻪﻧﺠﯩﯟﯨﻞ، ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺳﯜﻳﻰ، ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ ﻳﯧﻐﻰ، ﺋﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﺵ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻤﺪﺍ 50 ﮔﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯚﺭﯛﻛﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ، ﮬﯚﻝ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ.
ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ: ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ، ﮬﻨﺪﻯ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺳﯩﺪﯗ.

تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




[Birzat بۇنى 2010-08-09 12:10 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خورما

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkunupka[2010-08-10 09:26 PM | del]
تاللا بازىرىغا كىرسەم قۇرتلاپ كەتكەن خورما باركەن، يېنىپ چىقتىم
回复قايتۇرماBirzat[2010-08-10 08:16 PM | del]
خورما چىلاندىن ئەرزان ھاجىمكا قۇۋۋىتىمۇ مول ئىكەن ، شۇڭا خورمىنى تەشۋىق قىلىپ ساپتىكەنمە. خىجىل قىلمىسىلا،
回复قايتۇرماYuksel[2010-08-10 07:47 PM | del]
بولسا خورمىنىڭ ئورنىنى باسالىغۇدەك دىيارمىزدىن چىقىدىغان شىپالىق مېۋىلەردىن تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلسىلا بوپتىكەن. دېھقان ئاكىلارغا ئاز - تولا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس ...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.