چۇمادۇ يەنە بىر ياشنىڭ جېنىغا زامىن بولدى


ياشلىرىمىز ئارىسىدا يامراۋاتقان چۇمادو « دورىسى » بۈگۈن يەنە بىر ئون گۈلىنىڭ توققۇزى ئېچىلمىغان تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىگەن بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى .
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۆنۈگۈن كەچ ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك بالىلار بىلەن شۇ « دورا » نى كۆپ ئېستىمال قىلغان ، بۈگۈن سەھەرلىكى باشقىلار ئويغىنىپ ، ئۇنى ئويغاتسا مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، دەپ يەنە ياتقان . باشقىلار شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتىشكەن .
( بۇ كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆز ئۆيىدە ياتمىغان ئىكەن )
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ، كېيىن باشقىلار ئۇ ياتقان ئۆيگە كىرسە ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن تىنىقى توختاپ بولغانلىقىنى كۆرۈشكەن .
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ « دورا » نى ئۇزۇن مۇددەت ئېستىمال قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن .
مېنىڭ تۇنۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ « دورا » نى ئۇزۇن مۇددەت ئېستىمال قىلسا ، پۇت ـ قول تۇيۇقسىز ئۇيۇشۇپ قېتىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ، بۇنداق ئىشنى تولا كۆرۈپ كەتكەنلەر قېتىپ قالغۇچىنىڭ كۆكسىگە مۇشت ياكى تېپىك بىلەن كۈچەپ ئۇرغاندىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالىدىكەن .
ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن كىشىنىڭ يېنىدا باشقىلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېغىر بولسا ئۆلۈم خەۋىپى كېلىپ چىقىدىكەن .
بۇ « دورا » يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتما ھورمونلارنىڭ ئايلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇزۇن مەزگىل ، كۆپ مىقداردا ئېستىمال قىلىنسا پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى نابۇت قىلىدىكەن .

بۇ « دورا » توغرىلىق ئىلگىرىمۇ بىرزات ئەپەندى 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىدا كۆپ توختالغان ئىدى .
خەنزۇچە توربەتلەرگە كىرىپ ئىزدىسىڭىز بۇ « دورا » نىڭ كاساپىتىدىن ئۆلۈپ كەتكەن خەۋەرلەرنىڭ ساماندەك ئىكەنلىكىنى « ئۆزھال » ئەپەندى ئېيتقان ئىدى .
بۈگۈن بۇ « دورا » يەنە بىر ياشنىڭ گۈلدەك ھاياتىنى نابۇت قىلدى .
شائىر - ئەپەندى تەييارلىغان .
يوللانغان ۋاقتى: 2009-3-24 22:28:43
ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. 80خالتا بلوگ ئەسەرلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. ئەگەر بۇ تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!!



[Birzat بۇنى 2010-07-12 08:39 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چۇمادو

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماablkm[2012-08-22 09:23 PM | del]
ئايالېمداھېسياتيوكماڭابېرماسلاتبارسڭېز
回复قايتۇرماblicfan[2010-12-10 04:08 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

يۇكسەل بىلوگىدىكى  "چۇمادو"نىڭ زىيانكەشلىكىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟  دىگەن 80 خالتا بىلوگىغا ئۇلىنىش قىلىنغان تېما نىمىشقا ئىچىلمايدۇ ؟  http://www.yuksel.me/133.html

مەقسىتىمنى ئۇدۇللا دەۋېرەي  "چۇمادو"نىڭ زىيانكەشلىكىدىن زادى قانداق قىلغاندا قۇتۇلغۇلى بۇلىدۇ ؟
ئەتراپلىق سېستىمىلىق داۋالىنىش كېرەكمۇ، ياكى قەتئې ئىرادىگە كىلىپ يىمەسلىك كېرەكمۇ ، نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .  تەپسىلى جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .

رەخمەت سىزگە !
回复قايتۇرماtordax[2010-07-13 12:11 AM | del]
نېمىشقا يەيدىغاندۇ بۇ مەرەزنى، مەجۈن يەپ ساراڭ بولسا، چۇمادو يەپ جىننى سىلىپ بەرسە، ھاراق-پىجو ئېچىپ بىلى بولشاپ كەتسە، ئۆتكەندە بىر پاكىستانلىق سودىگەر قەشقەر يەرمەنكىسىگە كەلگەچ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىشۋازلىقلىرىغا قاراپ پاكىستاننىڭ لۇبۇبى كەبىرلىرى بازار تاپقۇدەك. بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ جىنسىي ئىجتىدارى ئاجىزلاپ كەتكۈدەك دەپ ئىچىدە سودىغا چوت سوقۇپ قايتقانمىش.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.