ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئوپىراتىسىيەسىدە چوڭ يارا قالدۇرمايدىغان ماشىنا ئادەم


ئېلىمىز دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئوپىراتىسىيەسىدە چوڭ يارا قالدۇرمايدىغان ماشىنا ئادەمنى مۇستەقىل كەشىپ قىلدى
سۈرەتتە: 12-ئىيۇل، دوختۇر «ماشىنا ئادەم»نىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. (خەلق گېزىتى مۇخبىرى جوۋ خېڭيى فوتوسى)

11-ئىيۇل، 3-ھەربىي دوختۇر ئۇنىۋېرسىتېتى شىنچياۋ دوختۇرخانىسى بىلەن جۇڭگو پەن تېخنىكا ئاكادىمىيىسى شېنياڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلغان، تولۇق مۇستەقىل بىلىم ـ مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئوپىراتىسىيەسىدە چوڭ يارا قالدۇرمايدىغان ماشىنا ئادەم شىنچياۋ دوختۇرخانىسىدا دەسلەپكى مەزگىلدىكى كلىنكىلىق داۋالاش سىناق باسقۇچىغا كىردى. ئىگەللىنىشىچە، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى مەخسۇس ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئوپىراتىسىيەسى قىلىپ چوڭ يارا قالدۇرمايدىغان ماشىنا ئادەم سىستېمىسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئومۇرتقىدا چوڭ يارا قالدۇرماسلىق ئوپىراتسيەسىنىڭ پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنا ئادەم دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.
  مەنبە: خەلق گېزىتى تورى



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۇمۇرتقا ماشىنا ئادەم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماamanigul[2012-11-27 04:08 PM | del]
جۇڭگومۇ مىدىتسىنا  ۋە  باشقا جەھەتلەردىمۇ ھازىر دۇنيا بۇيىچە 1-ئورۇندا.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.