تېبابەتتە سۆڭەك چوڭايتىدىغان دورا بارمۇ؟ [سۇئال-جاۋابلار]


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ،مەن بۇ يىل 32 ياشقا كىردىم ، نىكاھلانمغان ، بوي ئىگىزلىگىم1.80 سانتىمىتىر.60 كىلو كىلىمەن .بەدەن شەكلىم ئۇرۇق ،مىنىڭ قول -پۇتلۇرۇمنڭ سۈڭەكلىرى(ئۇستىخانلىرى)بەكلا كىچىك، ھەم قىسقا مىللى تىبابەتتە سۈڭەكنى چوڭايتىدىغان دورا بارمۇ؟ ئەگەر مەن سەمىرىپ قالسام بەدەن ئۇستخانلىرىم (قول -پۇتۇمنىڭ سۈڭەكلىرى )چوڭۇيۇپ، ئۇزۇن ھالەتكە كىلەرمۇ ؟تىبابەتتە سىناقتىن ئۆتكەن دورىلار بولسا تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟قانچىلك ۋاقىت داۋالانسام ياخشى بۇلۇپ كىتىمەن، مەن قانداق داۋالىنىشىم كېرەك؟تەپسىلى جاۋاپ بەرگيسىز؟رەخمەت،
جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
تېبابەتتە مەخسۇس سۆڭەك چوڭايتىدىغان دورا يوق. لېكىن ئادەم ئۇستىخىنىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلالماسلىقىغا سەۋەپچى بولغان ئامىلغا قارىتا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ داۋايى غىزا تۈرىدىكى، يەنى ھەم شىپا ھەم ئوزۇقلۇق بولىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىن ئىستىمال قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: گۈلقەنت ئابتابى(قىزىل گۈلقەنتنىڭ ئاپتاپتا پىشۇرۇلغىنى). مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ سۆڭەككە ئوزۇقلۇق بولىدىغان كالتىسىي قاتارلىق مۇھىم ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم ساپ قان پەيدا قىلىش رولى بار، سىزدىكى ئورۇقلۇققىمۇ ماس كىلىدۇ. مىزاجىڭىز سوغۇقراق بولسا، گۈلقەنتكە ياڭاق، قۇرۇتۇلغان قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلارنى يانداش قىلىپ يەڭ؛ ئەگەر مىزاجىڭىزدا ئىسسىقلىق يۇقىرى بولسا، گۈلقەنتكە ئانار شەربىتى ياكى بىھى شەربىتىنى يانداش قىلىپ يىسىڭىز بولىدۇ. بىر باسقۇچى بىر ئاي، جەمئىي ئۈچ باسقۇچ ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈن نۇرىغا پات-پات قاقلىنىشنىڭمۇ سۆڭەكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردىمى بار.
پەرھىز: لەڭپۇڭ، سېرىق ئاش، تەييار چۆپ، لازا-ئاچچىقسۇ قاتارلىق ئوزۇق تەركىبى كام بولغان، يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلەرنى كۆپ يىمىگەيسىز.




[Birzat بۇنى 2010-07-12 05:42 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تېبابەتتە سۆڭەك چوڭايتىدىغان دورا بارمۇ؟

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmaysam[2011-03-14 04:21 AM | del]
[b]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېرزات ئەپەندى ،بالامنىڭ سوڭىكى ئۆز ياشلىق بالىلارغا قارىغاندا تەڭ ياكى ئۇزۇن.لىكىن سۆڭىكى بەكمۇ ئىنچىكە.ئىككى ياشقا  كىرگەندە بورەكتە تاش بار دەپ داۋالىتىپ تاشنى چۇشۇرگەن ئىدۇق.كىيىن ئەھۋالى ياخشى  بۇلۇپ ئەمدى سەمىرىپ قالار دىۋىدۇق،يەنە بولمىدى.تامىقى بەك ياخشى،خىلى كوپ يەيدۇ.بىراق سوڭەك بەكمۇ ئوروق بولغانلىقتىن پەقەت سەمىرمىدى.3يىلدىن بىرى ھەسەلنى بىرىشنى توختاتمىدىم.ياغلاپمۇ بىرىۋاتىمەن.تاماق تۇرلىرىنىڭ كۇپ بولىشى،قۇۋۋەتلىك بۇلىشى،سىڭىشلىك بولىشىغا دىققەت قىلدىم.ھىچ ئۇنۇمى بولمىدى.بالام ئىيىغا تۇشماي تۇغۇلغان،شۇنىڭ زىينى بولدىمىكىن دەپ ئويلايمەن.تىنىمۇ بەك ئاجىز،ئاسان ئاغرىيدۇ،قانداق قىلسام بالامنىڭ سۆڭىكىنى چوڭايتقىلى ھەم سەمىرىتكىلى بولىدۇ؟[/b]
回复قايتۇرماjiuuiu[2010-11-24 01:48 PM | del]
ىەەىەداايىتيرتېتېريۇيۇۇييۇۇتيۇا
回复قايتۇرماmirawudun[2010-08-14 01:22 PM | del]
سىز دىگەن گۈلقەنت ئابتابىنى كالتىسى يەپ بولۇپ يەيمىزمۇ قانداق يەيمىز تەپسىلى دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.
回复قايتۇرماarpat[2010-07-29 08:43 PM | del]
ئۇيغۇر تىبابىتىدە بوي ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك رىستىپ بارمۇ؟
回复قايتۇرماyakya[2010-07-23 00:15 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېرزات ئەپەندى ..قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
مەن سورىماقچى بولغان سوئالمۇ قارىسام بۇنىڭغا چۈشۈپ قالىدىكەن.  مېنىڭ سۆڭىكىم ئانچە ئۇرۇق ئەمەس،لېكىن قىسقا.بۇ يىل 20 ياشقا كىردىم ،بوي ئىگىزلىكىم 1.62 .سۆڭىكىم بولۇپمۇ پۇت تەرەپ سۆڭىكىم قىسقىراق.بۇنىڭغا ئۇيغۇر تىبابىتىدە بوي ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك رىستىپ بارمۇ؟ ياكى سىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان گۇلقەنت بۇنىڭنىغىمۇ پايدا قىلامدۇ بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز ؟ سىلەر پىكىر يوللاشنى تاقىۋىتىپسىلەر نەگە يوللاشنى بىلمەي بۇ سوئالغا قارىسام ئوخشاشلىق باركەن شۇڭا سورىشىم ،جاۋاپسىز قالدۇرمىغايسىز !!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.